IPAC خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا قالغانلارنى قوغداشقا تىرىشماقتا

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.11.04
IPAC ئەزالىرى خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى IPAC يەنى «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» نى قۇرغان توققۇز دۆلەتنىڭ 18 داڭلىق پارلامېنت ئەزاسى.
Social Media

29-ئۆكتەبىر كۈنى «20 دۆلەت گۇرۇھى» ( G-20) يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن «20 دۆلەت گۇرۇھى» غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمغا يىغىلغانىدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» يەنى «ئايپەك» ( IPAC) نىڭ ئەزالىرىمۇ رىمغا توپلانغان بولۇپ، ئۇلار دۇنيا رەھبەرلىرىنى خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

«خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى»، يەنى «ئايپەك» نىڭ ئەزا دۆلەتلىرى «20 دۆلەت گۇرۇھى» غا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرىنى كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىقتىساد قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئوخشاشلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىسىنىڭمۇ ئېغىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. «ئايپەك» كە ئەزا بولغان 20 دۆلەتنىڭ 82 پارلامېنت ئەزاسى 29-ئۆكتەبىر كۈنى «قايتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ» ( DoNotExtradite) چاقىرىقنامىسىگە ئىمزا قويغان.

ئۇلار مەزكۇر چاقىرىقنامە ئارقىلىق بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇ دۆلەتلىرىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللىي ۋە دىنىي كىملىكى ياكى سىياسىي پائالىيىتى سەۋەبىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىق قىلغان. «ئايپەك» يەنە خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس بەلگە چىقارغان بولۇپ، بەلگىدە ئاشۇ كىشىنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرى ۋە خىتايغا ۋەياكى خوڭكوڭغا قايتۇرۋېتىلمەسلىك تەلىپى يېزىلغان.

«ئايپەك» نىڭ كوردىناتورى، يەنى ماسلاشتۇرغۇچىسى لۇك دى پۇلفورد ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «‹ئايپەك› نىڭ قىلىۋاتقىنى بولسا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا قالغانلارنى قوغداشنىڭ يوللىرىنى تېپىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىز شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي بىلەن جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا قالغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر بەلگە چىقاردۇق. بۇ بەلگىدە ئاشۇ بەلگە تەۋە بولغان كىشىنىڭ سىياسىي رېجىمنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكى، شۇڭا ھېچقايسى بىر دۆلەتنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ‹سىياسىي جىنايەتچى› دەپ قارالغان كىشىلەرگە قارىتا خىتاي بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنى ئىجرا قىلماسلىقى كېرەكلىكى يېزىلغان. ئەگەر ئۇلار يەنىلا قولىدا ئاشۇنداق بەلگىسى بار كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرسا ‹ئايپەك› تەرىپىدىن جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. بىز ئاشۇ سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە شۇنداق دەيمىزكى، بىز ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى قانۇن بەلگىلىگۈچىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قوللىنىشقا تېگىشلىك بارلىق كۈچلەرنى ئىشلىتىپ سىلەرنى قوغدايمىز، بىز سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردا».

كومپيۇتېر ئىنژېنېرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىدرىس ھەسەن 19-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن كاسابىلانكا ئايرودرومىدا ماراكەش دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانىدى. ئىدرىس ھەسەننىڭ تۇنجى سوتى 12-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتى ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن 5-قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن. «بىخەتەرلىكنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالدىنقى قېتىم 27-ئۆكتەبىر كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن ئىدرىس ھەسەننىڭ سوتى، ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن يەنە 24-نويابىر كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن.

لۇك دى پۇلفورد ئەپەندى ئىنتېرپول (خەلقئارا ساقچى) تەرىپىدىن «تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقىرىلغان قانچە كىشىنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوقلۇقىنى ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى خىلىلا ئېغىر. بىز خىتاي ‹تۇتۇش بۇيرۇقى› چىقىرىپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر قانچە كىشىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىمىز. بىز كىملەرنىڭ ئىنتېرپول تەرىپىدىن ‹قىزىل ھۆججەت› يەنى ‹تۇتۇش بۇيرۇقى› چىقىرىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. لېكىن ھازىرنىڭ ئۆزىدە ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرىس ھەسەن ۋە تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدىكى كىشىلەرنى بىلىمىز، يەنى سىياسىي رېجىمنىڭ خەتىرىدە تۇرۇۋاتقانلار. خىتاي بۇ ‹سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمنامىسى› نى ئۆزىگە قارشى چىققان كىشىلەرنى باستۇرۇشنىڭ قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ. ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىگە چىقىرىلغان ‹تۇتۇش بۇيرۇقى› ھەققىدە بىزنىڭ ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ قىلغان بېسىمى بىلەن ئىنتېرپولنىڭ خىتاي قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان سىياسىي جىنايەتچىلەرگە قارىتا قايتا ئويلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

ئىدرىس ھەسەن ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاينىڭ ماراكەش دائىرىلىرىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمنامىسى» گە ئاساسەن ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

لۇك دى پۇلفورد ئەپەندى خىتاينىڭ «سىياسىي جىنايەتچى» دېگەن نام بىلەن خىتايغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق جىنايەتكە چېتىشلىقى بولمىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي تەلەپ قىلىۋاتقان كىشىلەرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «شۇنىسىنى ناھايىتى ئېنىق تەكىتلەيمىزكى دۇنيا رەھبەرلىرى ۋە ئىنتېرپول خىتاينىڭ ‹سىياسىي جىنايەتچى› ھەتتا ‹تېررورىست› دېگەن ناملار بىلەن خىتايغا قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرنى قايتۇرماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇ جىنايەتلەر كۆپىنچە توقۇپ چىقىرىلغان. شۇڭا ھېچقانداق بىر دۆلەت خىتاي تەلەپ قىلغان ھەر قانداق بىر كىشىنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى كېرەك».

«خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» قىسقىچە ئايپەك(IPAC) دەپ ئاتالغان بۇ كومىتېت ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە روبېرت مېنېندېز، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى رېينخارد بۇتىكوفېر قاتارلىق مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرىدىن تەشكىل تاپقان. كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى «خەلقئارا تەرتىپنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى» دېگەن نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.