يېڭى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن قىلىدىغان تۇنجى چەتئەل زىيارىتىنىڭ بىرىنى ئافرىقا ئەللىرىگە قارىتىشى خىتاينىڭ ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىغا سېلىۋاتقان مەبلىغىنىڭ بۇندىن كېيىنكى يۆنىلىشى پەقەتلا ئافرىقىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئېكسپورت قىلىش ئەمەس، بەلكى ئافرىقىدا يىلتىز تارتىشقا قاراپ ئۆزگەرگەن. نۆۋەتتە بەزى ئافرىقىلىق ئىقتىسادشۇناسلار ئافرىقا ئەللىرىنى شەكلى ئۆزگەرتكەن ئىمپېرىيالىزمدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرماقتا.
خىتاي بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئارىسىدىكى تىجارەت ھەجمى 2000-يىلىدىكى 2 مىليارد دوللاردىن 2012-يىلىدىكى 200 مىليارد دوللارغا يەتكەن. خىتاي ھازىر ئافرىقىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كان مەھسۇلاتلىرى، توقۇمىچىلىققا ئوخشاش نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسى. خىتاينىڭ نۇرغۇن چوڭ كارخانىلىرى ھازىر ئافرىقىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ زاۋۇتلىرىنى ئۇ جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى.
خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇلار يارىتىۋاتقان مۇھىت مەسىلىلىرى، ئافرىقىلىق ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ۋە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا زادى كىمنىڭ كۆپ پايدا ئېلىۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئافرىقىدىكى مەۋجۇدىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن گۇمانلارنى، تالاش-تارتىشلارنى يارىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا، خىتاينىڭ ئافرىقا ئەللىرىدىكى تىجارىتىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدا يەتكۈزىدىغان مۇناسىۋەتلىكىنى، خىتاينىڭ ئافرىقا ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. ئەمما نېگىرىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئافرىقا ئەللىرىنى «رومانتىك چۈش» ئىدىن ئويغىنىشقا چاقىردى.
ئافرىقا شەكلى ئۆزگەرگەن ئىمپېريالىزمدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك
نېگىرىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى لامىدو سانۇسى ئافرىقا ئەللىرىنىڭ خىتاينى شېرىك دەپ قاراش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىلگىرىكى مۇستەبىت دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق گېزىت ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتىگە يازغان ماقالىسىدە قىلغان بولۇپ، ئۇ ئافرىقىنىڭ ھالسىز سانائەت ساھەسىنىڭ ئەرزان خىتاي ماللىرى تەرىپىدىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئافرىقىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ئىمپېريالىزمدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.
ئەمما ھازىر، خىتايدىن ئىبارەت بۇ زور ئېنېرگىيە ئىستىمالچىسىنىڭ ئافرىقىغا بولغان قىزىقىشى كۈنسايىن ئاشماقتا. يېڭى خىتاي رەھبەر شى جىنپىڭنىڭ رەئىس بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى چەتئەل زىيارەت بېكەتلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئافرىقا بولۇشىمۇ خىتاينىڭ ئافرىقا ھەققىدە نۇرغۇن پىلانلىرى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «خىتاي ئافرىقىنى قىزىلغا بويىماقچى» ماۋزۇلۇق ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن ئېشىپ، ھەربىي ھەمكارلىق ساھەلىرىگىچە كېڭەيگەن. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە شىركىتى سىنوپېك ۋە جەنۇبىي ئافرىقا ئېنېرگىيە زاۋۇتى پېترو سا يېقىندا 11 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا بىر نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قۇرۇش كېلىشىمى تۈزگەن. رويېتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل قۇرۇلۇشنىڭ پايدا ياراتمايدىغان بىر قۇرۇلۇشلىقىنى ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كۆپ نېفىت، گاز زاپىسىغا ئىگە بولمىغان بىر دۆلەتلىكىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ خىتاينىڭ ئافرىقىدا يىلتىز تارتىش، بۇ رايونغا ھۈل سېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى قۇرۇلۇش پىلانلىرى پەقەتلا خىتايغا خام ئەشيا ئېكسپورت قىلىشتىن ھالقىپ، ئافرىقىدا يىلتىز تارتىشقا قاراپ ئۆزگەرگەن.
ئافرىقا ئەللىرى چوقۇم «يىرتقۇچ» قا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك
نېگىرىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى لامىدۇ سانۇسىمۇ ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئافرىقىغا مەبلەغ سالغاندىن باشلاپ، ئافرىقىدا تاۋار ئىگىلىكى، مۇلازىمەت ۋە خىراجەتتە جانلىنىش كۆرۈلگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئافرىقىنىڭ ئومۇمىي مىللىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسى ئافرىقا دۆلەت رەھبەرلىرىنى تىجارەت شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلاشقاندا ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. لامىدۇ سانۇسى بولسا سۆزىدە ئافرىقا ئەللىرى رەھبەرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتاي ھازىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئەمەس، ئۇ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ. خىتاي ئافرىقا سانائىتىنىڭ كەينىگە چېكىنىپ كېتىشىدىكى، جۈملىدىن ئافرىقىنىڭ تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل» دەيدۇ. ئۇ ئافرىقا ئەللىرى چوقۇم بۇ «يرتقۇچ» قا تاقابىل تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ دۆلەت ياردەملىرى ۋە پۇل بىرلىكى ئارقىلىق تىجارەتتە ھەقسىز پايدا ئېلىۋېلىشىغا قارشى چىقىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى مەۋجۇتلۇقى يارىتىۋاتقان ئەندىشە پەقەتلا يۇقىرىدىكىلەر بىلەن چەكلىك ئەمەس. يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇلار يارىتىۋاتقان مۇھىت مەسىلىلىرى، ئافرىقىلىق ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، خىتاي ئىشچىلارنىڭ بۇ رايونلارغا كۆچۈرۈلۈشى، خىتاينىڭ ساختا دورىلىرىنىڭ ئافرىقا بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەر پارتلاپ چىقىپ، خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى خىتاينى ئافرىقىغا مەبلەغ سالغاندا ئافرىقىلىقلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا، ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئافرىقىغا قىلغان ۋەدىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قەغەز يۈزىدە قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.