ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبلىك گۆش باھاسى يەنىمۇ ئۆرلىشى مۇمكىن

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچىدىن چىقىدىغان گېزىتلەرگە 11-ماي كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «ئۈرۈمچى شەھەر مىقياسىدا ئۆز مەيلىچە، چارۋا-مال ۋە ئۆي قۇشلىرىنى قالايمىقان بوغۇزلاش قىلمىشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» چاپلاندى.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، ئورۇنلار ۋە شەخسلەر نەق مەيداندا بوغۇزلاپ سېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مال بوغۇزلاش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدىكەن، دائىرىلەر پۈتۈن شەھەر مىقياسىدا شەخسلەرنىڭ ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىنى بوغۇزلاشتا، بەلگىلەنگەن نۇقتىلاردا بوغۇزلاش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر چارىنى يولغا قويۇشىدىكى سەۋەب نېمە ؟ بۇنىڭ مۇسۇلمان ئىستېمالچىلار ۋە قاسساپلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا قانداق تەسىر ئېلىپ كەلمەكتە ؟ مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە ئىگىلىگەن مەلۇماتلار دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

يېقىندىن بۇيان، ئۆي قۇشلىرىدا قۇش زۇكىمى تارىلىشى، كالا ۋە باشقا چارۋا ماللاردا ئاقسىل كېسىلى، ئېغىز-تۇياق ياللۇغى كېسەللىكلىرى تارقىلىشى شۇنداقلا بازاردا ساختا زەھەرلىك گۆشلەرنىڭ تارقىلىشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە بىر قاتار جىددىي ۋە قاتتىق چارىلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى. يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتمۇ چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنى ئۆز ئالدىغا بوغۇزلاشنى چەكلەش توغرىسىدا مەخسۇس بەلگىلىمە يولغا قويۇشقا باشلىغان.

مەركىزى شەھەر گېزىتىنىڭ 11-ماي سانىدا بۇنىڭغا دائىر بېسىلغان ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىدا، ئۈرۈمچىدە چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنى ئۆز مەيلىچە بوغۇزلاش قىلمىشى قاتتىق چەكلەنگەندىن سىرت، شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆي قۇشلىرى ۋە چارۋا بېقىشقا بولمايدىكەن.

دائىرىلەر بۇنىڭدىن كېيىن بەلگىلەنگەن نۇقتىلاردا بوغۇزلاش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرىمى يەنى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت مەزگىلىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نۇقتا قىلىپ بەلگىلىگەن سورۇنلاردا مال بوغۇزلاشقا بولىدىكەن. دائىرىلەر بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، مەزكۇر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى پاش قىلىش تېلېفون نومۇرلىرىنىمۇ ئېلان قىلغان.

بىز ئۇقتۇرۇشقا چاپلانغان بۇ ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونىدىن بىرىگە تېلېفون قىلدۇق، ئەمما مەسئۇل خادىم، بۇ بەلگىلىمىنى چىقىرىشتىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈشنى رەت قىلدى.

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ھالال ئۆي قۇشلىرى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى، يېقىندىن بۇيان توخۇ قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىدا قۇش زۇكام بايقىلىپ مال باھاسى ئۆرلىگەندىن سىرت، بازارنىڭ ئازلاپ قالغانلىقىنى، دۇكاننىڭ زىيانغا مېڭىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئۇقتۇرۇشتىن كېيىن بازارنىڭ يەنىمۇ كاساتلىشىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېچىلغان مۇسۇلمانلار قۇشخانىسىدا گۆش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئۇيغۇر، دائىرىلەرنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىشىغا يېقىندىن بۇيان چارۋا ماللاردا ۋە ئۆي قۇشلىرىدا كېسەل تارقالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى، يەنە بىر تەرەپتىن بازاردىكى ئۆز ئالدىغا بوغۇزلاپ سېتىۋاتقان گۆشلەرنىڭ دائىرىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەنلىكى، باج تۆلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەسلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ تىجارەتچى گەرچە بۇ خىل چەكلەش زۆرۈر بولغاندىمۇ، بىر تەرەپتىن گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن پەقەت قاسساپلىق قىلىپ جان بېقىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا تەس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، ئاھالىلەرگە «ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بەلگىسى مۇكەممەل بولمىغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىق، ئىشلەتمەسلىك كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن. ئەمما ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، نۆۋەتتە گۆش بازىرىدا نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان سۈپەتتىكى گۆش مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار يەنىلا بازاردا قاسساپلار ئۆزى بوغۇزلىغان ماللارغا بەكرەك ئىشەنچ قىلىدىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۆش مەھسۇلاتلىرى تىجارەتچىسىمۇ، دائىرىلەرنىڭ بۇ خىل چەكلەش بىلەنلا ھازىرقى ئۈرۈمچى گۆش مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزىتىپ بولالمايدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئويلىغان بولسا، مۇھىمى گۆش بازىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدىن كېلىۋاتقان بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشمۇ تەس بولغان گۆش مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.