قارامايدىكى مەسچىتلەرگە قارىتىلغان تەقىبلەش كۈچەيگەنلىكى مەلۇم

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2015.12.22
qaramay-shimaliy-qurulush-meschit-iane-sanduqi-305.jpg قاراماي شىمالى قۇرۇلۇش مەسچىتى ئىئانە ساندۇقى.
RFA/Éhsan

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، دائىرىلەر نۆۋەتتە قارامايدىكى مەسچىتلەرگە قارىتىلغان تەقىبلەشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ خىلدىكى تەقىبلەشلەر مەسچىتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى كونترول قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان.

قارامايدىكى دىنىي زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەسچىتلەردىكى تەبلىغلەرمۇ خىتاي قانۇنى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغاندىن سىرت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەسچىتلەردىمۇ سىياسىي ئۆگىنىش يولغا قويۇلغان. ئۇلار مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ھەر ھەپتىدە بىر نەچچە سائەت، قانۇن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆججەتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىدىكەن.

بىز قاراماي شەھىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قاراماي شەھىرىگە قاراشلىق 9 مەسچىتنىڭ ئىجارە دۇكانلىرىنىڭ پۇلىنى، سەدىقە-زاكات، ئىككى ھېيت نامىزىدا چۈشكەن ئىقتىسادىنى، قاراماي شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ قارمىقىدىكى «مالىيە ئىشخانىسى» بىر تۇتاش باشقۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىشخانىسى قاراماي شەھەرلىك شىمالىي قۇرۇلۇش مەسچىتىنىڭ ئىجارە ئۆيىدە تەسىس قىلىنغانلىقى، قاراماي شەھىرىدىكى مەسچىتلەر كىرگەن كىرىملىرىنى ۋاقتىدا مالىيە ئىشخانىسىغا تاپشۇرىدىغانلىقى، چىقىم قىلماقچى بولسا، قاراماي رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىگە ئىلتىماس يېزىپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئاندىن پۇلىنى مالىيە ئىشخانىسىدىن ئالالايدىغانلىقى قاتارلىقلاردىن خەۋەر تاپتۇق.

قاراماي شەھەرلىك ئالغا يولى مەھەللىسى مەسچىتى «1-زاۋۇت مەسچىتى» ئىدارە ھەيئەتلەر گۇرۇپپا باشلىقىدىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، ئۇ، دائىرىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان ئۆگىنىشلىرى ۋە مەسچىتنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىمىزغا قارىتا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: « قاراماي رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئايدا نەچچە قېتىم سىياسىي ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. مەركەزنىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنى ئوقۇپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز.»

بىز مەسچىت ئىقتىسادىنى قايسى ئورۇن ۋە كىملەرنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، قاراماي شەھەرلىك شىمالىي قۇرۇلۇش مەسچىتى ئىمامى ھاجى ئەكبەردىن بۇ ئەھۋاللارنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ، مەسچىتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى قاراماي شەھەرلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ قارمىقىدىكى «مالىيە ئىشخانىسى» بىر تۇتاش باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.