تۈركىيەدە «ئۇيغۇر قاراخانلى» ماركىلىق قوغۇن بازارغا سېلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2015.08.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Uyghur-qaraxanli-qoghun-turkiye-1.jpg ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار يېتىشتۈرگەن «ئۇيغۇر قاراخانلى» ماركىلىق قوغۇن بازارغا توشۇلماقتا. 2015-يىلى ئاۋغۇست، تۈركىيە.
RFA/Arslan

26-ئاۋغۇست تۈركىيەدە «ئۇيغۇر قاراخانلى» ماركىلىق قوغۇن بازارغا سېلىندى. ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر باشچىلىقىدا بىر قانچە كىشىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ مانىسا شەھىرىگە قاراشلىق بىر رايوندا 120 مو يەرگە قوغۇن تېرىغان بولۇپ، بۇ قوغۇنلار ھازىر پىشىپ بازارغا سېلىندى.

قوغۇن تېرىغان ئابدۇللاھ ئەپەندىدىن ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇ قوغۇننىڭ ئۇرۇقى ئۇيغۇر رايونىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، قوغۇنغا «ئۇيغۇر قاراخانلى» قوغۇنى دەپ نام بېرىلگەن ۋە شۇ نام ھۆكۈمەتكە ئەنگە ئالدۇرۇلۇپ پاتېنت ھوقۇقى تەستىقلىتىلغان.

ئابدۇللاھ ئەپەندى ئۆتكەن يىلىمۇ بۇ خىل قوغۇن تېرىغان بولۇپ، قوغۇنلار سېتىلىشتىن بۇرۇن زېدە بولۇپ كېتىپ ياخشى پايدا ئالالمىغان ئىكەن. لېكىن بۇ يىل قوغۇنلار ئۆتكەن يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ياخشى ھوسۇل بەرگەن. ئۇ، ئۆتكەن يىلى ئالغان تەجرىبىگە ئاساسەن قوغۇنلارنى قايتا تېرىغانلىقىنى ۋە ياخشى ھوسۇل ئېلىشقا ئۈمىد باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللاھ ئەپەندى بۇ يىلقى قوغۇنلاردىن 150 توننىدىن كۆپرەك ھوسۇل ئېلىشنى تەخمىن قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابدۇللاھ ئەپەندى تۈركىيەدە «ئۇيغۇر قاراخانلى» دېگەن ماركىنى ساقلاپ قېلىشقا ۋە بۇ ماركىلىق قوغۇننى تۈركىيەدە تونۇتۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ماركىنى تۈركىيەدە قانۇنلۇق تەستىقلىتىپ پاتېنت ھوقۇقىنى ئالغانلىقىنى ۋە قوغۇنلارنى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، مانىسا ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىرىدىكى توپ سېتىش بازارلاردا سېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە بۇ ھەقتە ئۆتكەن يىلى بۇ قوغۇننى تېرىشتا ئورتاق بولغان ئابباس قارىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابباس قارىم ئۆتكەن يىلى تېرىغان قوغۇن بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن تەمى ياخشى بولغاچقا تۈركلەرنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋالغانلىقىنى، بۇ يىلمۇ قوغۇننى سوراۋاتقانلارنىڭ كۆپلۈكىنى، يەنى «ئۇيغۇر قاراخانلى» ماركىلىق قوغۇننىڭ كەلگۈسىدە تۈركىيەدە چوڭ بازار تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.