خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بىر يول، بىر بەلۋاغ» پىلانى ئۈچۈن خىتاي نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، بۇنىڭ تۇنجى قۇرۇلۇش قەدەملىرىنى تاشلاپ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئەمما مۇرەككەپ بىر جۇغراپىيىلىك ئورۇنغا توغرا كېلىدىغان بۇ زور ئىش پىلانىنى خىتاينىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى غەربلىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە. ۋال سترىت ژۇرنىلىدا ئەنجۇ بروۋنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر يېڭى يىپەك يولى پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پەقەت خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ بولۇشىلا يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، ھەربىي ۋە دىپلوماتىيىگە تاقىشىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىللاردا خىتاي يەنىلا غەربنىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەن.
خىتاينىڭ ئىقتىسادىي دىپلوماتىيىسىدىكى مۇھىم ئىش پىلانلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان «بىر يول، بىر بەلۋاغ» پىلانى چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بۇ ھەقتە ئىلگىرىمۇ بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر مۇلاھىزىلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى. خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەردىن ئەنجۇ بروۋنى بۇ ھەقتە ۋال-سترىت ژۇرنىلىدا مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ، مەزكۇر پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ بولغان ئامىللارنى مۇلاھىزە قىلغان. ئەنجۇ بروۋنى خىتاي «بىر يول، بىر بەلۋاغ» پىلانىنى غەربنىڭ ياردىمىسىز، يالغۇز ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ، غەرب دۆلەتلىرىنى بۇ پىلانغا شېرىك قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرىنى ئىقتىسادىي پىلاننىڭ بۇ مۇرەككەپ جۇغراپىيىلىك رايوندا مۇقىملىق يارىتىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشى كېرەك، دېگەن.
ئۇ ماقالىسىدە ئالدى بىلەن خىتاي ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتىگە غەربنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان تا شىمالىي ئامېرىكىدىن ئوتتۇرا شەرققىچە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ۋە ھازىر ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ يۈزلەنگەن رادىكال ئىسلامچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ غەربى رايونىدىكى بوسۇغىسىدا ئاياغلىشىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە تىرىشماقتا. ئەمما چېگرادىن ھالقىغان تېررورلۇق ھەرىكەت ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەنلەر گۇمانلىق دەپ قارالماقتا. نۇرغۇن غەربلىك خەۋپسىزلىك ئانالىزچىلىرى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار قىلغان ھۇجۇملارنىڭ خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىدىن بەكرەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا قىلىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىملىرىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.»
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ «بىر يول، بىر بەلۋاغ» پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ يېڭى ئىدىيە، ھەربىي كۈچ ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرغۇدەك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
ئاپتور ئەنجۇ بروۋنى خىتاي ھەققىدە يېزىلغان باشقا كىتابلاردىن نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، مۇشۇ چاققىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارىماي، ئىسلامچى مىللىتانلارنىڭ خىتايغا چىقىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەبنىڭ خىتاينىڭ بۇ مىللىتانلار بىلەن «سەن مېنىڭ ئىشىمغا ئارىلاشما، مەنمۇ سېنىڭ ئىشىڭغا ئارىلاشمايمەن» دېگەن سىياسەت بويىچە مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن :«بۇنداق زور بىر پىلاننى يالغۇز ئىشقا ئاشۇرۇش خىتاي ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، تېخنىكىسى بار ۋە پاكىستاننى ئاساس قىلغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىمۇ بار. ئەمما خىتاي بۇنداق بىر مۇرەككەپ خەۋپسىزلىك مەسىلىسى مەۋجۇت بىر رايوندا پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ھەربىي مەۋجۇتلۇق ۋە تەجرىبىدىن يوقسۇن. خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن ‹باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق› دەيدىغان سىياسىتىمۇ ئۇنىڭ سىياسىي كۈچىگە چەكلىمە قويىدۇ. خىتاينىڭ پارىژ ھۇجۇمىغا قايتۇرغان ئىنكاسىمۇ ھەمكارلىق ئالدىدىكى توسالغۇلارنى كۆرسىتىپ بەردى. مەسىلەن، خىتاي دائىش تېررور تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، خىتايمۇ تېررورلۇقنىڭ قۇربانى، دەپ ۋايسىدى ۋە غەربنى شىنجاڭدىكى تېررور تەھدىتىگە «ئىككى خىل ئۆلچەم» قويۇش بىلەن ئەيىبلىدى.»
ئەنجۇ بروۋنىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، بەزى كۆزەتكۈچىلەر «بىر يول، بىر بەلۋاغ» پىلانىنى پەقەت خىتاينىڭ ئارتۇقچە پولات ۋە ماشىنىسازلىق سانائىتى ئەسلىھەلىرىنى قولدىن چىقىرىدىغان ۋاسىتىسى، دەپ قارايدىكەن. يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ پىلاننى قوراللىق كۈچلەرنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، دەپ قارايدىكەن. شۇڭا ئاپتور ئەنجۇ بروۋنى خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇش پىلانى ئۈچۈن سالغان مەبلەغلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاينىڭ ھەم ھەربىي كۈچىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ۋە رايون خاراكتېرلىك سىياسەتتە تەرەپ تۇتۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلغان. ئەمما نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاينى بۇنداق بىر خەۋپكە تەۋەككۈل قىلىشقا تەييار ئەمەس، دەپ قارايدىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ ھازىرغىچە خىتاينىڭ نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەردە پاسسىپ بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى بىلەن بۇ پىلانىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.