خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى خۇسۇسىلاشتۇرۇش پىلانى مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىشى مۇمكىن
2014.08.21

ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نېفىت، تەبئىي گاز، كۆمۈرچىلىك، ئېلىكتىر ئېنىرگىيە، تۆمۈريول ۋە باشقا ئىگىلىك تۈرلىرىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، نۆۋەتتە، دائىرىلەر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بۇ كارخانىلارنى دۆلەت ۋە خۇسۇسىلارنىڭ بىرلەشمە ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىگىلىك شەكلىگە ئۆزگەرتىشكە كىرىشكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىل 2 - ۋە 6 - ئايدا چاقىرىلغان ئىككى قېتىملىق يىغىنىدا، مەخسۇس خۇسۇسىلاشتۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «بۆسۈش خاراكتېرلىك» بەزى سىياسەتلەرنى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىسلاھ قىلىنىپ، بۇ رايوندىكى نېفىت، تەبىئىي گاز كارخانىلىرىنىڭ خۇسۇسىلارغا ئېچىلىشى زور پۇرسەت، دېگەن.
بىراق، ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادى پەنلەر دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىننىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ بىر پۇرسەت بولۇشى گۇمانلىق.
پەرھات بىلگىن: ئىقتىسادنى خۇسۇسىلاشتۇرۇش خىتايدىكى ئومۇمى يۈزلىنىش. جۇ رۇڭجى باش مىنىستىر ۋاقتىدا بۇنى يولغا قويغان. لېكىن 2003 - يىلدىن باشلاپ بۇ توختاپ قالدى. يېڭى ھۆكۈمەت چىققاندىن كېيىن بۇنى قايتا ئوتتۇرىغا قويدى. ئىقتىسادنى خۇسۇسىلاشتۇرۇش بازار ئىگىلىكنىڭ ئىقتىسادتىكى ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن. ئەمدى، بۇنىڭدا بىر قانچە سەۋەب بار. بىرى، خىتايدا ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، بولۇپمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنىڭ بەك كۆپىيىپ كېتىشى. يەنە بىرسى، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ بەك تۆۋەن بولۇشى. بۇ ھۆكۈمەتكە بىر يۈك بولۇپ قالغان. شۇڭا، شەخسىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ كىرىپ، بۇ يۈكنى يەڭگىللىتىش. خىتاي بۇنى بىزنىڭ ۋەتەندە يەنى شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويماقچى.
مۇخبىر: بۇ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئىقتىسادىدا قانداق ئۆزگىرىش ياسايدۇ؟
پەرھات بىلگىن: شەرقىي تۈركىستاندا پۇل تاپقىلى بولىدىغان نۇرغۇن سانائەتلەر بار. مەسىلەن، كان بايلىقى. بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت بىلەن گاز بار، كۆمۈر ۋە ھەر خىل كان بايلىقى بار. بۇ رۇسىيەدىمۇ بولغان، كوممۇنىستلار يىقىلغاندىن كېيىنكى خۇسۇسىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە، خىتايلار چوقۇم بۇنى ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا بېرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا ئۇنچىلىك كۆپ پۇل يوق، ئەگەر بولغان تەقدىردىمۇ بۇنى ئۇيغۇرغا بەرمەيدۇ. نەتىجىدە، بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق چوڭ كارخانىلاردا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار ئەسلىدىنلا ئاز. بۇ چوڭ كارخانىلارنى شەخسلەر قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بىرىنچى قىلىدىغان ئىشى ئادەم قىسقارتىش. ئۇ چوڭ كارخانىلارنى سېتىشتىكى مەقسەت ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇڭا ئۇنى ساتىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى قىلىدىغان ئىشى ئادەملەرنى قىسقارتىش. بۇنىڭدا چوقۇم ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلار ئۇيغۇرلار.
مۇخبىر: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئىشتىن بوشىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر مىخانىزىم يوق - دەڭە؟
پەرھات بىلگىن: يوق، مەسىلەن، ئامېرىكىلاردا بار. ئۇنداق بىر مىللەتنى ياكى بىر توپنى قالايمىقان ئىشتىن بوشۇتىۋېتىدىغان ۋەقە بولمايدۇ، ئەركىن دۆلەتلەردە. لېكىن خىتايدا ئۇنداق مىخانىزىم يوق، يەرلىك خەلقنى قوغدايدىغان، يەرلىك خەلقنى مانچە پىرسەنت ئالىسەن دەيدىغان ئۇنداق قانۇن يوق.
مۇخبىر: خىتاي چوقۇم بۇنداق بىر مىخانىزىمنى تۇرغۇزۇشى زۆرۈرمۇ؟
پەرھات بىلگىن: ئەگەر تۇرغۇزمىسا بۇنداق تەڭپۇڭسىزلىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ئۇيغۇرلار تېخىمۇ ئىشسىز قالىدۇ. يەنە بىر نەرسە، بۇرۇنقى كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن، گاز، نېفىت ئېچىشى ۋە باشقا مەدەنلەرنى ئېچىشى چەكلىك ئىدى. لېكىن بۇ ساھەگە ئەمدى شەخسلەر كىرىپ، بۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆتۈرسە، كان بايلىقىنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇيغۇر ئىشسىز قالىدۇ بىر، تەڭپۇڭسىزلىق كۈچىيىدۇ ئىككى، ئۆزىنىڭ كان بايلىقىدىن خىتايلار تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىدۇ ئۈچ.
مۇخبىر: خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» دىكى بىر ماقالىدە، خۇسۇسىلاشتۇرۇش يەرلىكتىكى مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، چۈنكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئېلىپ ئىچكىرىنى باي قىلدى، يەرلىك نامرات قالدى، دەپ كېلىنگەن. خۇسۇسىلاشتۇرۇش بۇ خىل چۈشەنچىلەرگە خاتىمە بېرىشكە پايدىلىق، دەيدۇ. سىز قانداق باھا بېرىسىز بۇ قاراشقا؟
پەرھات بىلگىن: بۇلار 50 - 60 يىلدىن بېرى ياخشى گەپ قىلىپ كەلدى. لېكىن بىزنىڭ كۆرىۋاتقىنىمىز بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ ئالاسكا شتاتىدا ناھايىتى كۆپ نېفىت بار. ئەگەر بىر نېفىت شىركىتى بېرىپ نېفىت قازىمەن دېسە، ئالاسكا ھۆكۈمىتىگە قانچىلىك پۇل تۆلەش، يەرلىك خەلقتىن قانچىلىك ئىشچى ئېلىش دېگەن قانۇنلىرى بار. ئۇلار ئۇنىڭغا چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك، ئەمەل قىلمىسا، خەلق ھۆكۈمەتنى سوتقا ئېلىپ چىقىدۇ. لېكىن خىتايدا ئۇنداق مىخانىزىم يوق. گەپ ناھايىتى چىرايلىق. مەسىلەن، 2009 - يىلى ۋەقە چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز، دەپ قويۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قىرىشقا باشلىدى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇن چىقىرىپ، چوقۇم يەرلىك خەلققە مۇنچىلىك پايدا بېرىسەن، مۇنچىلىك ئادەم ئالىسەن ياكى خۇسۇسىلاشتۇرغاندا يەرلىك خەلقنىڭ نىسپىتى مۇنچىلىك بولىدۇ، دەپ قانۇن چىقىرىپ، چوقۇم ئىجرا قىلمىسا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرغا ھېچقانداق پايدىسى تەگمەيدۇ.
مۇخبىر: بۇ تەڭپۇڭسىزلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرسا ۋە كېڭەيتسە، بۇ قارشىلىق ۋە مۇقىمسىزلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە، ئۇيغۇر - خىتاي زىددىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىشىگە ئېلىپ بېرىدۇ، دېگەنلىك بولمامدۇ؟
پەرھات بىلگىن: بۇ ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى، بىر خەلق ئۆزىنىڭ زېمىنىدا شۇنچىلىك كەمبىغەل، باشقا يەردىن كەلگەنلەر ناھايىتى باي ياشايدۇ، ھەممە نەرسىنى كونترول قىلىپ. ئۇنداق بولغاندا بۇ ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە ئاپارسا، بىز ئۇيغۇرلار ناھايىتى قانائەتچان تۇرىمىز، باشقا يەردە بولسا ئاللابۇرۇن زور ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغان بولاتتى.
مۇخبىر: بازار ئىگىلىكىدە پۇل قەيەردە مۇقىملىق بولسا شۇ يەرگە بارىدۇ ھەم خۇسۇسى ئىگىلىكنى تەشەببۇس قىلىش، ھەم مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈش، بۇ ئىككىسى بىر - بىرىگە بىر ئاز زىت ئامىل بولۇپ قېلىۋاتامدۇ، قانداق؟
پەرھات بىلگىن: بۇلار بىىر - بىرىگە زىت ئامىل. ھازىر بىزنىڭ ۋەتەندىكى ئىقتىسادى قۇرۇلمىغا قارىساق، ئاساسلىق قىسمى قېزىلما بايلىقلار. بۇنىڭغا ھۆكۈمەت كاپالەتلىك قىلسىلا بۇنىڭدا داۋاملىق پۇل تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىراقتىمۇ داۋاملىق ئۇرۇش بار، نېفىت كارخانىلىرى ياخشى پۇل تاپالايدۇ، يەنىلا. چۈنكى، بۇ خىل ئىگىلىكنىڭ بازىرى مۇقىم، ياخشى پايدا ئالالايدۇ، ئۇ كارخانىلارنى ئاچىدىغان يەرلەر خەلق توپلاشقان يەرلەردىن يىراقراق. لېكىن يەنە بىر ساھە بار، ئۇ بىزنىڭ ۋەتەننىڭ ئۆزىنىڭ بازىرىغا تايىنىدىغان. مەسىلەن، سودا - سېتىق دەيمىز، يېنىك سانائەت، دېگەندەك. ئەمدى بۇ ساھەگە مەبلەغ سالغان ئادەم زىيان تارتىدۇ. مەسىلەن، ئايروپىلاننى مىسال ئالساق، مۇقىمسىزلقى بولسا خەلق ئۇنداق يەرگە كەلمەيدۇ. 2009 - يىلى ۋەقە چىققاندا خىتاي ساياھەتچىلەر كەلمىدى. ساياھەتچى كەلمىسە، بۇ خىل شىركەتلەر زىيان تارتىدۇ. سودا - سېتىق قىلىدىغان شىركەتلەر زىيان تارتىدۇ. لېكىن قېزىلما بايلىقنى ئاساس قىلىدىغان شىركەتلەردە يەنىلا پايدا بار.
مۇخبىر: دېمەك، بۇ يەردە دائىرىلەر تەدبىر ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خۇسۇسىلاشتۇرۇشقا قاتنىشىشىغا يول قويمىسا، ئەمەلىيەتتە بۇ قارشىلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېگەن گەپ چىقىدۇ؟
پەرھات بىلگىن: بىرسى، ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ بۇ ساھەگە قاتنىشىشىغا يول قويۇشى كېرەك. يەنە بىرسى، ھەر قانداق بىر كارخانىچىغا چوقۇم يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىك ئىشچى ئېلىش كېرەك، دەيدىغان بىر قانۇن بولۇشى كېرەك. ھازىر ئىقتىسادتىلا ئەمەس، مەدەنىيەت، سىياسى جەھەتتىكى بېسىممۇ ناھايىتى كۈچلۈك. ھەر جەھەتتىن تەدبىر قوللانمىسا، بۇ خۇسۇسىلاشتۇرۇش ئۇيغۇر - خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادى تەڭپۇڭلۇقنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ يەردىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.
مۇخبىر: كۆپ رەھمەت سىزگە، پەرھات ئەپەندى.
پەرھات بىلگىن: ئەرزىمەيدۇ.