بۇ يىل يازدىن باشلاپ «يېڭىسار پىچىقى» نىڭ بازىرى كاساتلاشقان

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل يازدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆت چوڭ داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتنىڭ بىرى بولغان «يېڭىسار پىچىقى» نىڭ بازىرى كاساتلاشقان.

دائىرىلەر «كۇنمىڭ ۋەقەسى» دىن «يەكەن قىرغىنچىلىقى» غىچە بولغان بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەر جەريانىدا ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ پىچاق ۋە باشقا تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن قوراللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇنىڭ بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىچاق ۋە باشقا تىغلىق ئەسۋابلارغا بولغان كونتروللۇقى ھەسسىلەپ كۈچەيگەن. ئىلگىرى ھەممە ئېتىراپ قىلغان ۋە داڭلىق يەرلىك مەھسۇلات دەپ قارالغان ئۇيغۇر پىچاقلىرى خۇددى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىغا ئوخشاشلا خىتاي دائىرىلىرىنى تىنىمسىز بىئارام قىلىشقا باشلىغان.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ساقال-بۇرۇت قويۇپ يېنىغا پىچاق ئېسىپ يۈرىدىغان ئۇيغۇر ئەرلىرى دائىرىلەرنىڭ نۇقتىلىق تەقىب قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ پىچاق ۋە باشقا تىغلىق ئەسۋابلار، ھەتتا مېۋە ئاقلايدىغان قەلەمتىراچلارغا قەدەر كونترول قىلىنغان.

ئۈندىدار، فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر قاسساپلىرى ئىشلىتىدىغان پالتا-پىچاقلارمۇ بىر مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇلىدىكەن. ساقچىخانىنىڭ مەخسۇس ساقچىلىرى ھەر كۈنى سەھەردە قاسساپچىلىق دۇكانلىرىغا كېلىپ قاسساپلارنىڭ پالتا-پىچاقلىرىغا زەنجىر سېلىپ بىر ئۇچىنى قۇلۇپلايدىكەن. كەچقۇرۇنلۇقى يەنە كېلىپ قاسساپلارنىڭ پالتا-پىچاقلىرىنى بىخەتەرلىك ساندۇقىغا سېلىپ قۇلۇپلاپ كېتىدىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، دائىرىلەر پىچاق تۈرىدىكى تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا ئېلىپ بېرىلىشىغا، ھەتتا خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن چەتئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ يەرلىك مەھسۇلات سۈپىتىدە «يېڭىسار پىچىقى» سېتىۋېلىپ ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىشىغا يول قويمىغان.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتى بولۇپ كەلگەن «يېڭىسار پىچىقى» نىڭ بازىرى بۇ يىل يازدىن باشلاپ بىراقلا ئۆلگەن. قەشقەر تەۋەسىدىكى مەخسۇس پىچاقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەرلىك ھۈنەرۋەن-ئۇستىلاردىن تارتىپ، ئۈرۈمچىدىكى «يېڭىسار پىچىقى» نى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توپ ساتىدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە قەدەر ھەممىسى زىيان تارتقان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دۇكانلىرىنى تاقاشقا مەجبۇر بولغان.

بۈگۈن ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ يېڭىسار پىچاقلىرى كەسپىي جەمئىيىتى» نىڭ بىر خىتاي مەسئۇل خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل پىچاق سودىسىنىڭ قاتتىق كاساتلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەر سەۋەبلىك «يېڭىسار پىچىقى» سودىسىنىڭ بىراقلا ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمما دائىرىلەرنىڭ پىچاق سودىسىغا قويغان چەكلىمىسى ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

مەلۇمكى، «يېڭىسار پىچىقى» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر پىچاقچىلىقى قانچىلىغان ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ نادىر ئۈلگىسى سۈپىتىدە بازار تېپىپ كەلگەن.

پىچاق ئېسىش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ئادىتى سۈپىتىدە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ پىچاق تۈرىدىكى تىغلىق ئەسۋابلارنى چەكلىشى «يېڭىسار پىچىقى» نىڭ تەقدىرىنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرغان.

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن يېزا قاراباش كەنتى ئۇزاقتىن بۇيان پىچاقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن يۇرت. ھازىر بۇ كەنتتە جەمئىي 1560 كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 600 دىن ئارتۇق ئادەم مەخسۇس پىچاقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۈنەرۋەن-كاسىپلار ئىكەن. مەزكۇر كەنتنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقارغان پىچاقلىرى 20 مىڭ دانىدىن ئاشىدىكەن. ھالبۇكى، بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ قاراباش كەنتىنىڭ پىچاقچىلىق سودىسى قاتتىق كرىزىسقا دۇچ كەلگەن. بولۇپمۇ 28-ئىيۇل «يەكەن قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن دائىرىلەر پىچاق تۈرىدىكى تىغلىق ئەسۋابلارنى بىراقلا چەكلىگەن. سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ پىچاق سېتىۋالمايدىغان بولغان.

«لوس-ئانجېلېس ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جۇلىيە ماكىنەن بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېڭىسار ناھىيىسىدە مەخسۇس زىيارەتتە بولغان. ئۇ «ئۇيغۇر پىچاقلىرىنىڭ جۇڭگودىكى بازىرى كاساتلاشتى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:
«يېڭىسار ناھىيىسى ئۇيغۇر پىچاقچىلىقىنىڭ ئەڭ كۆرنەكلىك مۇنبىرى. يېڭىسار ناھىيە بازىرىغا كىرىش ئېغىزىدا تىكلەنگەن تەخمىنەن 9-10 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ‹يېڭىسار پىچىقى› نىڭ مودېلى يىراق-يىراقلاردىن كۆزگە چېلىقىدۇ. ھالبۇكى، پىچاقچىلىق بىلەن داڭقى چىققان بۇ ناھىيەگە بۈگۈنكى كۈندە بارسىڭىز، پىچاق تاپالمايسىز. پىچاق ساتىدىغان دۇكانلارمۇ ھەم پىچاق ئىشلەپچىقىرىدىغان يەرلىك كارخانىلارمۇ تاقالغان. بۇ يەردىكى پىچاق سودىسىنىڭ بىردىنلا كاساتلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى ھېچكىم سىزگە دەپ بېرىشنى خالىمايدۇ ھەم دېيەلمەيدۇ…»

ئىگىلىشىمىزچە، يەكەن قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن دائىرىلەر پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدا پۇقرالارنىڭ پىچاق ئېلىپ يۈرۈشىنى ياكى پىچاق سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قاتتىق مەنئى قىلغان. بۇيرۇق خاراكتېرلىك بۇ چارە پىچاقچىلىق كەسپى بىلەن ئۆرە تۇرۇۋاتقان يېڭىسار خەلقىنىڭ تىرىكچىلىك يولىنى توسۇپ قويغان.

خەۋەر تېپىشىمىزچە، يېڭىسار دائىرىلىرى نۆۋەتتە كىرىم مەنبەسى ئۈزۈلگەن ھۈنەرۋەن-كاسىپلارنى پىچاق ئىشلەشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، ۋىلكا-پىچاق دېگەندەك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشقا ئۈندەۋاتقانلىقى مەلۇم.