خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق «يېڭى يىپەك يولى» ئۇيغۇرلارغا غايەت زور خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ
2014.11.13

خىتاينىڭ قۇرۇقلۇقتىكى «يېڭى يىپەك يولى» پىلانى چوڭچىڭ شەھىرىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۈرۈمچى، ئالمائاتا، تاشكەنت، سەمەرقەنت، تېھران ۋە ئىستانبۇل ئارقىلىق گېرمانىيەنىڭ دېسبۇرگ، گوللانىيەنىڭ ئانتېۋېرپىن ۋە بۇ يەردىن ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى قەدىمىي سودا شەھرى-ۋېنىتيەسىگە قەدەر يېتىپ بارىدۇ.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي مۇنبىرى يىغىنى مەزگىلىدە، خىتاينىڭ دېڭىز-قۇرۇقلۇق ئىككى لىنىيەدىكى «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىغا مەخسۇس فوندى قۇرۇپ، 40 نەچچە مىليارد دوللار ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
شى جىنپىڭ، يېڭى يىپەك يولى فوندى يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرىدىغان ئاساسى قۇرۇلۇش، بايلىق، سانائەت، پۇل-مۇئامىلە ۋە باشقا ساھەدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق بۇ پىلان بىر ياكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىققا موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بەزى ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي مەزكۇر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ناھايىتى قىزغىن بولسىمۇ، بىراق ئۇ نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
ئۇ دۇچ كېلىدىغان خىرىسلارنىڭ بىرى-بىخەتەرلىك مەسىلىسى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئافغانىستان-پاكىستان چېگراسىنى بازا قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قوراللىق كۈچلىرىنى خىتايغا كېلىۋاتقان ئاساسلىق تېررورلۇق تەھدىت، دەپ كەلگەن.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىمىسا، ئۇنىڭ «يېڭى يىپەك يولى» پىلانى بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ.
ئۇ: ئەگەر ئۇ شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلمىسا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولمىسا، ئۇنىڭ قۇرماقچى بولغان «يېڭى يىپەك يولى» دا بىخەتەرلىك جەھەتتە يەنىلا نۇرغۇن مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ، دېدى.
بىراق خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى يىپەك يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى، دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش نىيىتى يوق بولۇشى مۇمكىن.
ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دائىرىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇلار يىپەك يولىنىڭ بىخەتەرلىكىنى دەپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك، دەپ قارىشى ناتايىن. مېنىڭچە ئۇنىڭ نىيىتى بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن. ئۇ يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى، شىنجاڭغا قوشنا بەزى دۆلەتلەر بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىنى ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ئېھتىمال. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قوشنا دۆلەتلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ھېسداشلىق قىلماسلىققا قايىل قىلىشى مۇمكىن. مانا بۇ، ئۇلارنىڭ نىيىتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىۋاتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قوراللىق كۈچلىرىدىن ئەنسىرەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنى ۋە پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننى ئۇلارغا قارشى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىستاپ كەلگەن. ئۇ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنى بۇ دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، مەبلەغ سېلىش ۋە باشقا ساھەلەردە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشتىكى ئالدىنقى شەرت قىلىپ قويۇپ كەلدى.
ئۇ يېقىندا ئامېرىكا بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشنى تەكلىپ قىلىپ، ش. ت. ئى ھ نى قايتا تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
بەزى ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، ش. ت. ئى. ھ نى قايتا تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئېھتىماللىقى يوق ئەمەس. ئامېرىكا 2001- يىلى «11- سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن ش. ت. ئى. ھ نى بىر مەھەل مەزكۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، كېيىنرەك چىقىرىۋەتكەن ئىدى.
خىتاينىڭ پىلانىدا ئۇيغۇر ئىلى تارىخىي يىپەك يولىغا ئوخشاشلا «يېڭى يىپەك يولى» نىڭ ھالقىلىق قاتناش تۈگۈنى.
ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودروم ئۆي-مۈلك بازىرى ۋە باشقا ئاساسى ئەسلىھەلەرگە داۋاملىق مەبلەغ سېلىشى، پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋە توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە باشلىشى، خەلقئارا يىغىن، خەلقئارا كۆرگەزمىلەرنى ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ يېڭى يىپەك يولى تەرەققىيات پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بۇ يىل 12-ئايدا، 2-نۆۋەتلىك «يىپەك يولى مەدەنىيەت كەشپىياتى بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى» نىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغانلىقى بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى دۆڭ كۆۋرۈك چوڭ بازىرىدىكى بىر زالدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، 5-دېكابىر ئۈرۈمچى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلىدىغان مەزكۇر پائالىيەتنى تونۇشتۇرغان.
لېكىن ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىدا خەنزۇلار يېتەكچىلىك رول ئوينىغاچقا، ئۇ يەنىلا ئاساسلىق خەنزۇلارنى مەنپەئەتدار قىلىدۇ.
خۇ پىڭ ئەپەندى، زور مىقداردىكى سېلىنما قىسمەن ئۇيغۇرلارغا ۋاسىتىلىك پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى چەتكە قاقمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى-ئىجتىمائىي پەرقنى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىنى نەزىرىدىن ئالغاندا، ئۇ 40 نەچچە مىليارد دوللارلىق بۇ مەبلەغ شىنجاڭ رايونىدىكى خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت بۆلۈنۈشى پەيدا قىلىشىنى خالىمايدۇ. ئۇ سۇبيېكتىپ جەھەتتىن، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ھېسابى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشى ياخشىلانسا، ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بېسىقتۇرۇشى ئاسان بولىدۇ. بۇ ئۇ ئويلاشقان بىر ئامىل. بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇ قانچە مىليارد دوللار مەبلەغ سالمىسۇن، ئۇنىڭدىن ئاساسلىق يەنىلا خەنزۇلار بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى يەنىلا ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەزى مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچىلەر، خىتاينىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن «غەربنى ئېچىش سىياسىتى» خىتايلارنى كۆتۈرۈپ، خەنزۇ-ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدا زور سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي پەرق پەيدا قىلغانلىقى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە ھازىرقى قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلدى.
بىراق خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرساق، باشقا مەسىلىلەر ھەل بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەقەت ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقى، مەدەنىيەت، تىل، دىن، سىياسىي ۋە باشقا مەسىلىلەرگە چېتىشلىق مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ: جۇڭگو كومپارتىيە دائىرىلىرىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي. ئۇلار پەقەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى باستۇرۇۋەتمەكچى بولىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىر تەرەپلىمىلىكنى، شىنجاڭ خەلقى ھېچ قانداق نەپ ئالالماسلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئۇ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى مەسىلىسىنى باستۇرۇپ كەلدى.
«يېڭى يىپەك يىلى» قۇرۇش پىلانىنى ئەڭ بۇرۇن 2011-يىلى سابىق ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، مەزكۇر پىلاننىڭ ئافغانىستانغا ئىقتىسادىي يۆلەنچۈك بولۇشىنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
بىراق شى جىنپىڭ 2013- يىلى قازاقىستانغا قىلغان زىيارىتىدە ئاستانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۆزىگە خاس «يېڭى يىپەك يولى» پىلانىنى ئېلان قىلغان. خىتاينىڭ يىپەك يولى پىلانىدا ئافغانىستان ھېلارىي كلىنتوننىڭ پىلانىدىن پەرقلىق ھالدا يىپەك يولى تۆمۈر يول تورىنىڭ سىرتىدا قالغان ئىدى.