خىتاي ئوتتۇرا-شەرقتە ئامېرىكاغا قارشى ئىتتىپاقداشلىق چەمبىرىكى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2021.04.07
خىتاي ئوتتۇرا-شەرقتە ئامېرىكاغا قارشى ئىتتىپاقداشلىق چەمبىرىكى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن كېلىشىم ئىمزالىدى. 2021-يىلى 27-مارت، ئىران.
AP

2016-يىلى شى جىنپىڭنىڭ ئىران زىيارىتىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەن 25 يىللىق ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىمنامە، 27-مارت كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تېھران زىيارىتىدە رەسمىي ئىمزالانغان.

كېلىشىمنامە بويىچە خىتاي ئىرانغا 25 يىل ئىچىدە 400 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئورنىغا ئىراندىن ئەرزان باھادا نېفىت سېتىۋالىدىكەن. ئامېرىكانىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرى سەۋەبلىك ئىران تاشقىي مەبلەغنى جەلپ قىلىشتا قاتتىق قىينىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بىلەن ئىمزالىغان مەزكۇر كېلىشىمنامە ئامېرىكانىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن.

بىراق ئىرانلىق مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ سىياسىي نوپۇزى ۋە ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ قەرز قىلتىقى ئارقىلىق ئىراننى بېقىندى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇلار يەنە ئىراننىڭ بايلىقلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تالان-تاراج قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران پارلامېنتى ئالدىغا توپلانغان 200 گە يېقىن ئىرانلىق، خىتاي بىلەن ئىمزالانغان 25 يىللىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.

نامايىشچىلار» ئىران سېتىلمايدۇ»، «ۋەتەننى ساتقانلارغا ئۆلۈم»، «ئۇرۇشىمىز، ئۆلىمىز ۋە ئىراننى قايتۇرۇپ ئالىمىز «دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

ئىرانلىق داڭلىق سەنئەتچى گۈلشىفە فەراھانى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا كامبودژانىڭ 20 يىل بۇرۇن خىتاي بىلەن ئوخشاش كېلىشىمنامىنى ئىمزالىغانلىقىنى، نەتىجىدە كامبودژادا ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئاقىۋەت كېلىپ چىققانلىقىنى، كامبودژانىڭ تەبىئىي بايلىقىنىڭ تالان-تاراج قىلىنغانلىقى ۋە بەزى رايونلاردا دۆلەتنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، ئىراننىڭمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تەتقىقاتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم بۇ تېما بويىچە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ» بىر بەلۋاغ بىر يول «قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى قەرز قىلتىقى سىياسىتى بىلەن بېقىندى ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى مىسال كۆرسىتىپ، ئىران-خىتاي كېلىشىمنامىسىنىڭ ئىرانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئانالىز قىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ئېمبارگو قويۇشىغا جاۋابەن، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئىتتىپاقداشلىق شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە غەربكە قارشى ئىتتىپاقداشلىق شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقى دەپ قارىماقتا.

تۈركىيە «مىللىيەت» گېزىتىنىڭ» خىتاي مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى قورشاۋغا ئالماقتا «ناملىق خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي پاكىستان، ئىران، تۈركىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە كۈچلۈك نوپۇز ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر ئىسلام دۆلەتلىرى بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللىغان. خەۋەردە ئىقتىسادىي بېقىندىلىقنىڭ سىياسىي بېقىندىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ئىران بىلەن تۈزگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسىنىڭ دىكتاتور ۋە ۋەھشىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

18-مارت كۈنى ئالياسكادا خىتاي بىلەن سۆزلەشكەن ئامېرىكا ۋەكىللىرى تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاي دىپلوماتلىرى ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە توختالغۇدەك سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن. مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى دىپلوماتىك پوزىتسىيەسىنى ئانالىز قىلىپ، مەزكۇر ۋەقەنى» ھەمىشە تەمكىنلىك بىلەن يېقىنلاشقان، يۇمشاق باش خىتاي ئوبرازىنىڭ سىياسىي سەھنىدە ئاخىرلىشىشى «دەپ باھالىماقتا.

خىتاي 2014-يىلى ئالجىرىيە ۋە مىسىر، 2016-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان، 2018-يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، 2010-يىلى تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، 2017-يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن يېڭى كونكرېت ھەمكارلىق، 2014-يىلىدىن 2018 يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدە سۇدان، ئىراق، ماراكەش، قاتار، ئىيوردانىيە، جىبۇتى ۋە ئومان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

خىتاينىڭ رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننى مەركەز قىلغان ئاساستا ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئەتراپىغا توپلاش ئارقىلىق غەربكە قارشى ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈشكە تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دوكتور مۇھسان ساغلام «دۇۋار» گېزىتىدە يازغان ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «بايدېن ترامپ ھۆكۈمىتىدىن پەرقلىق ھالدا ئوچۇق-ئاشكارا تىجارەت ئۇرۇشىنىڭ ئورنىغا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش ئارقىلىق خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىن بىسىم قىلىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئامېرىكانىڭ يېنىغا تارتىشقا تىرىشىۋاتقان دۆلەتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. خىتاي ئامېرىكاغا ئوتتۇرا-شەرق رايونىدا ئىران ئۈستىدىن جاۋاب بەردى. رۇسىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف خىتاينى زىيارەت قىلدى. بۇ قۇتۇپلىشىش جەريانىدا خىتاي تىجارەت ۋە ئۆتمۈشتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى قوللىنىپ، ئىتتىپاقداشلىق شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. «

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتۇرانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندىم خىتاينىڭ ئىران بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا توختالدى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدە مۇھىم نۇقتا بولغان تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق كۆپىنچە دۆلەتلەر ھازىرغىچە ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدىشى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، مەزكۇر رايونلاردا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىش ۋە سىياسىي نوپۇز كۈرىشىنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.