دولقۇن ئەيسا: «ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماي بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2022.02.25
دولقۇن ئەيسا: «ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ بېسىمىغا قارىماي بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى» د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئۆمىكى ئىرېلاندىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن. 2022-يىلى 23-فېۋرال.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئەتلەر ئۆمىكىنىڭ ئىرېلاندىيەگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى-23فېۋرال كۈنى ئاخىرلاشقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئۆمىكى ئىرېلاندىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق پۈتۈكچىسى بىلەن ئۇچراشقان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 3 كۈن داۋاملاشقان بۇ قېتىمقى ئىرېلاندىيە زىيارىتىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئىرېلاندىيە زىيارىتى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ بىرى، ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر كوللېگىيەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى›ئىرقىي قىرغىنچىلىق‹دەپ بېكىتكەندىن كېيىن ھازىرغىچە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتلەر ۋە پارلامېنتلەرنى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش زۆرۈرىيىتى تۇغدى. ھازىرغىچە 8 دۆلەتنىڭ پارلامېنتى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، 1948-يىلى ماقۇللانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە قول قويغان دۆلەتلەرنىڭ بۇنى توختىتىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى. لېكىن خىتاي تەتۈر تەشۋىق قىلىپ يۈرۈپ بەزى دۆلەتلەرنىڭ بېشىنى قايمۇقتۇرغان ئىدى. ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر كوللېگىيەسى بۇنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتكەندىن كېيىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشىغا سەۋەب قالمىغان. شۇڭا بىز 2022-يىلىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىمىزدىن بىرىنى، تېخىچە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى، پارلامېنتلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشتىن ئىبارەت. بۇ مەقسەت بىلەن تۇنجى زىيارىتىمىزنى ئىرېلاندىيەگە ئېلىپ باردۇق».

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەپەندى ئەيسا ئىرېلاندىيە پارلامېنتىدا دوكلات بەرمەكتە. 2022-يىلى 23-فېۋرال.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەپەندى ئەيسا ئىرېلاندىيە پارلامېنتىدا دوكلات بەرمەكتە. 2022-يىلى 23-فېۋرال.
RFA/Erkin Tarim

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزلىرىنى 8 نەپەر ئىرېلاندىيە پارلامېنت ئەزاسى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ئايرىم-ئايرىم ئۇچراشقان، شۇنداقلا ئۇلار ئۈچۈن ئىرېلاندىيە پارلامېنتى بىرنەچچە مەيدان گۇۋاھلىق يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن. بۇ جەرياندا د ئۇ ق ھەيئىتى خادىملىرى ئىرېلاندىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ۋە ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە پارلامېنتىغا بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالدى.

د ئۇ ق ھەيئىتىنىڭ ئىرېلاندىيەگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى جەريانىدا دۇبلىندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئىرېلاندىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق خېتى تاپشۇرغان بولۇپ، خەتتە «خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلەر تەشكىلاتى بولغان د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ ئىرېلاندىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېگەن. ئەمما ئىرېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ: «بىز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلىك رېئاللىقنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتتە داۋاملىق تەكىتلەيمىز. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەر دائىم ئىرېلاندىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ قىممەت قارىشى» دېگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتاي ئەركىن خانىم ئىرېلاندىيە پارلامېنتىدا ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان يىغىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئۆزىنىڭ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت، بەزى كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە ئىرېلاندىيە ئاخباراتىنىڭ ناھايىتى قىزىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىرېلاندىيەنىڭ پايتەختى دۇبلىن شەھىرىدە 250 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەشكىلاتى بولمىسىمۇ جامائەت بولۇپ بەزى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.