مۇتەخەسسىسلەر: خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقى ئۇيغۇرلارنى روھى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن يوقىتىشقا قاراپ چوڭقۇرلىماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەر تەرەپلىمىلىك ۋە كەڭ دائىرىدە داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامىلىشى، ئائىلىلەرنىڭ مەجبۇرىي پارچىلىنىشى قىيىن-قىستاقلاردا ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي نىكاھ ۋە مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشى، قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىنىشى قاتارلىقلار بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئىپادىلىرى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئېتىقادى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى قىرغىنچىلىقمۇ شىددەت بىلەن داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقان مۇشۇ پەيتتە خىتاي يەنە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» نامىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارماقتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا يېڭى ئورناتقان پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ ئېغزىدىن ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئەسلى مەنىسى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابى مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەربىيەسى بىلەن كىشىلەرنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەتتىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە بىرلەشتۈرۈش» دەپ شەرھلەپ كەلگەنىدى. 2-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش» مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي سۆز قىلىپ، «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكى» ھەققىدىكى بۇيرۇقىنى يەتكۈزگەن. ئۇ بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئىدىيە ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىگەن: «كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بىز جۇڭگونىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابى مەدەنىيىتى، ئىلغار سوتسىيالىستىك مەدەنىيىتى ۋە سوتسىيالىزم مەدەنىيىتى بىلەن شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ روھىنى ئوزۇقلاندۇرۇشىمىز ۋە ئوزۇقلاندۇرۇشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا كادىرلار ۋە ئامما مەڭگۈ چىڭ تۇرىدۇ.»

ئۇ بۇ تەدبىرنىڭ ئاخىرقى نىشانى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ «بۈيۈك جۇڭخۇا مىللىتى»، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى»، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خىتاينىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان سوتسىيالىزم بىلەن تونۇلۇشىنى ئاشۇرۇش ئىكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت كىملىكى ئەڭ چوڭقۇر كىملىك.

-25 فېۋرال شىنجاڭ گېزىتىدە بۇ ئاتالمىش «ئوزۇقلاندۇرۇش» نىڭ ئوبيېكتى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەر، ئاخىرقى مەقسەتنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» گە يۇغۇرۇۋېتىش ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.

«شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن سۇغۇرۇشتا قوشۇلۇپ كېتىشنى تەكىتلەش كېرەك» ماۋزۇلۇق مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» تا «ئوزۇقلاندۇرۇش» ھالقىلىق نىشان بولۇپ، «قوشۇلۇپ كېتىش» مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى ئىكەن. ماقالىدە خىتاينىڭ تاڭ دەۋرىدىكى كلاسسىك شائىرى دۇفۇنىڭ «باھار كېچىسىدىكى شادلىق يامغۇرى» ناملىق شېئىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: «‹قوشۇلۇش› دېگىنىمىز، نەرسىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس قۇرۇلمىسى ۋە رامكىسىنى بۇزۇش ئاساسىدا ئوخشىمىغان ئېلېمېنت ۋە سۈپەتلەرنى قايتا تەشكىللەش ۋە بۇ ئارقىلىق ‹سېنىڭ ئىچىڭدە مەن، مېنىڭ ئىچىمدە سەن› بار بولۇشتەك ئىناق مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈشتۇر،» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئارخېئولوگ، ئامېرىكادىكى قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» گە يۇغۇرىۋېتىشنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاي بىلەن تۈپتىن پەرقلىق يەنى، ھون-تۈرك مەدەنىيەت سىستېمىسىغا تەۋە ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيىتى ئىچىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئېرىتىپ يوقىتىش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەت.

ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئامېرىكالىق مۇتەخەسسىسلەردىن خەنرىي شېجەسكىينىڭ ئانالىز قىلىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» گە يۇغۇرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە بىر يۈزىنى ئاشكارىلايدىكەن. ئۇ بولسىمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمدىلىكتە ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمى بولغان روھ ۋە مەنىۋى قىرغىنچىلىققا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي دەۋاتقان ‹ئوزۇقلاندۇرۇش› كەلىمىسى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ سىڭدۈرگەندە، تېخىمۇ خىتايلاشقاندا ئۇلار ياخشى ھېسابلىنامدۇ؟ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ بۇ «مەدەنىي ئوزۇق» ماركىسى چاپلانغان ئوزۇقلاندۇرۇشىغا موھتاج ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزىنىڭ يازغۇچى شائىرلىرى، تىلشۇناس پەيلاسوپلىرىنى يېتىشتۈرۈپ كەلگەن باي ۋە خاس مەدەنىيەتكە ئىگە ۋە بۈيۈك مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بىر مىللەت. ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەدەنىيەت ۋە باشقا ھەر قايسى ساھەلىرى ئوخشاشلا خىتاينىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئۇچرىماقتا. ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىرقى قىرغىنچىلىق داۋام قىلماقتا مېنىڭچە خىتاي بۇ سىياسەت بىلەن ئۇلارنى ئۆز مىللىتىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئۇنتۇغان بىر توپ ئۆزىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ يېڭى ئۇيغۇرلارنى ياساپ چىقماقچى».

ئۇ خىتاينىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى» نىڭ ماھىيەتتە، ئۇيغۇرلار ئۇستىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاپ ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمى بولغان روھىيىتىگە قارىتىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مۇستەقىل سوتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى قارار، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقى، ئۇلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان باسقۇنچىلىق ۋە قىيىن-قىستاق قاتارلىق فىزىكىلىق زۇلۇملارغا دائىر ئىسپاتلارغا ئاساسەن چىقىرىلغان قارا ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى زورلاپ تېڭىشى ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولماستىن، مەدەنىيەتلىك بىر خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئېغىر مىللىي كەمسىتىش شۇنداقلا ھازىر ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھ ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قىرغىنچىلىققا قاراپ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونۇنىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى ئەمەلدالرىرىدىن بىرى خوۋ خەنمىن «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسىتى ھەققىدە «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرىغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «14-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ‹شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان مەدەنىيەت› جۇڭگونىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، جۇڭگو ئىنقىلابى مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ تەربىيەسى بىلەن كىشىلەرنى تەربىيەلەش ۋە بۇلاردىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىگىلەش ۋە بىرلەشتۈرۈش» نى ئاساسىي نىشان قىلىدۇ.»

ئۇ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» دەپ ئاتالغان تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسى دەپ ئاتىغان.