18-مايدىن باشلاپ شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولىمدا 3 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي قاتارلىقلار د ئۇ ق نىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق باياناتچىسى دىلشات رېشىت ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككى كۈندىن بۇيان شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.
سۆھبەتلەر ئەسناسىدا ئۇلار شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئۆتكەن يىلى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇشقا تىرىشقان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپ-ئىستەكلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن.

ستوكھولىمدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شىۋېتسىيەدىكى پائالىيەتلەر ھەققىدە توختالغاندا، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قارارىنى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن، د ئۇ ق نىڭ خېلىدىن بۇيان ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى، شىۋېتسىيەدىكى پائالىيەتنىڭ شۇ پىلاننىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق پروگرامما يىتەكچىسى زۇمرەتئاي بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغاندا، ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارنى ياخشىراق بىلىدىغان شىۋېتسىيەلىكلەرگە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى تونۇتۇش ئارقىلىق، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى ئالغۇزۇش ۋە ئىلگىرىكى يىللاردا قۇرۇلغان شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گورۇپپىسى» نى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ستوكھولىمدىكى پائالىيەتلىرىگە ھەمراھ بولغان قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رېشىتمۇ بۇ خۇسۇستا ئىپادە بىلدۈرۈپ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت خادىملىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت خادىملىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشۇشتىن سىرت، ئۇلار 20-مايغىچە يەنە شىۋېتسىيەدىكى ھەرساھە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتىدىكەن ھەمدە ئۆزئارا ھەمكارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.