خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك زەنجىرىنىڭ بارغانچە كۆلەملىشىشى دېمۇكراتىك دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىللىرى ھەر خىل نامايىش ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
ياپونىيەدىكى «چۈچو (سەھەر) كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتچىلىرى يىقىندىن بۇيان ھەرخىل نامايىش ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ياپون خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا.

«چۈچو (سەھەر) كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى تەشكىلاتى» نىڭ مۇدىرى كاناساۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، قىرغىنچىلىقتىكى ئۇيغۇرلارغا ئۈمىدۋار بولۇشنى ئېيتتى ۋە مۇنداق دېدى: «بەلكىم، كۆپىنچە ياپونلار بۇ پاجىئەنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. بىر مىللەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن يەر يۈزىدىن يوقىتىلماقچى بولۇۋاتقاندا، بىز ھەرگىز بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايمىز. شەرقىي تۈركىستان ئۇزۇندىن بۇيان يىپەك يولى ئارقىلىق ياپونىيە ئىنتىزار بولۇۋاتقان بىر رايون، ھالبۇكى ياپونلار ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ يەنە كېلىپ خىتاينىڭ تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، سەل قاراشقا بولمايدىغان جىددىي بىر مەسىلە. ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كىشىلەرنىڭ ناھەق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىنى، تىلى، مەدەنىيىتى، ئائىلىسى ۋە ھاياتىدىن مەھرۇم قېلىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز.»
كاناساۋا خانىم ۋە باشقا ياپونىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا ھەرخىل ۋىدېيولارنى ئىشلەپ تارقىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئىشلىگەن ۋىدېيولار كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

كاناساۋا خانىم بۇ توغرىلىق توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغان زۇلۇملار ۋە بېسىملارنى ياپون خەلقىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن، كوچا پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ۋىدېيونى دوستلىرىم بىلەن بىللە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتىش ئۈچۈن تارقاتتىم. كىشىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ياپۇن خەلقىنىڭ دوستى ھەم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش، رېئاللىقنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ياپۇنلۇقلارنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەرگە قارىتىشنى مەقسەت قىلدۇق.»
ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان 82 داڭلىق ماركىنىڭ تىزىملىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى. يوقۇرىقى 82 داڭلىق ماركا شىركەتلىرى ئىچىدە 11 ياپونىيە شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى ئورنىدا ئىشلىتىدىغان خىتاي زاۋۇتلىرىغا تايىنىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
ياپۇنىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە چېتىلغان ياپۇن شىركەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلمەكتە ۋە ھۆكۈمەتتىن بۇنىڭغا كونكىرېت تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلماقتا.
زىيارىتىمىز داۋامىدا كاناساۋا خانىم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەجبۇرىي ئەمگەك ھەر بىر كىشىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، قوشنىلىرى ۋە مەھەللىلىرىنىڭ ھاياتى ۋە تۇمۇش شەكلىگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. مەجبۇرىي ئەمگەك كىچىك بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن، شۇنداقلا بوۋا-مومىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى سىڭدۈرىدىغان مەھەللىلىرىدىن ئايرىۋىتىدۇ. 21-ئەسىردە بۇ مەسىلىنىڭ تېخىچە مەۋجۇت ئىكەنلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ۋە قاتتىق بىئارام قىلىدىغان ھادىسە. مېنىڭچە، مەجبۇرىي ئەمگەكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆپ تەرەپلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى كېرەك.»
ياپۇنىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ساۋۇت مەمەت زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە بۇنىڭ ياپۇن پۇقراۋىي تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي ساھەسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
كاناساۋا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، «چۈچو (سەھەر) كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى تەشكىلاتى» ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، تىبەت، خوڭكوڭ كاتارلىق خەلقلەر ۋە رايونلار ھەققىدە ياپون خەلقىگە مەلۇمات بېرىش ۋە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش؛ شىمالىي كورىيەدەك دىكتاتور دۆلەتلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ھەققىدە ياپون خەلقىنىڭ تونۇشنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئىكەن.