كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى فىلپ سەندىس: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتنىڭ خاراكتېرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېيىشكە بولىدۇ»

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020.08.04
Philippe-Sands-filip-sendis.jpg كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى فىلىپ ساندس خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا باش سوتچى بىل كامپبېل(سۈرەتتە يوق) نىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 31-مارت، گوللاندىيە.
AP

بۇ يىل 16-ئىيۇن «يېڭى سىياسەتچى» تورىدا خەلقئارا ئېتنىك قىرغىنچىلىق قانۇنى مۇتەخەسسىسى، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئاداۋوكاتى فىلىپ سەندىسنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قايتا ئېنىقلىما بېرىش ھەققىدىكى پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئادۋوكات فىلىپ سەندىس ئىلگىرى خەلقئارا سوتتا بېرمادا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان روھىنگا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغانىكەن. ئۇنىڭ «غەرب-شەرق كوچىسى» دېگەن كىتابى داڭلىق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەتقىق قىلغۇچى قانۇنشۇناسلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھۆكۈملىرى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پەرقى، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەت بىلەن كوللېكتىپ ھوقۇق-مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتى دېگەندەك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغانىكەن. ئۇ يۇقىرىقى قانۇنشۇناسلاردىن لەمكىننىڭ كۆز قارىشىغا بولغان ماھىللىقىنى ئىپادىلەپ: «بىز گەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى گاز قويۇپ بېرىش ئۆيى ۋە قىلىچ-قوراللار بىلەن باغلاپ چۈشەنسەكمۇ، لەمكىننىڭ دەسلەپكى چۈشەنچىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ماھىيەتتە جىسمانىي جەھەتتە يوق قىلىش ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەت جەھەتتە ۋەيران قىلىش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. سىز ئەگەر كىتاب-ئەسەرلەرنى، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى، بىر جامائەتنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ۋەيران قىلسىڭىز، دېمەك سىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان بولىسىز،» دېگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي تارىختىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ئاستا شەكىللىك قىرغىنچىلىق (ئاسسىمىلياتسىيە) يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسا، 2009-يىل ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى›دىن كېيىن بۇ قىرغىنچىلىقنى ئاشكارا ئېلىپ باردى؛ 2014-يىلدىن باشلاپ لاگېرلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى پىلانلىق، سىستېمىلىق، كەڭ-كۆلەملىك قىرغىن قىلىشقا باشلىدى. فاشىست خىتاينىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى 1948-يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىمزالانغان ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى› دە كۆرسىتىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بەش تۈرلۈك شەرتىگە تامامەن توشىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدۇ،» دېدى.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئادۋوكات فىلىپ سەندىس ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغماس قىلىۋېتىلىشى ۋە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە خىتاينىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇشى قاتارلىق ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە بولغان پىكرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتنىڭ خەلقئارالىق جىنايەت ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. مەسىلە شۇ يەردىكى، بىز ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىساق نېمە بولىدۇ؟ ئەگەر ئۇنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئاتىساق، بۇ جىنايەت كىچىك جىنايەت بولۇپ قالامدۇ؟». ئۇنىڭ قارىشىچە، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» گە ئاساسلانغاندىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئەشەددىي زوراۋانلىقلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېمەسلىك بىلەن ئۇ جىنايەتنىڭ خاراكتېرى يەڭگىللەپ قالامدۇ؟ مەنچە ئۇنداق ئەمەس، يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار تولىمۇ قورقۇنچلۇق ھەمدە تەكرار يۈز بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى قاباھەتلىك جىنايەتتۇر.»

روشەن ئابباس خانىمنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدىغان بەش تۈرلۈك جىنايەت مەلۇم ئىرقىي گۇرۇپپا (مىللەت) ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش؛ ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاش؛ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بۇزۇپ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىش، يەنى ياشىغۇسىز قىلىۋېتىش؛ ئۇلارنىڭ نورمال كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش؛ پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىپ، مۇستەملىكىچى مىللەتكە قوشۇۋېتىش، يەنى كىملىك ئېڭىنى يوق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. روشەن ئابباس خانىم: «خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاش ئارقىلىق يۇقىرىقى جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قىلىۋاتىدۇ، لاگېرلاردا ئۆلۈۋاتقان، لاگېردىن چىققاندىن كېيىن ئۆلۈۋاتقان، ئائىلىسى ۋەيران بولغان، زاۋۇتلاردا قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقان، ئاياللىرى تۇغماس قىلىۋېتىلگەن، بالىلىرى ئۆزىنىڭ كىملىكىدىن تامامەن ئايرىۋېتىلگەن بىر مىللەتكە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېمەي نېمە دەيمىز، بۇ جىنايەتكە بۇنىڭدىن باشقا ئېنىقلىما بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، بىز بۇنى شۇ بويىچە ئاتىشىمىز ۋە خەلقئاراغىمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ بىزنىڭ ھۆرلۈك ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنىڭ بىرىنچى قەدىمى،» دېدى.

روشەن ئابباس خانىم يەنە «بېشىمىزغا قارا كۈنلەر كېلىپ، خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا قالغان كۈندىن باشلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىمىز. شۇڭا بىز خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئۇ جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك،» دېدى. ئۇ بۇ ئارقىلىق ئالدى بىلەن خىتاينى چەكلىگىلى ۋە ئۇنىڭغا بېسىم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئاسىيە خانىممۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، «ئەگەر خىتاينىڭ بۇ جىنايىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ رەسمىي بېكىتىلىپ قالسا، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا ئارىلىشىدۇ،» دېدى.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشنىڭ، يەنى ئۇزاققا سوزۇلىدىغان بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىقىشنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پاكىت، ئىسپات توپلاش كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھەر بىر ئۇيغۇر بۇ ئىشنىڭ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۆزى ئۇچرىغان زۇلۇمنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشى كېرەك. مانا شۇ چاغدىلا بۇ ئىشتىن نەتىجە چىقىدۇ. ئەگەر خەلقئارا بۇ زۇلۇمنى رەسمىي يوسۇندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى دەپ بېكىتسە، بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىدۇ. چۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتتۇر. ئەگەر بۇ جىنايەت توختىتىلمىسا، ئۇنىڭ ئاپىتى يەر شارىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىشى مۇمكىن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.