«ئېلى ۋىيسەل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىي جىنايەتلەرگە قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 2018-يىلى دېكابىردا ماقۇللىنىپ، پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي ئىشقا كىرىشكەن بىر قانۇن. مەزكۇر قانۇنغا يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ شاھىتى ھەم شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش پائالىيەتچىسى ئېلى ۋىيسەلنىڭ نامى بېرىلگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ھەر يىلى بىر قېتىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ۋەھشىيلەرچە جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە ئۇ ھەقتە قىلىنغان خىزمەتلەر توغرىسىدا دوكلات يوللايدىغان بولۇپ، ئۇلار 7-ئاۋغۇست كۈنى ئىككىنچى نۆۋەتلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.
2019-يىلى سىنتەبىردىن 2020-يىلى ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋەزىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دوكلاتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا قارشى ھازىرغىچە قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە شۇنداقلا ۋەھشىيلەرچە جىنايەت قاتارلىق ھەر تۈرلۈك رەزىللىكلەرگە قەتئىي قاراپ تۇرمايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان:
«ئامېرىكا كۆپ تەرەپلىك ۋە ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ ۋەھشىي جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى. ۋەھشىيلىكلەرنى سادىر قىلغۇچىلارنى ئاشكارا ئەيىبلىدى ۋە ۋەھشىي جىنايەتلەرنى قىلغان ۋە شۇنداق قىلىش ئېھتىمالى بولغان دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇردى. خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى مانا بۇ خىزمەتلىرىمىزدىكى مۇھىم نۇقتا بولدى. ئۇ يەردىكى زىيانكەشلىكلەر مەجبۇرىي ھالدا تۇغۇتنى چەكلەش ۋە مەجبۇرىي يوسۇندا بالا چۈشۈرۈش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش، بىر-بىرىدىن ئايرىش، جىسمانىي ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، مەجبۇرىي نىكاھ ۋە باشقا قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلار ئارقىلىق ئۇ يەردىكى خەلقلەرنى قامال قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
يۇقىرىدىكى بۇ دوكلاتتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن قالسا بېرما ۋە ئىراقتا زۇلۇم كۆرۈۋاتقان مىللەت ۋە دىنى گۇرۇپپىلارنىڭ مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ھالدا مەركىزىي تېما بولۇشى دىققەت تارتتى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنىڭدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشى ئېھتىماللىققا يېقىن، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكادىكى ئادوۋكات رەيھان ئەسەتمۇ تىۋىتتېرغا بۇ دوكلات ھەققىدە يازغان ئىنكاسىدا تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن:
«ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ‹ئېلى ۋېسېل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ۋەھشىي جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش› ھەققىدىكى 2020-يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى مۇھىم نۇقتا قىلىندى. بۇ ئۇيغۇر كرىزىسىنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشتىن يىراق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئەگەر ھەقىقەتەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسا، ئۇ ھالدا بۇنىڭ ئىنتايىن چوڭ تارىخىي ۋەقە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ئۇ ھالدا ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى قانۇنلىرىغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەنىمۇ قاتتىق جازا تەدبىرلىرى قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دەرۋەقە، ھازىر ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى بولسۇن ۋە سىياسەتچىلەر ئارىسىدا بولسۇن، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئىزاھالاتلارغا تامامەن چۈشىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش ھەققىدە چاقىرىقلار كۈچەيمەكتە.
ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە بوب مېنېندېز ھەم شۇنداقلا ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جەيمىس مەكگاۋېرن ۋە كرىستوفىر سىمىس قاتارلىق 74 نەپەر دۆلەت مەجلىس ئەزاسى بىرلىكتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىنغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ۋەھشىيلىكلەرنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەشكە چاقىرغان. ئىمزالىق خەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا زوۋرانلارچە سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشتەك بىر قاتار ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىغا ئائىت كۈچلۈك ئىسپاتلار بارلىقىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋەھشىي جىنايەتلەرگە رەسمىي يوسۇندا تەبىر بېرىشى كېرەك،» دېگەن.
ئارقىدىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان ئەزاسى گلېن گلوتمان 13-ئىيۇل ئاۋام پالاتاسى دۆلەت خەۋپسىزلىك نازارەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى ستېفېن لىنچقا مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىنىڭ ئۇسۇلى ۋە كۆلىمىنى دەرھال بېكىتىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىقى دوكلات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
0:00 / 0:00