خىتاي ھاكىمىيىتى چەتئەللىكلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىنى ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن يوشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ شىنجاڭ تارمىقى 18-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى: شىنجاڭدىكى تېررورىزمغا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق ئىزدىنىش» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى 16-ئاۋغۇست كۈنى شىنجاڭ خەلقئارالىق كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ تېررورىزمغا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتىكى نۇقتىلىق دېلولارنى كۆرگەزمە قىلىش زالىدا 10 غا يېقىن دۆلەتلەردىن ۋەكىل تەكلىپ قىلىپ، سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق بىر «ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزگەن. يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر «شىنجاڭدىكى تېررورىزمغا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ خەلقئارادا ئۈلگە بولۇشقا يارايدىغانلىقى» نى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىنستىتۇتىنىڭ ئەنگىلىيەلىك ئالىي تەتقىقاتچىسى لو سىيى مۇنداق دېگەن: «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 10 پىرسەنت ئۆرلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ يۈكسىلىشى ئەڭ تېز بولماقتا. ئامېرىكا ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرى تارقاتقان شىنجاڭدىكى ‹ئىرقىي قىرغىچىلىق› ئىبارىلىرى پۈتۈنلەي تۆھمەت، بۇ ئۇلارنىڭ سىياسىي مەقسەدلىرىگە يېتىش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقارغان باھانىسى ۋە سەپسەتىسىدۇر.»
فرانسىيەلىك «سەيفىر ياۋرو-ئاسىيا ئالماشتۇرۇش كېڭىشى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش دىرېكتورى بېي ۋىنجاڭ مۇنداق دېگەن: «غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مۇبالىغىلەشتۈرۈپ خەۋەر بېرىدىغان ئەھۋاللار بار. خىتاي تېررورىزىمغا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا مول تەجرىبە توپلىدى.»
بۇ يىغىندا يۇقىرىقى چەتئەللىك خىتايلاردىن سىرت، شىخەنزىلىك بىر خىتاي ئايال بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ 20 يىلدىن بۇيان خىتايدا ياشاۋاتقان، يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىگە چاپان يېپىپ كەلگەن گېرمانىيەلىك مۇخبىر ئۇۋېر بەھرىنسمۇ سۆز قىلىپ: «خىتاي تېررورىزىمغا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى،» دېگەن.
مەزكۇر يىغىنغا خىتاي، ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىكلەر بولۇپ 33 كىشى قاتناشقان. ئىران، مىسىر، پاكىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بەزى ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس» لەرمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېررورىزىمغا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى قوللىغان ۋە «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئاقلىغان.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ غەرب ئەللىرى ۋە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تارقالغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئاتالمىش «يازغۇچى، تەتقىقاتچى، ئالىم، كارخانىچى» ھېسابلانغان چەتئەللىك خىتايلارنى ياكى خىتايپەرەست چەتئەللىكلەرنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر دىيىرىدىكى جىنايەتلىرىگە چاپان يېپىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان. بولۇپمۇ، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، لىتۋا قاتارلىق دۆلەتلەر «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنىڭغا قارشى بايانات ۋە دىپلوماتىك چارىلەردە غەلىبە قازىنالمىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى چەتئەللىكلەرنىڭ تىلى بىلەن يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى قاماپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 4 يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىكنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىنى زىيارەت قىلدۇرغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان ياكى خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغان ئەرەب ئەللىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان بۇ مىڭدىن ئارتۇق «مۇخبىر» لارنىڭ قەلىمىدىن ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى ياكى جازا لاگېلىرىنى ئاقلايدىغان 100 پارچە ئەسەر چىقمىغان.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى يوشۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان چارىلىرى نەتىجىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، چەتئەللەردە خىتاي ئوبرازىنىڭ سۇنۇشى بارغانسېرى يۈكسەلمەكتە ئىكەن. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
خىتاينىڭ مەزكۇر يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ساقساقمۇ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن» دېگەن، شۇنداقلا «قانۇن بويىچە يولغا قويۇلغان تېررورىزىمغا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرى زوراۋان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى يىلتىز تارتىدىغان تۇپراقنى يوقىتىپ، ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇققا تولۇق كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭدىكى ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيە، مۇھىتى ھەم ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىدى. ئوقۇغۇچىلار قانۇن-تۈزۈملەرنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە دۆلەتنىڭ ئورتاق تىلىنى ۋە ھەر تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكىلارنى ئۆگىنىدۇ،» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن.