لاگېر شاھىدلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» توغرىسىدىكى بايانلىرى كۈچلۈك تەسىر قوزغىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.10.25
لاگېر شاھىتى سايراگۈلنىڭ كەچمىشلىرى بايان قىلىنغان كىتاب ئىنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىندى لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي خانىم «تاجدار شاھىت» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش جەريانىدا سۆز قىلماقتا. 2020-يىلى 23-ئىيۇن، بېرلىن، گېرمانىيە.
AP

گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «فرانكفۇت كۈندىلىك گېزىتى» 23-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق: مىليونلىغان ئۇيغۇر ھەم باشقا ئازسانلىقلار تەجرىبە قىلىنماقتا ۋە قېيىن-قىستاققا ئېلىنماقتا» ناملىق زور ھەجىملىك بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ئەسەر ئاپتورى مىركو شىمىد بۇ ماقالە ئۈچۈن لاگېر شاھىدلىرىدىن سايراگۈل ساۋۇتباينى مەخسۇس زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ لاگېردا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن پاجىئەلىك كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن-بىلگەنلىرى توغرىسىدىكى بايانلىرىغا تەپسىلىي ئورۇن بەرگەن. ئاز دېگەندە 1 يېرىم مىليوندىن 3 مىليونغىچە بولغان ئىنساننىڭ لاگېرلارغا سولىنىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىكلەر بىلەن قىينىلىۋاتقانلىقى، بۇ تۇتقۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلارنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۇ ماقالە ئادەتتە گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى ئىھتىيات بىلەن تىلغا ئېلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئاتالغۇسىنى ئەسەرنىڭ باش ماۋزۇسى قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ 1 مىليون 665 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرلىق كۆلەمگە ئىگە شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغانلىقى، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ زېمىننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكەپ، خىتايلارنىڭ نوپۇسىنى 1949-يىلىدىكى 5 پىرسەنتتىن ھازىرقى 40 پىرسەنتكە يەتكۈزگەنلىكى، شى جىنپىڭ تەختكە چىقىپ 2014-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى ئەسەرگە مۇقەددىمە قىلىنغان.

مەزكۇر ماقالىدا مىليونلىغان ئىنسان تۇتقۇندا ياشاۋاتقان لاگېرلاردىكى ئېچىنىشلىق ھايات ئابىستراكىت ئىبارىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى شاھىدلارنىڭ تىلى ئارقىلىق كونكىرېت دەلىللەر بىلەن ئەتراپلىق شەرھىيىلەنگەن. مەسىلەن، لاگىېر شاھىدى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ بايانلىرىغا ئورۇن بەرگەن ئابزاستا مۇنداق دېيىلگەن: «مىقلاش، تىرناقلىرىنى يۇلۇش، توك بىلەن سوقۇش-لاگىېردىكى دائىملىق جازا تۈرلىرى. قېيىن-قىستاققا ئېلىنىش كۈندىلىك ھاياتنىڭ بىر قىسمى. ‹كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ› دەپ ئۇرۇلغان ئوكۇللار، بېرىلگەن دورىلار ئەمەلىيەتتە ئەقلىي قۇۋۋەتنى زەئىپلەشتۈرىدۇ. بۇ تۇتقۇنلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر تىببىي تەجرىبە. ھېچكىم رەت قىلالمايدۇ. رەت قىلغۇچىلار قېيىن-قىستاققا ئېلىنىدۇ. 16 كۇۋادىرات مېتىرلىق كىچىك بىر ئۆيگە 20 ئادەم قامالغان. بۇلۇڭدىكى پىلاستىك چىلەك ئۇلارنىڭ ھاجەتخانىسى. چىلەك كۈندە بىر قېتىم قۇرۇغدىلىدۇ. مەھبۇسلارنىڭ كۈندە 3 قېتىم چوڭ-كىچىك ھاجەت قىلىشىغا يول قويۇلىدۇ. ھەر قېتىمغا پەقەت 2 مىنۇت ۋاقىت بېرىلىدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ تاكى ئەتىسى شۇ چاغقىچە چوڭ-كىچىك ھاجەت قىلىشىغا ئىجازەت بېرىلمەيدۇ. تورۇستىكى كامىرا ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.»

سايراگۈل ساۋۇتباي يەنە شۇلارنى تىلغا ئالغان: «مەن كۆرگەن تۇتقۇنلارنىڭ چوڭى 84 ياشلىق موماي. كىچىكى 13 ياشلىق سەبى ئىدى. تۇتقۇنلار ئارىسىدا ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچىلار، تىجارەتچىلەر، يازغۇچىلار، سېستىرا ۋە دوختۇرلار، سەنئەتكار ھەمدە شەھەر كۆرۈپ باقمىغان دېھقانلار بار. ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ئىنتايىن ناچار. سوغۇق ئازابى، ئاچارچىلىق ئازابى، قېيىن-قىستاق ۋە روھىي ۋەھىمە ھەممە يەرگە ھۆكۈمران. ئاياللار دائىم باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بىر كۈنى 200 دەك تۇتقۇننى قورۇ مەيدانىغا تىزدى. بىر ئايالنى ئالدىغا چىقىپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئىلگىرى يامان ئادەم ئىكەنلىكىنى، ھازىر ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەمگە ئايلانغانلىقىنى سۆزلىدى. ساقچى ئۇنىڭغا كېيىملىرىنى سېلىشنى بۇيرىدى. ئايال كېيىملىرىنى سالغاندىن كېيىن، ساقچىلار كېلىپ بۇ ئايالغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇدۇلدىكى ساقچىلار 200 دەك تۇتقۇننىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆزىتىپ تۇردى. تۇتقۇنلاردىن كىمىكى بېشىنى بۇرىۋالسا، كۆزىنى يۇمۇۋالسا، يەرگە قارىۋالسا ياكى چىرايلىرىدا بىئاراملىق ئالامىتىنى ئىپادە قىلغان بولسا، ساقچىلار شۇلارنى تارتىپ چىقىرىپ، ماشىنىغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى. بىز ئۇلارنى ئىككىنچىلەپ كۆرەلمىدۇق.»

سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ جازا لاگېرلىرىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىگە ئەسەردە زور سەھىپە ئاجراتقان بولۇپ، لاگېرلاردا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر توغرىسىدا ناھايىتى كۆپ ئېچىنارلىق مىساللار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھازىر شىۋېتسىيەدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان لاگېر شاھىدى سايراگۈل ساۋۇتباي بۈگۈن بۇ ماقالە مۇناسىۋىى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ھەقىقەتنى بىلىشكە قىزىقىپ ئۆزىنى ئىزدەۋاتقان غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى خادىملىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق: مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىقلار تەجرىبە قىلىنماقتا ۋە قېيىن-قىستاققا ئېلىنماقتا» ناملىق ماقالە «فرانكفۇرت كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ تور سەھىپىسىگىمۇ قويۇلغان بولۇپ، لاگېر شاھىدلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق، ئۆمەر بېكئالى قاتارلىقلارنىڭ ھايات كەچمىشلىرى بايان قىلىنغان سىن كۆرۈنۈشلىرىمۇ ئەسەرگە قوشۇپ بېرىلگەن. نۆۋەتتە گوللاندىيەدە پاناھلىنىپ تۇرىۋاتقان لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزىدىن جازا لاگېرلىرىدىكى ۋەھشىلىكلەر توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىشقا قىزىقىۋاتقان مۇخبىرلارنىڭ سانىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە گېرمانىيەدە لاگېرلار توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش، لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن ئىككى ھەپتىلىك بىر پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. لاگېر شاھىدى ئۆمەر بېكئالىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

«خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق: مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىقلار تەجرىبە قىلىنماقتا ۋە قېيىن-قىستاققا ئېلىنماقتا» ناملىق ماقالە سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشقان: «مەن جازا لاگېرلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايمەن. مەن مەھبۇسلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشىمنى ئۈمىد قىلىپ تەلمۈرگەن كۆزلىرىنى ئۇنتۇيالمايمەن. ئۇلار گۇناھسىز ئىنسانلار ئىدى. مەن چوقۇم ئۇلارنىڭ ھېكايىلىرىنى، ئۇلار ياشاۋاتقان زۇلمەتنى، ئۇلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى سۆزلىشىم كېرەك. بۇ دۇنيا بۇ دەرت-ئەلەملەرنى ھەل قىلىشنىڭ بىر چارىسىنى تېپىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا بۇ خەلق ھايات قالىدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىشلىرىنى توسۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.