ئامېرىكادىكى «شەرق-غەرب مەركىزى» نىڭ ئانالىزىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى قانداق توختىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.12.01
قازاق، رۇس، تاتار ۋە ئۆزبېك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلىدى نۇرغۇن خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يۆتكەش ئۈچۈن پويىز ئىستانسىسىدا تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان، كۆزى تېڭىق، كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلار.
news.sky.com

خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى توختىتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى بۇلغۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئامېرىكا ۋە باشقا بەزى لىبېرال دېموكراتىك دۆلەتلەر بەزى تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ ھەركىتىدە چوڭ ئ‍ۆزگىرىش بولمىدى. بۇنىڭغا قارىتا غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر «قانداق قىلغاندا خىتاينىڭ قىلمىشىنى توختىتىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداپ قالغىلى، خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى پاكىزە تۇتقۇلى بولۇشى مۇمكىن؟» دىگەن مەسىلىدە داۋاملىق پىكىر يۈرگۈزمەكتە.

ئامېرىكادىكى نۇپۇزلىق ئاقىللار ئامبارلىرىنىڭ بىرى بولغان «شەرق-غەرب مەركىزى» نىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ئانالىزدا، بۇنىڭغا دائىر تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئانالىزدا كۆرسىتىلىشىچە، لىبېرال دۆكراتىك دۆلەتلەر خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش، بۇ زىيانكەشلىكنىڭ شاھىتلىرىغا ھەمدەمدە بولۇش، خىتاينىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشتە، كۆپ قىرلىق ئىنكاسلارنى قايتۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

«ئىقتىسادىي دىپلوماتىيە ۋە شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق بۇ ئانالىزنى دەنۋېر ئۇنىۋېرسىتېتى جوسېف كوربېل خەلقئارا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى كوللېن ھېندىرىكىس بىلەن پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ماركۇس نولاند قەلەمگە ئالغان. ئۇلار يۇقۇرىقى نۇقتلارىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇمكىن بولغان دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي چارە-تەدبىرلەرنى ئانالىز قىلغان. بۇ ئانالىزنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى بولغان ماركۇس نولاند ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قارىتا لىبېرال دېموكراتىك دۆلەتلەر قىلىشقا تېگىشلىك تۆت نۇقتا بار ئىكەن.

ماركۇس نولاند ئەپەندى 30-نويابىر بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ تۆت نۇقتىنى شەرھىيلەپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن بىز شىنجاڭدا كەڭ-كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولۇۋاتقانلىقى، ناھايىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ خالىغانچە تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلەنگەنلىكى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، قىيىن-قىستاق ۋە ئ‍ۆلتۈرۈش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. رايوندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتكەن ناھايىتى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەرمەكتە. بۇ ئەھۋالدا بىزنىڭ يەتمەكچى بولغان كۆپ تەرەپلىمىك نىشانىمىز بار. بۇلارنىڭ بىرى بۇ قىلمىشنى توختىتىشتۇر.»

ماركۇس نولاندنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ يەنە بىر نىشانى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بازىرىغا كىرىشىنى توسۇش ئىكەن. ماركۇس نولاند مۇنداق دەيدۇ: «يەنە بىر نىشان شۇكى، مەيلى شىنجاڭدا ياكى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن، شىنجاڭدىن خىتاينىڭ شەرقىي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئەمگەك كۈچلىرى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن ئامېرىكاغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. بىز بۇ دەپسەندىچىلىكنىڭ ھىمايىچىسى ياكى ياردەمچىسى بولۇپ قېلىشنى خالىمايمىز. بىز يەنە بۇ دەپسەندىچىلىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا قۇچاق ئېچىشتەك سىمۋۇللىق ئىشلارنى قىلىشىمىز، شۇنداقلا رايوندىن قېچىپ چىققان مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك.»

ئانالىزدا ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي، دىپلوماتىيە كۈچى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلدى، دەپ بېكىتكەن دۆلەتلەردىن پەرقلىق بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بەك چوڭ بولۇشى ئەنئەنىۋىي ئىقتىسادىي ئىمبارگو تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك رول ئوينىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا ئىكەن. ئانالىزدا ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايون خاراكتېرلىك ۋە تەمىنات زەنجىرىگە قارىتىلغان نىشانلىق ئىمپورت چەكلىمىسىنى بىرلەشتۈرۈشى، شىركەت ۋە شىركەت مەسئۇللىرىغا قارىتا نىشانلىق ئىمبارگو يۈرگۈزۈشى، ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇش، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشتەك سىمۋۇللىق تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ماركۇس نولاند زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئەنئەنىۋىي ئىقتىسادىي ئىمبارگو ۋە ئ‍ىقتىسادىي دىپلوماتىيە ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا» خاتىمە بېرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى كۆرۈلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىزنىڭ سۇئالىڭىزدىكى تەپسىلاتلارغا كەلسەك، ئىقتىسادىي ئىمبارگو ۋە باشقا ئىقتىسادىي دىپلوماتىيەلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بەرگىلى بولامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى بەلكىم ‹بولمايدۇ›. چۈنكى، تارىخ بىزگە ئىقتىسادىي جازا پەقەت كىچىك دۆلەتلەرگە، خەلقئارالىق ئىمبارگو ئۇنىۋېرسال بولغاندا، جازالاش نىشانى شۇ سىياسى ھاكىمىيەتنىڭ يادرولىق قىممەت ئ‍ۆلچىمىنى نىشان قىلمىغان بولسا، ئاقىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئەلۋەتتە، بۇ شەرتلەرنىڭ ھېچ بىرى خىتايغا چۈشمەيدۇ.»

بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىدە ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي ئىمبارگونىڭ رولىغا يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدىكەن. كانادادىكى ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ خەلقئارا توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، «كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتى ۋە تەربىيەسى» مەركىزىنىڭ دېرىكتورى، پروفېسسور جون پەكېر (John Packer) 30-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئىقتىسادىي ئىمبارگونىڭ خىتاينى مەجبۇرلاش رولى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيانىڭ ئەينى چاغدىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولغان ناتسىستلار گېرمانىيەسى بۇنىڭغا مىسال بولالايدىكەن.

ئۇ ئ‍ەگەر ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيەنىڭ بۇ ھالىتى تەسىرگە ئۇچرىغان بولسا، بەلكىم تارىخنىڭ باشقىچىرەك يېزىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. جون پەكېر مۇنداق دېدى: «ئ‍ەگەر ئۇ ئەينى چاغدا بۇ نۇقتىدىن تەسىرگە ئۇچرىغان بولسا، بەلكىم تارىخنىڭ بەزى ئامىللىرىدا ئۆزگىرىش بولاتتى. مېنىڭچە، بۇ نۇقتا ھازىرقى ئەھۋال بىلەن بەك ئوخشاپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي خەلقئارا سودىغا تېخىمۇ قاتتىق تايىنىدۇ. مەن ئىقتىسادشۇناس بولمىساممۇ، بىراق ماڭا ئۇ بۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق تايىنىدىغاندەك تەسىرات بەردى. مانا بۇ ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىش ھالقىسىدۇر.»

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىركەتلىرى خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.

جون پەكېر مۇنداق دېدى: «بىز بۇنىڭ ھەرگىز بىر پارچىسى بولماسلىقىمىز، مەيلى خىتاي ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتسۇن ياكى ئۆزگەرتمىسۇن، بۇنىڭغا خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك ئىدى. مېنىڭچە، خىتاي ئەمەلىيەتچان بىر ئاكتىيور. خىتاي دائىرىلىرى چوقۇم پايدا-زىياننى ھېسابلايدۇ. مەن خىتاينى چوڭقۇر ئىقتىسادىي ۋە ئ‍ىجتىمائىي خىرىسقا دۇچ كەلدى، دەپ قارايمەن. مېنىڭچە، ئۇ بۇ خىل خىرىسقا ئۇزۇن مەزگىل بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مانا بۇ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى جىددىيلىشىشى، تېخىمۇ جىددىيلىشىشى، جار سېلىشى ۋە خاپىلىقلىرىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى سىياسىتى خاتا. بىراق خىتاينىڭ بۇ خاتالىقىنى قوبۇل قىلىشى قىيىنغا توختاۋاتىدۇ.»

«شەرق-غەرب مەركىزى» نىڭ تورىدىكى ئانالىزدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتايغا نىشانلىق ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزۈشتە ھۆكۈمەتلەر ئالاقىدار شىركەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ۋە سىياسىي ئەمەلدارلارغا ئىمبارگو قويۇش بىلان بىر ۋاقىتتا، رايون خاراكتېرلىق نىشانلىق ئىمپورت چەكلىمىسىمۇ قويسا بولىدىكەن. ئانالىزدا ئامېرىكا قانۇنلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بېرىدىغانلىقى، كانادا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا ئ‍وخشاش قانۇنلىرىنىڭ بارلىقى تەكىتلەنگەن. ماركۇس نولاندنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى قانۇنى» نى تېزراق ماقۇللىسا، بۇ ئامېرىكا قانۇنلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدىكەن.

ماركۇس نولاند (Markus Noland) ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، ئامېرىكانىڭ يەنە قانداق تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى سۇئالىمىزغا قارىتا مۇنداق دېدى: «سىز ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز. بۇ تەدبىرلەر ترامپ ۋە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ئىككىسى تەرىپىدىن ئېلىنغان. شۇڭا بۇ ئامېرىكادىكى بىرلا پارتىيەگە مۇقىملىشىپ قالغان نەرسە ئەمەس. ئامېرىكانىڭ شىنجاڭدا قانداق ئىشلار يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسى پارتىيەلەردىن ھالقىغان. ھازىر دۆلەت مەجلىسى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› نى ئويلىشىۋاتىدۇ. بۇ لايىھە كېڭەش پالاتاسىدا مۇقۇللاندى. ئۇ ئۆتكەن نۆۋەتلىك ئاۋام پالاتاسىدا 3 كە قارشى 406 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان. شۇڭا بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىشى ئامېرىكا قانۇنلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن.»

بۇ قانۇن لايىھەسى بۇ يىل 7-ئايدا كېڭەش پالاتاسىدا بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئاۋام پالاتاسىدا ھازىرغا قەدەر ئاۋازغا قويۇلمىغان. بەزىلەر بۇنىڭ ئاۋازغا قويۇلماسلىقىنى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى كېلىمات ھەمكارلىقىغا باغلىغان ئىدى. ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور جون پەكېرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق بولۇپ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئۇنىڭغا شېرىك بولغانلىق بولىدىكەن.

جون پەكېر مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن دۆلەتلەر ھەرقانداق يول بىلەن جىنايەتكە شېرىك بولماسلىقى، باشقىچە ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياكى سىستېمىلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تۆھپە قوشماسلىقى كېرەك. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، مەبلەغ سېلىش، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ئۇنىڭغا ماددى تۆھپە قوشقانلىقتۇر. شۇنداقلا يەنە ئەخلاقىي جەھەتتىمۇ سىياسى پايدىغا ئېرىشىش، مەسىلەن، ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېگەنلەرمۇ ئۇنىڭغا تۆھپە قوشقانلىق بولىدۇ.»

كۇللېن ھېندىرىكىس بىلەن ماركۇس نولاند «ئىقتىسادىي دىپلوماتىيە ۋە شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مارزۇلۇق ئانالىزىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرىكەتلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكېتكەنلىكى، بىراق ئامېرىكا بۇنداق دەپ بېكەتكەن بىردىن-بىر دۆلەت ئەمەسلىكى، كانادا، بېلگىيە، گوللاندىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ شۇنداق دەپ بېكىتكەنلىكى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، «ئەگەر بىرسى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، بېلگىيە، كانادا ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يەكۈنىنى قوبۇل قىلسا، ئۇ ھالدا ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ ۋەھشىلىكنى توختىتىش، ئالاقىدار ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋەزىپىسىگە ئايلىنىدىكەن.» ئانالىزدا «جىنايەتنى بېكىتىش، ھەرىكەت قوللىنىپ ئۇنى توختىتىشقا قارىغاندا، 2-ئورۇندا تۇرىدۇ،» دېيىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.