ئاۋسترىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «تاج» گېزىتى «بىزنى خىتاي بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا» ناملىق ماقالە ئارقىلىق «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى تونۇتتى.
ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېنادا نەشىردىن چىقىدىغان مەشھۇر گېزىتلەردىن «كرونېن»، يەنى «تاج» گېزىتى 21-دېكابىر كۈنى «بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن ئىلگىرى: بىر ئۇيغۇر شىكايەت قىلىپ ‹بىزنى خىتاي بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا› دېدى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ كونكىرېت بايانلىرى، ئاتا-ئانىسى ۋە ئىنىسى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ناھەق ھالدا قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ تىلى ئارقىلىق شەرھىيىلەپ ئۆتۈلگەن ئىدى.
«بىزنى خىتاي بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا» ناملىق ماقالىنىڭ زىيارەت ئوبيېكتى ئاۋسترىيەنىڭ لىنز شەھرىدە ياشايدىغان مەھبۇبە ئابلا خانىم بولغان. ماقالىدە بايان قىلىشىچە، مەھبۇبە ئابلانىڭ دادىسى ئابلاجان ھەبىبۇللاھ 8 يىللىق، ئانىسى پەيزۆھرە ئۆمەرجان 19 يىللىق، ئىنىسى ئادىلجان ئابلاجان 16 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئۇلارنىڭ گۇناھى بولسا ھەج قىلغانلىق، چەت ئەلدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىك ياكى ئۆزئارا پۇل مۇئامىلىسى قىلغانلىق بولغان.
ماقالە مۇنداق باشلانغان: «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىدىغانغا يەنە ئىككى ئايغا يەتمىگەن بىر ۋاقىت قالدى. سىياسىي جەھەتتىن ئېيىتقاندا، بۇ يالغۇز پارتلاش خاراكتېرلىك بىر ۋەقەلا ئەمەس: خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان غەرب بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىشىگە سەۋەب بولغانلىقى مەلۇم. ب د ت 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ بېيجىڭ ‹تەربىيەلەش مەركىزى› دەپ ئاتىغان لاگېرلارغا قامىلىپ، ‹ئىسلامىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى› نىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇر قىزى مەھبۇبە ئابلا بولسا ‹بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغان ئىدۇق، ئەمما ئۇلار بىزنى خىتاي بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا› دەپ شىكايەت قىلدى.»
ماقالىدە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «ئاۋسترىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 43 دۆلەتنىڭ 10-ئاينىڭ ئاخىرى ب د ت دا ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا ئومۇمىييۈزلۈك ۋە سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، قېيىن-قىستاق، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، جىنسىي زوراۋانلىق مەۋجۇت. ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار غايەت زور بىر سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرى تورىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، ئۇنىڭغا 1 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ مەقسەتلىك ھالدا قامالغانلىقىنى دەلىللىمەكتە.»
ماقالىدە مەھبۇبە ئابلانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامىنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغانلىقى، بۇ تۇپراقنىڭ 1949-يىلى خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى، مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرمۇ ئۇنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدىغانلىقى ۋە بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق ئاتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەھبۇبە ئابلانىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇۋاتقان ناماز ئوقۇشنى چەكلەش، ئاياللارنىڭ رومال ئارتىشىنى مەنئىي قىلىش، پەرزەنتلەرگە ئىسلامىي ئىسىملارنى قويۇشقا يول قويماسلىق، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى يالغۇز مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىپلا قالماي، جەمئىيەتتىمۇ ئىستېمالدىن قالدۇرغانلىقى، پۈتۈن يازغۇچىلارنىڭ تۈرمەلەرگە سولىنىپ بولغانلىقى ۋە خىتايلارنىڭ مەقسىتىنىڭ بۇ مىللەتنى 100 پىرسەنت خىتايلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.
«بىزنى خىتاي بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا» ناملىق ماقالىنىڭ زىيارەت ئوبيېكتى بولغان مەھبۇبە ئابلا خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئاۋسترىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى ھەم ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى يەرلىك خەلققە ئاڭلىتىش يولىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىمىزغا قىسقىچە جاۋاب بېرىپ ئۆتتى. «ئاۋسترىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن مەۋلان ئەپەندىمۇ مەزكۇر ماقالە ۋە مەھبۇبە ئابلا خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادە قىلدى.
«بىزنى خىتاي بولۇشقا مەجبۇرلىماقتا» ناملىق ماقالىغا خىتاينىڭ جازا لاگېرى، قوراللىق نازارەت كۈچلىرى، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ھاسىلىق ئايال ھەمدە ياغلىق چەككەن، دوپپا كەيگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى بولۇپ جەمئىي 5 پارچە رەسىم قوشۇپ بېرىلگەن.