خىتاي خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى بۇ يىل ئىچىدە 125 مىڭ ئادەم قېتىم قۇرۇلۇش ئۇستىسى تەربىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ جاي ۋە شەھەر-يېزا نازارىتى بۇ يىل قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىنى تەربىيەلەشنى داۋام قىلدۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىنى 125 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، ئۇلارنى رايوندىكى 100مىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. خەۋەردە، بۇ ساننىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا 2023-يىلىدىن 2025-يىلغىچە بولغان 3 يىل ئىچىدە 300 مىڭ قۇرۇلۇش ئىشچىسى تەربىيەلەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2023-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىدىن ئۈچ يىلدا 300 مىڭ ئادەمنى تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكەت پىلانى» ھۆججىتىنىڭ تەپسىلاتى ئېلان قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىس ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش، ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىش» شوئارى ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشى بىلەن رايوندا قۇرۇلغان خىتاينىڭ ئۇل-ئەسلەھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە شىركەتلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلىشى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ، 2017-يىلىدىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا لاگېرلارغا قامىشى ئەۋجىگە چىققاندىن بۇيان، لاگېردىكى ۋە لاگېرلاردىن چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي شىركەت-زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئىسپاتلىنىشى ئىكەن.
نيۇ-يورك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ دېڭىز بويى ئۆلكىلىرىدە ئىقتىساد ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇل-ئەسلەھە قۇرۇلۇشلىرىغا زور تۈركۈمدە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، خەۋەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان «قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىنى تەربىيەلەش، ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىش» دېگەنلەر ئەمەلىيەتتە ۋەيران بولغان خىتاي-شىركەت زاۋۇتلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەپ، خىتاي ئىقتىسادىنى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىكەن.
جېڭ شۈگۇاڭ مۇنداق دېدى: «ئەگەر كومپارتىيەنى ھازىر رايونغا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ دەپ قارىساق، ئۇ ۋەيران بولغان شىركەت-كارخانىلىرىنى بۇ يەرگە يۆتكەش ئارقىلىق ئىقتىسادنى ياخشىلىماقچى. شۇڭا ئۇ ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى شىركەت-كارخانىلىرىنى رايونغا يۆتكىمەكتە. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش. ھالبۇكى ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ جايدا ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى بار دەپ قارىلىدۇ. ھالبۇكى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىپ پايدا ئېلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى دۇنيا سودا بازىرىنى قالايمىقان قىلىپ، سودا ئۇرۇشىنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە.»
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ رايوندىكى خەلقنى ئىش پۇرسەتلىرىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقانلىقى مەدھىيەلەنگەن.
ئەمما جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاينىڭ قۇرۇلۇش شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشى پۈتكۈل خىتاي دىيارى بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولسىمۇ، تىرىكچىلىك ئۈچۈن، ئۇلار ئىشلەشكە مەجبۇر ئىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە سۆزىنى داۋام قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى خىتاي خەۋەرلىرىدە دېيىلگەندەك ئۇنداق يۇقىرى ئەمەس، بەلكى تولىمۇ تۆۋەن. ئۇلارنى ئەمەلىيەتتە ئەڭ تۆۋەن تەبىقىدىكى ئەمگەك كۈچلىرى دەپ تەرىپلىسەك بولىدۇ. ئەمما ھازىرقى شارائىتتا ئىش ھەققى شۇنچە تۆۋەن بولسىمۇ، باشقا ھېچقانداق تاپاۋىتى بولمىغان بۇ كىشىلەر بۇ يەرلەردە ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ ئەلۋەتتە.»
ھالبۇكى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بۇ خىلدىكى خەۋەرلەر ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان، «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى: «تالمىش قۇرۇلۇش مەكتەپلىرىدە تەربىيەلىنىۋاتقانلار ئەمەلىيەتتە يېقىنقى يىللاردا يەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىپ خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلگەندىن كېيىن، تىرىكچىلىك مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالغان زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر دېھقانلىرى» دېدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە، ئاتالمىش «قۇرۇلۇش تېخنىكىلىرى بويىچە تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» گە ئەۋەتىلىپ، خىتاينىڭ قۇرۇلۇش شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقان قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ، ئەمەلىيەتتە نازارەت ۋە مەجبۇرىيەت ئاستىدا ئىشلەۋاتقان قۇل ئەمگەكچىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن خىتاينىڭ قۇرۇلۇش شىركەتلىرىدە ئىشلەش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپ قىسمىنىڭ ياش ۋە ئوتتۇرا ياشتىكى ئۇيغۇر ئەرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار، ئائىلىسى ۋە مەھەللىسىدىن ئايرىۋېتىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاساسى بولغان ئائىلە بىرلىكى پارچىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئەرلىرىدىن ئايرىش، ئۇيغۇر بالىلىرىنى دادىسىز قويۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللىۋى تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى يوقىتىش تېزلىتىلمەكتىكەن.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك رەئىسى خەلچەم مەمتىمىن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «125 مىڭ ئادەم قېتىم قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىنى تەربىيەلەش» نامىدىكى بۇ تۈردىكى خەۋەرلىرىدىن، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئەھۋاللار ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئىسپاتلاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
