ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى بېسىم پەيدا قىلغان

0:00 / 0:00

خىتايدا يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ئېغىر مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرمۇ بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپلا بىرقانچە قېتىم يىغىن ئېچىپ، 2024-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا 9-ئاپرېل كۈنى 2024-يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە يىغىنى ئېچىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ تۈردىكى خەۋەرلەردە يەنە 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش يىغىنىغا ئۇيغۇر رايوندىكى بىر مىڭ 31 شىركەت ۋە 36 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ نەق مەيدان پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى، بۇ پائالىيەتكە ئىنتېرنېت ئارقىلىق قاتناشقانلارنىڭ 3. 3 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ئىقتىسادىنى كۆزىتىۋاتقان ئانالىزچىلاردىن نيۇ-يوركتىكى جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مەيلى خىتايدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇر دىيارىدا بولسۇن، ياشلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە زور بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. بۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن بېسىمىمۇ ئىنتايىن ئېغىر. ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۇلتۇر 8-ئايدىن باشلاپلا توختىغان ئىدى. ئەينى چاغدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى بۇلتۇر 6-ئايدىلا 20 پىرسەنتتىن 21 پىرسەنتكىچە بولغان ئىدى. ئىشسىز قالغان ياشلار ئەلۋەتتە ئالىي مەكتەپلەردىكى 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياش ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندى سۆزىنى داۋام قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ بېرىلگەن خەۋەرلىرىدە 2024-يىلى ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت يىغىنلىرى ئېچىلغانلىقى ۋە بۇ يىلقى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 14 پىرسەنتكە چۈشكەنلىكى تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىلدىكى خەۋەرلەر 5 ئاي توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، ياشلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 14 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ھالبۇكى، بۇ سان ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى مەلۇمات.»

جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان «ئۇيغۇر رايوندىكى 1 مىڭ 31 شىركەت ۋە 36 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ نەق مەيدان خىزمەتكە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى» ھەققىدىكى مەلۇماتلار ھەققىدە توختالدى.

ئۇ سۆزىدە، بۇ شىركەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشتۈرۈلگەن شىركەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ شىركەتلەرگە خىزمەتچى ئېلىش نامىدا بۇ يىل ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ئورۇنلارغا تەۋسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ شىركەتلەر ھازىر مەبلەغ سېلىش باسقۇچىدا، چۈنكى مەبلەغ سېلىنسىلا ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، ئىشسىزلىق مەسىلىسىمۇ ھەل بولىدۇ. ئەگەر ھازىر خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىۋاتقان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ يەردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. بۇ يەردىكى خەۋەردىمۇ رايوندىكى 1031 شىركەتكە خىزمەتكە ئېلىنىدىغانلارنىڭ 25 مىڭ ئىكەنلىكى، ئەمما بۇ خىزمەتلەرگە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ 36 مىڭ ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپتۇ. توردىن قاتناشقانلار سانى بولسا 3 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن. بۇ ئەھۋال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنىڭ دائىرىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

جېڭ شۈگۇاڭ ئەپەندى يەنە بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، چەت ئەل شىركەتلىرى خىتايدىن چېكىنىۋاتقان، خىتايدا ئىقتىساد ناچارلاشقان، ئىشسىزلىق ئېغىرلىشىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ چەت ئەللەرگە يۆتكىلىپ كېتىشى، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرگەن مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. نۇرغۇنلىغان خىزمەت پۇرسەتلىرى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۆتكىلىپ كەتتى. ئۇندىن باشقا بەزى ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا دۇچ كەلدى. سودا، ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى چەكلىمىنىڭ كۈچىيىشى خىتايدىكى ئىشسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇردى. نەتىجىدە ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇنىۋېرسىتېتلارغا نورمىدىن ئارتۇق قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ھازىر ئۆز كەسپىگە لايىق خىزمەت تاپالمايدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. تۈركۈم-تۈركۈم ئىشسىز ياشلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە.»

ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى قەيسەر مىجىت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختالدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە خىتاينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرى ئىقتىسادىنىڭ تېزلىكتە چېكىنىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار سەۋەب بولغان ئىكەن.

قەيسەر مىجىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر رايوندا ئېچىۋاتقان بۇ خىلدىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرىغا ئوخشاش سىياسىي بۇيرۇق شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرى رايوندىكى ئىشسىزلىق بېسىمىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ خىلدىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە بىڭتۈەندە تېخىمۇ كۆپ ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىش چاقىرىقى ئەمەلىيەتتە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچراۋاتقان تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا ۋە بىڭتۈەنگە يەرلەشتۈرۈش، ئۇلارنى ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تەمىنلەش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» ئىقتىسادىي تەرەققىيات چەمبىرىكىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي-جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىنى ئىگىلەشكە يۈزلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.