پروفېسسور جوئاننىي سىمىس خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدېئولوگىيە سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىش» خىزمىتىنىڭ نىشانى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يالغۇز مەلۇم ساھەدىكى كىشىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دىنىي پائالىيەتكە ئارىلاشمايدىغان ياكى تەقۋالىقى ھەممىگە مەلۇم بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ خىلدىكى ئىدىيە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دىنىي خىزمەتچىلەر، ئاياللار، بالىلار، ياشلار ۋە ياشىنىپ قالغان كىشىلەر بار ئىكەن. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى تۈپتىن پەرقلىق بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا قوللىنىۋاتقان ئۇسۇلى ئوخشاش ئىكەن، يەنى «كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدىكى ئەسەبىيلىك ئامىللىرىنى يوقىتىش» ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدىكى خىتايلار ئۈچۈن يات بولغان ئىدىيەلەرنى يوقىتىش بۇنىڭدىكى باش ۋەزىپە ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز جەريانىدا دوكتور جوئاننىي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا بۇنچىۋالا كىرىشىپ قېلىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەبنىڭ «ئۇيغۇرلاردىن ئەندىشە قىلىش» خاھىشىنى مەنبە قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
«مېنىڭچە، خىتاي دۆلىتى شۇنىڭغا بەكلا ئىشىنىدۇ. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئەمەلىيەتتە بۇ ھالنى ئۆزىنىڭ سىناقلىرىدىن ۋە تەجرىبىلىرىدىن ئۆتكەن ھەمدە ئىجتىمائىي تۈزۈلمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگۈچى ئامىل دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ خىل ئىجتىمائىي تۈزۈلمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگۈچى بارلىق ئامىللار مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەرىكەتلەردىن ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈچلەردىن بىخلانغان، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا دۆلەت بۇ ھالدىن تولىمۇ خاتىرجەمسىز بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق شىنجاڭدىن باشقا خىتاي دۆلىتى يەنە خاتىرجەمسىز بولۇۋاتقان بەكمۇ كۆپ ساھەلەر بار. مەسىلەن، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تۆۋەنلەش، جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىكنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ زورىيىۋاتقان ئىجتىمائىي نارازىلىق دېگەندەك نۇرغۇن ساھەلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەمتىرىتىپ، ئۇلارنى كېچىسى خاتىرجەم ياتالماس قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. ئەمما مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى ھېچنەگە ئوخشىمايدىغان پەۋقۇلئاددە بىر مەسىلە. چۈنكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆزلىرى تۈزۈپ چىققان تارىخنامىلەردە شىنجاڭنى قانداق تەسۋىرلىگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيەتتە يېڭىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان رايون ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇنىڭ باشقىلاردىن تارتىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى بەكمۇ ياخشى بىلىدۇ. قارايدىغان بولساق ‹شىنجاڭ›، يەنى ‹يېڭى چېگرا› دېگەن ناممۇ بۇنى تەستىقلايدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ شىنجاڭدىكى ۋاقىتتا تونۇشۇپ قالغان بىر ئۇيغۇر دوستۇم بار ئىدى. ئۇ بىر ياشىنىپ قالغان، ئەمما ئالىي مەكتەپ تەربىيەسى ئالغان بىر ئايال بولۇپ، 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئۈرۈمچىگە بارغاندا ماڭا دېگەن بىر گېپى ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋۈمدىن كەتمەيدۇ. ئۇ ماڭا شۇ ۋاقىتتا ئاددىيلا قىلىپ ‹سىز نېمىشقا دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ھەيران بولۇۋاتامسىز؟ چۈنكى خىتاي بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ‹ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك› دېگەن مۇشۇ، دېگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان ئۇيغۇرلاردىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ.»
دوكتور جوئاننىينىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى «ئىدىيە ئازادلىقى» ھەرىكىتىنى ھازىر قانداقتۇر تىنچ شەكىلدىكى «سىياسىي ئۆگىنىش» ياكى «ئاممىۋى ھەرىكەت» شەكلىدە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرلارغا قاماش، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاش، ئاندىن ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ساداقەتمەنلىكنى بىلدۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئىجرا قىلماقتا ئىكەن. سۆھبەت جەريانىدا بىز مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرلاش ھەمدە خورلاش شەكلىنى ئالغان «ئىدىيە ئازادلىقى» ھەرىكىتىنىڭ قانچىلىك ئۇتۇق قازىنىشى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا جوئاننىي سىمىس ئۆزىنىڭ «بۇ ئۇسۇل ئەكسىچە ئۈنۈم يارىتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«مېنىڭچە، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ خىل ئۇسۇلدا سىياسىي جەھەتتىكى ساداقەتنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق بىخەتەرلىككە ئېرىشىشتەك مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. بۇ قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ھازىرقى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە ئومۇمىي نازارەت مېخانىزمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلاردا خىتايغا نىسبەتەن قورقۇنچ، خىتايغا بولغان يىرگىنىش ھەمدە خىتايغا بولغان غەزەپ-نەپرەت ئارىلىشىپ كەتكەن بىر يېڭى تۇيغۇ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر كۆپلىگەن دەلىللەر مەۋجۇت. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى بەكلا غەزەپلەندۈرۈۋاتىدۇ. يەنە بىر ئەھۋال، ‹تۇغقان بولۇش› سىياسىتى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ يېتىۋالغان خىتاي كادىرلىرىنىڭ بەزىلىرى ئەينى ۋاقىتتا زىيارەت ۋە جەمئىيەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭغا بارغان كەسىپداشلىرىمغا ‹لاگېرلاردىكى ئاشۇ ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلگەندە نېمە ئىشلار بولۇپ كېتەركىن، دەپ قورقىمىز› دەپتۇ. چۈنكى بۇ خىتاي كادىرلار لاگېردىكى ئۇيغۇرلار ئۇ جايدىن چىققاندىن كېيىن ئۇلاردىكى غەزەپنىڭ قايسى دەرىجىگە بارىدىغانلىقىنى ئالدىن ھېس قىلغان كىشىلەردۇر. مېنىڭ خىتايدىكى بىر تونۇشۇم يېقىندا بېيجىڭ شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن سۆزلىشىپتۇ. ئاشۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ يېقىندا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن بىر دوستى باركەنتۇق (ئۇ بىر ياش قىز ئىكەن). شۇ قىز لاگېردىن چىققاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ قىلغان ئىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارا ھالدا ‹مەن ئۇدۇل شياۋشىمىن (سىزمۇ بىلىسىز، بۇ ئۈرۈمچىدىكى خىتايلار توپلىشىپ ماكانلاشقان جايلارنىڭ بىرى) غا بېرىپ ئۆزۈمنى قوشۇپ پارتلىتىۋەتمىسەم ھېساب ئەمەس› دەپتۇ. بۇ ئىشنىڭ كېيىن قانداق بولغانلىقىنى بىلمىدىم. ئەمما دېمەكچى بولغىنىم، خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلار ساقلانماقچى بولغان ناھايىتى زور مۇقىمسىزلىققا ھامىلىدار بولۇۋاتىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى ھاياتلىق رىتىمىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش، تىل-يېزىق ۋە دىنىي ئېتىقادىنى خىتايلارغا خاس شەكىلگە ئايلاندۇرۇش، شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىكى «ئوتتۇرا ئەسىرگە خاس قالاق ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتاي دۆلىتىگە ساداقەتمەن قىلىپ چىقىشقا غايەت زور ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، دوكتور جوئاننىي سىمىس بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي تەتۈر ئۈنۈم يارىتىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان. ئەڭ ئاددىيسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەگە خاس تىل، تۈركىيە دۆلەت بايرىقى دېگەنلەرنى «پانتۈركىزم» گە باغلاپ مەنئى قىلىشى ھەمدە خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «ۋەتەنپەرۋەرلىك» نى بۇنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولۇشى ماھىيەتتە بارغانسېرى كۆپ ئۇيغۇرلارنى «مۇستەقىللىق» يولىغا قىزىقتۇرماقتا ئىكەن.
«مەن دىققەت قىلغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ھازىر بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا قارىغاندا بارغانسېرى كۆپ ئۇيغۇرلار ‹بۇ بالايىئاپەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن-بىر يولى تولۇق مۇستەقىللىق ئىكەن› دېگەن قاراشقا مايىل بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق خېلىلا زور ساندىكى ئۇيغۇرلار ‹مىللىي مەسىلىلەردە، ئىقتىسادىي ساھەدە ۋە ئىجتىمائىي مۇئامىلىدە بىزمۇ باراۋەر بولساق خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق› دېگەن قاراشنى قۇۋۋەتلەيتتى. مەنمۇ ئاشۇ خىلدىكى پىكىرنى قوللايدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى ئۇچراتقان ئىدىم. ھالبۇكى ھازىر بارغانسېرى كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ئەمدى بەس! باشقا گەپنى قويۇڭلار. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ ھېچقانداق چارىسى قالمىدى. ھازىرقى بۇ بوھراندىن قۇتۇلىمىز دېسەك شىنجاڭنى تولۇق مۇستەقىل قىلىشتىن باشقا يول يوق› دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز.»
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئازاد قىلىش» ھەرىكىتى چوڭ جەھەتتە خىتايدىكى ھاكىمىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر بولسا، كىچىكرەك جەھەتتىن قارىغاندا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زۆرۈر، دەپ قارالماقتا ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنىڭ دەماللىققا توختاپ قېلىش ئېھتىماللىقى ھازىرچە يوقنىڭ ئورنىدا، دەپ قارالماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00