ئىمران خاننىڭ ئوچۇق خېتى مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىكى» نى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.11.03
Erdoganning-Ikki-Yuzi.jpg ئەردوغاننىڭ ئىككى يۈزى: خىتاينىڭ ئالدىدا مۈشۈك، فىرانسىيەنىڭ ئالدىدا يولۋاس.
Photo: RFA

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىش، غەرب دۆلەتلىرىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ھەققىدە ئوچۇق خەت يازغان.

ئۇ خېتىدە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋىي رەسىملىرى سىزىلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى «قۇرئان كەرىم» گە ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغانلىقىدەك ئىسلام دۈشمەنلىكنىڭ ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقى، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە كۆرۈلگەن ئىسلام ئۆچمەنلىكىگە دەرھال ئىنكاس بىلدۈرگەن ئىمران خان ئۆتكەن يىلى مارت ئېيىدا CNN مۇخبىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە سوئال سورىغاندا، ئۇ «بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوقكەن» دەپ سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرغانىدى.

ئىمران خان خىتاينىڭ 2017-يىلدىن بىرى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆيىدە «قۇرئان» ساقلىغانلىقى، ناماز ئوقۇغانلىقى، ئەرلەرنىڭ ساقال قويغانلىقى، ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتقانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا سولىغانلىقى، مىڭلارچە «قۇرئان» لارنىڭ كۆيدۈرۈلگەنلىكى، يۈزلەرچە مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرماي سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقىنى ئىمران خاننىڭ خېتىدىكى مۇنۇ قۇرلار بولغان: «ياۋروپادا مەسچىتلەر تاقالماقتا، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزلىرى خالىغان شەكىلدە كىيىنىشى چەكلەنمەكتە. مۇسۇلمانلار كەمسىتىلمەكتە. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ياۋروپا دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسلامىي چۈشەنچىسىنىڭ كەمچىل بولغانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز پەيغەمبىرى ۋە مۇقەددەس دەستۇرى ‹قۇرئان› غا بولغان سۆيگۈسىنى بىلەلمىگەنلىكىندىندۇر.»

ئىمران خان خېتىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمان دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز-ئارا بىرلىشىپ، غەربتىكى ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتكەن. ئەمما ئۇ خېتىدە شەرقتىكى كوممۇنىست قوشنىسى خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئۇرۇش» لىرى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن.

MSNBC ئاگېنتلىقىنىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى، NBC خەۋەر قانىلىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى مەھدى ھەسەن ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئىمران خاننىڭ ئوچۇق خېتىگە مۇنداق ئىنكاس يازغان: «غەربتىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئىسلام دۈشمەنلىكنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ھازىر شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرى ئالدىدا ھېچنېمە ئەمەس. باش مىنىستىر ئەپەندى، خىتاي سىزنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشىڭىز، ئۇنداقتا، ئۇلارغىمۇ خەت يېزىشىڭىز كېرەكمۇ-قانداق؟»

ئامېرىكادىكى «كاتو ئىنستىتۇتى» ناملىق سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول ئەپەندى مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى پاكىستان ۋە تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ غەربكە قارشى «قاتتىق»، شەرققە قارىتا «يۇمشاق» پوزىتسىيە تۇتۇشىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» دەپ ئاتىدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقىنىڭ فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىسساللەمنىڭ ھەجىۋىيلەشتۈرۈلۈشىگە تىنچ يول بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. مۇسۇلمانلار: ‹بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە، مۇقەددەس كىتابىمىزغا ھۆرمەتسىزلىك قېلىندى. بىز بۇنىڭغا قارشى تۇرۇۋاتىمىز› دەيدۇ. لېكىن بىلگىنىمىزدە فىرانسىيەدە بىر مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلمىدى، مۇسۇلمانغا زۇلۇم قىلىنمىدى، پەقەت بىر رەسىم سېزىلدى. بۇ رەسىمنىڭ سېزىلىشىغا قارشى تۇرساق، ئۇنى ئەيىبلىسەك بولىدۇ. ئەمما شۇئان قارايدىغان بولساق، دۇنيادا ئەڭ چوڭ ‹ئىسلام دۈشمەنلىكى› خىتايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى پەيغەمبەرنى مازاق قىلىشتىنمۇ ئېغىر. خىتايدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىنىشى، دىنى قائىدىلەرگە ئۇيغۇن ھايات ئۇسۇلىنىڭ ‹روھى كېسەللىك› دەپ قارىلىشى، مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. فىرانسىيەدە بىرەر مەسچىت چىقىلمىدى، ئەمما خىتايدا يۈزلەرچە مەسچىتلەر ۋەيران قىلىندى. قارايدىغان بولساق، ئەسلىدە دۇنيادا خىتاي ئىسلامغا قارشى ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. لېكىن فىرانسىيەنى ئەيىبلەپ ناھايىتى ‹قاتتىق› ئىنكاس قايتۇرغان پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان، تۈركىيە پىرزىدىنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ خىتايغا كەلگەندە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.»

مۇستافا ئەپەندى يەنە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبلىرى، بىرىنچىدىن، مۇسۇلمان ‹رەھبەر› لەرگە نىسبەتەن فىرانسىيەگە ياكى باشقا غەربتىكى دۆلەتلەرگە قارشى گەپ قىلىش بەك جىق ئىقتىسادى زىيان ئىلىپ كەلمەيدۇ. شۇڭا فىرانسىيەگە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش ئاسان ھەم غەرب دۆلەتلىرى ئۆزىگە قارشى سۆزلەرنى ‹پىكىر ئەركىنلىكى› دەپ قارايدۇ ئىككىنچىدىن، كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن نۇرغۇن ئىقتىسادى پايدا-مەنپەئەتى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە قارشى چىقىشىغا يول قويمايدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئىسلام دۇنياسىدا تارىختىن قالغان ‹غەربنى ئۆچ كۆرىدىغان› بىر خىل كەيپىيات بار. ئەمما غەربكە قارشى زىيادە سەزگۈر بولۇپ، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە غەربتىنمۇ ئېغىر ‹ئىسلام دۈشمەنلىكى› گە كۆز يۇمۇشنىڭ ئۆزى ئىسلام دۇنياسىدىكى ‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك› تۇر، خالاس»

ھىندىستاننىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ۋىيون (WION) قانىلىدا «خىتاينىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى CCTV دا بېرىلگەن بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرىتىنى كۆرسەتتى، ئەمدى پاكىستان ئەمدى خىتاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلامدۇ، مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلامدۇ؟» دېگەن تېمېدا مەخسۇس مۇنازىرە پروگراممىسى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر پروگراممىدا پاكىستاننى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىگەن.

خىتاينىڭ دۆلەتلىك قانىلىدا قويۇلغان سىن كۆرۈنۈشىنى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئارسلان ھىدايەت ئەپەندى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن بولۇپ، بۇ سىن كۆرۈنۈشى ناھايىتى تېز تارقالغان ۋە «ۋىيون» قانىلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىكەن. «ۋىيون» قانىلى ئۆتكۈزگەن مۇنازىرىگە ئارسلان ئەپەندىمۇ تەكلىپ قېلىنغان بولۇپ، ئۇ پروگراممىدا بولۇنغان مۇنازىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پروگراممىدا پاكىستاننى خىتايدىكى لاگېرلار ھەققىدىغۇ گەپ قىلمىسۇن، ماۋۇ تېلېۋىزوردا ئوچۇق-ئاشكارا پەيغەمبەر ھەققىدە قالايمىقان ئۇچۇر تارقاتسىمۇ گەپ قىلمامدۇ، دەپ پاكىستاننى ئەيىبلىدى. ئىمران خان، تاييىپ ئەردوغانغا ئوخشاش باشلىقلار ئىسلامنى پەقەت سايلامدا خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ.»

مۇستافا ئەپەندى سۆھبېتىمىزنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «مېنىڭ ئەڭ قوبۇل قىلالمايدىغىنىم، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈتتە تۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتىنى قوللاپ ھەرىكەت قىلىش. ئىمران خان مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئالىغا ‹مەن ئۇ ئىشلارنى بىلمەيدىكەنمەن› دەپ جاۋاب بېرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىنكار قىلغان بولدى. تۈركىيەگە قارايدىغان بولساق، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر ئېغىز ئىپادە بىلدۈرمىدى. ھەتتا دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان، ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمنىڭ ‹يالغان›ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پروگراممىلارنى قويۇۋاتىدۇ. مەسىلە پەقەت ئۇيغۇرلارنى قوللىماسلىق ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ تەرىپىگە ئۆتۈش، مېنىڭچە، بۇنى كەچۈرگىلى بولمايدۇ.»

ئارسلان ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىزچىل ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى چوڭ سىياسەتنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق ھەل قىلغۇچ پەيتتىن چوقۇم ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى: «بىز سىياسەتنى ياخشى ئوينىشىمىز كېرەك. فىرانسىيەدىكى مەسىلىلەرگە ئارىلىشىش بىز ئۈچۈن پايدىسىز. بىز چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك.»

مۇستافا ئەپەندى سۆھبىتىمىز جەريانىدا «خىتاي ھاكىمىيىتى ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە قارشى چىقىشىغا چىدىيالمايدۇ، دەرھال ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن تىرىشىدۇ،» دېگەنىدى. ئېيتقىنىدەك، 3-نويابىر خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تورىدا «شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى توغرىسىدىكى دوكلات» ناملىق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يېقىندىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم خىتايغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭغا ئائىت خاتا ئۇچۇرلارنى تارقاتتى، يەنى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ‹دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەيدۇ›، ‹ئاز سانلىق مىللەتلەرنى دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى›، ‹مەسچىتلەرنى زورلۇق بىلەن چېقىۋاتىدۇ» دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتتى. پاكىتقا پەرۋا قىلماي، بۇ ئاساسسىز خاتالىقلار ئىسلام جەمئىيىتىدىكى كىشىلەرنىڭ ۋە شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى ھەمدە بىزنىڭ كۈچلۈك غەزىپىمىز ۋە قارشىلىقىمىزنى قوزغىدى. شۇڭلاشقا بىز ئۆزىمىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىمىزنى ئاساس قىلىپ، بۇ دوكلاتنى شىنجاڭدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلان قىلدۇق.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مايىك پومپىيو 8-ئىيۇل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ يالغانچىلىقى سەۋەبىدىن خەلقئارادا ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.