ئابدۇلھاكىم ئىدرىس: «قۇياشنى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمىغىنىدەك، خىتايمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرالمايدۇ!»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان يەنە بىر قېتىم تەشۋىقات تىياتىرى ئويناپ، غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقادىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۇيغۇر ئېلىغا تەكلىپ قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي باستۇرۇشلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز ئۈرۈمچىدە مەزكۇر ئۆمەكنى كۈتۈۋالغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر ئۆمەكنىڭ ئەزالىرى سۈرىيە، پەلەستىن، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئون نەچچە ئىسلام دۆلىتىدىن تەشكىللەنگەن ئىكەن. يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينىڭ تەرەپدارى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بېرىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇمدۇر. مەزكۇر ئۆمەكنىڭ «ئىسلام دۆلەتلىرى ۋەكىللىرى» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتتە بولۇشى ۋە خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆز قىلىشى، چەت ئەللەردىكى پائالىيەتچىلەر ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ غەرىزى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى «دىنىي زاتلار» نىڭ زىيارىتى ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىنى ئالداش ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقاچان ئۆز مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ما شىڭرۇي «دىنىي زاتلار» ۋە مۇخبىرلاردىن تەشكىل تاپقان مەزكۇر ئۆمەكلەرنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋەكىللەرگە سۆز قىلىپ، «ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى بىر قىسىم خىتايغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ئاتالمىش مىللىي، دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى دەستەك قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ‹شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينى كونترول قىلىش› مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە «مەن كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ ياخشى ساياھەت قىلىپ، شىنجاڭنى تولۇق چۈشىنىشىنى، شىنجاڭنى دۇنياغا ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇپ، ھەقىقىي ۋە گۈزەل شىنجاڭنى ئاڭلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

مەركىزى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنى ئۆز يېنىغا تارتىش، ئۇلارنىڭ باياناتلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلىماقچى بولۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى دەۋا-دەستۇرلىرىنى ئىنكار قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ مەزكۇر ئۆمەكلەرنى ئۇيغۇر ئېلىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىشىدە ئالاھىدە بىر مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ما شىڭرۇي يەنە بۇ تۈردىكى تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىق كۆپەيتىلىدىغانلىقىدىنمۇ شەپە بېرىپ، «بىز يەنە ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ‹سىرتتىن ئىلغارلىقنى ئەكىرىش ۋە ئىلغارلىقنى سىرتقا چىقىرىش› سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرىمىز» دېگەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى، سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ ئىسلام ئەللىرىدىن بۇ خىلدىكى ئۆمەكلەرنى تەكلىپ قىلىشى، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنى ئۆز سېپىگە تارتىش، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنىش، شۇنداقلا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا تېرە تاراقشىتىپ، ئۇلارنى يېتىم قالدۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

«تەڭرىتاغ تورى» ئۆز خەۋىرىدە پەلەستىن، سۈرىيە ۋە كۇۋەيتتىن كەلگەن دىنىي زاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى سىياسەتلىرىنى ماختىغانلىقى، يەنى «غەرب تاراتقۇلىرى ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭ توغرىسىدا يالغان خەۋەر تارقاتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى كىشىلىك ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ. زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇقنىڭ مىللەت ياكى دىن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق دۈشمىنى» دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈرگەن.

ھالبۇكى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋىرىدىكى بۇ بايانلارنىڭ ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن سۇيىئىستېمال قىلىنغان باشقىلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئۆزىنى بېزەپ كۆرسىتىش تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا، بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى كۆز بويامچىلىق ئويۇنلىرىغا داخىل بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەزەلدىن تەشۋىقات ۋە زوراۋانلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ۋاسىتىنى قوللىنىپ، خىتاينى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:

«بىز بۇ نۇقتىدا كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ مەسىلىلەرنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەك، شۇنداقلا خىتاي تەرىپىدىن ئاسانلا ئالدانماسلىقىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە، ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي مۇستەبىتلىرى تەرىپىدە تۇرۇشى بىر نومۇسسىزلىق، ئەمما بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلار ئاساسەن خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، خىتاينىڭ تەشۋىقاتىنىڭ ھەممىسىلا توغرا بولۇشى ناتايىن. ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى بەزى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئىگىلىشىمچە، ئۇ دۆلەتلەردە خىتاينىڭ تەرىپىنى تۇتۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەشۋىقاتلارنىڭ كۆپ ئەمەسلىكى بىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز خىتاينىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيەلىك ئويۇنلىرىغا ئالدىراپ ئالدانماسلىقىمىز كېرەك، چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم سېھىرلىك قوراللىرىنىڭ بىرى دەل تەشۋىقات بولسا، يەنە بىرى زوراۋانلىقتۇر. خىتاي سىياسىي تەشۋىقاتنى ئىشقا سالغاندا مېڭە يۇيۇش ۋە ئالداش ۋاسىتىلىرى بىلەن دۆلەتنى كونترول قىلىدۇ. مەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى ئالدامچىلىقلىرىغا يول قويماسلىقىنى، ئەقلىي ۋە مەنتىقلىق تەپەككۇرىنى قوللىنىپ، خىتاينىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشەنمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن.»

ئانالىزچىلار، نۆۋەتتە خىتاينىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئۆزىگە قارىتىپ، شۇنداقلا يۇمشاق كۈچىنى قوللىنىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە داۋاملىق سۈكۈت قىلىشقا، خىتاينى ھەر ۋاقىت قوللاپ ئاۋاز چىقىرىشقا ئۈندەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.