سەئۇدى ئەرەبىستاندا قېچىپ يۈرگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرى ھەمدۇللا ۋەلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى
2020.11.11
بۇ يىل 2-ئايدا تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرى ھەجگە بېرىپ، تۈركىيەگە قايتالماي سەئۇدى ئەرەبىستاندا قېلىپ قالغان ۋە سەئۇدى ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرى ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. ئۇ 10-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق قېچىپ يۈرۈۋاتقانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىياد شەھىرىگە بېرىپ، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ رىيادتىكى ئىشخانىسى بىلەن كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ ئامېرىكانىڭ سەئۇدى بىلەن سۆزلىشىپ، ئۆزىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چىقىرىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
ھەمدۇللا ۋەلى: «مېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمنى قانداق دېسىڭىز، بىر ئادەم سىرتتىن يېمەك-ئىچمەك ئەكىرىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇۋاتىمەن. مېنىڭ ئەھۋالىم مۇشۇ. ھازىر ماڭا 4 ئاي بولدى، قاچقاننىڭ ياقى مۇشۇنداق ياشاۋاتىمەن. 9-ئاينىڭ 28-كۈنى رىيادقا بېرىپ، ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋالىم تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بۇرۇن ئۆگزىگە چىقىپ ئانچە-مۇنچە ھاۋا يېگىلى بولاتتى. لېكىن ھازىر رىيادتىن كەلگىلى بىر ئاي بولدى، بىر ئاينىڭ ياقى كۈن كۆرمەي ياشاۋاتىمەن»، دېدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2019-يىلدىن باشلاپ ئۆمرى ھەج ئۈچۈن ساياھەت ۋىزىسىنى يولغا قويۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدا ئۆمرى قىلىپ، دىنىي پەرىزىنى ئادا قىلىش ئۈمىدىنى كۈچەيتكەن. ئەمما بۇ ئۈمىد خىتاي پاسپورتىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشتەك بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ BILDۈرۈشىچە، ئۇمۇ ساياھەت ۋىزىسى بىلەن ئۆمرىگە بارغان بولۇپ، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا ۋەدە قىلغانلىقى» ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ئىشىنىپ، يولغا چىققانىكەن.
ھەمدۇللا ۋەلى مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ھۆكۈمىتى ساياھەت ۋىزىسى بىلەن ئۆمرى قىلىشنى يولغا قويۇپ، 50 نەچچە دۆلەتكە يولنى قولايلاشتۇرىۋەتتى. خىتايغىمۇ شۇنداق ۋىزىنى بەرگەن. مەن دەسلەپتە ئۇيغۇرلارغا بىخەتەر ئەمەس، بۇلار ئۇيغۇرلارنى تۇتۇۋېلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلاپ بارماي تۇرغان. پەقەت پرېزىدېنت ترامپ كەلگەندە ‘ئۇيغۇرلار خەتەرلىك ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋېتىش ئىشى بولمىسۇن’ دېگەن. شۇ دېگەنلىك بىلەن مەن سەل قاراپ بۇ يەرگە كەپتىمەن».
بىز 10-نويابىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى تۇففۇل خانىمغا تېلېفون قىلىپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمدۇللا ئابدۇۋەلى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى ئىنكاسىنى سورىدۇق. ئۇ سوئالىمىزنى يازما ئەۋەتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بىز ئۇنىڭغا يازما سوئالىمىزنى ئەۋەتكەن بولساقمۇ، بىراق ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى.
پائالىيەتچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە بارغاندا بىخەتەرلىكنى 1-ئورۇنغا قويۇشى كېرەك ئىكەن. كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى، ئوتتۇرا-شەرقتىكى بۇ دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتەك قېلىپلاشقان بىر سىياسىي تەلۋىلىك بارلىقىنى BILDۈردى. ئۇ: «سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ يەرگە بارغان ئۇيغۇرلارنى ھەممىسىنى بولمىسىمۇ، خالىغانچە تۇتۇپ، خالىغانچە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقى بىر رېئاللىق. شۇڭا قېرىنداشلار بىخەتەرلىكنى 1-ئورۇنغا قويمىسا بۇ دۆلەتلەردە خىتايلارغا قايتۇرۇشتەك بىر سىياسىي تەلۋىلىك بار» دەيدۇ.
مەمەت توختىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە پاناھلانغۇچىلارنى قوغدايدىغان ھېچقانداق بىر مېخانىزم يوق ئىكەن. مەمەت توختى مۇنداق دېدى: «جەنۋە ئەھدىنامىسىگە قول قويمىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا. بۇ دۆلەتلەر بىرىنچىسى، پاناھلانغۇچىلار ئەھدىنامىسىنى قوبۇل قىلمىغان، ئىككىنچىسى، قوبۇل قىلغان بەزى دۆلەتلەر ئەھدىنامىدە پاناھلانغۇچىلارغا بېرىلگەن ھەق-ھوقۇقلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىچكى قانۇن چىقىرىپ، ئۇنى ئىجرا قىلىدىغان مېخانىزمىنىمۇ قۇرمىغان».
ھەمدۇللا ۋەلى ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە «ھەدىيە» ماركىلىق كىيىم-كېچەك كارخانىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى تىكىپ ساتقان. لېكىن ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر 2014-يىلى ئۇنىڭ كارخانىسىنى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ «مىللىي خاسلىقى» سەۋەبلىك تاقىغان ئىكەن. ھەمدۇللا ۋەلى مۇنداق دەيدۇ: «ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلاتتىم. شاۋشىمېن بىلەن ئابلىز داسادا دۇكىنىم بار ئىدى. ئون نەچچە ئادەم ئىشلەيدىغان تىككۈچىلىك دۇكىنى. باشقىلارغىمۇ ئىش قىلدۇراتتىم. شۇنداق قىلىپ ئىشىم ياخشى ماڭغان. قولۇمدا 40-50 ئادەم نان يەيتتى. ھەدىيە، دېگەن ماركىدا كىيىم-كېچەك چىقىراتتۇق. 2012-يىلى كىيىم تىكىش ماشىنىلىرىمنى، دۇكاندىكى ماللارنى بىر قېتىم ئەپچىقىپ كەتتى. چۈنكى مەن مىللىي كىيىم-كېچەك چىقىراتتىم».
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاينىڭ ئىنتايىن زىچ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى بار بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى، شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان 2019-يىلى 2-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللاپ، ئۇنىڭ «تېررورلۇق» ۋە «رادىكاللىق» قا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. رادىئومىز يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە 4 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى.