خىتايدىكى «ئەنشۈن» (I-Soon) تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاشكارىلىنىپ كەتكەن خاككېرلىق ھۆججەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەخسى خاككېرلىق شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى، شىركەتلىرى، تەشكىلاتلار، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى قانداق توپلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى. نۆۋەتتە، مەزكۇر خاككېرلىق ھۆججەتلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىدىن «ئەنشۈن شىركىتى» نىڭ خاككېرلىق ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلارمۇ خاككېرلىق ھۇجۇمىنىڭ نۇقتىلىق نىشانلىرىدىن بىرى بولغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بۇ ھۆججەتلەر خاككېرلارنىڭ خىتاي جاسۇسلۇق تورىنىڭ بىر پارچىسى بولغان «ئەنشۈن شىركىتى» گە ئىشلەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك (ج خ) مىنىستىرلىقىنىڭ تور جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىدە توختاملىق خاككېرلارنى كەڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى سىياسىي كونتروللۇقتا نازارەت مېخانىزمىدىن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېچىپ بەرگەن ئىدى.
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقات دىرېكتورى، دوكتور ھېنرېك شەجېۋىسكى (Henryk Szadziewski) نىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر خىتاي تور جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلىمى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارمۇ ئۇنىڭ جاسۇسلۇق نىشانلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقىغا ئائىت يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن.
ھېنرىك شەجېۋىسكى 27-فېۋرال بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز تېخى يېقىندىلا ئەنشۈن ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشىمىغان تور جاسۇسلۇق گۇرۇھلىرى بىلەن توختام تۈزگەنلىكلىرىدىن خەۋەردار بولدۇق. ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىگە بولغان قىزىقىشى كەڭ كۆلەملىك ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا ئۇلارنىڭ باشقىلارنى نىشانغا ئېلىشىنىڭ تۈرلۈك يوللىرى بار. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقلەردۇر. »
«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 27-فېۋرال قەيت قىلىشىچە، خاككېرلىق ھۆججەتلىرىدىن «ئەنشۈن شىركىتى» نىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىكى ھېسابلىرىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بىلەنمۇ توختام تۈزۈشكە كىرىشكەنلىكى مەلۇم بولغان.
ھېنرىك شەجېۋىسكى خاككېرلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت «ھەممىگە ئايان بولغان ئاشكارا مەخپىيەتلىك» نى تېخىمۇ دەلىللىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پەمىمچە ‹ئەنشۈن› شىركىتى ئۇيغۇر رايونى بىلەن ھەمكارلىق توختامى تۈزۈشكە قىزىقىدىغاندەك قىلىدۇ. ئېنىقكى، بۇ ھەممىگە ئايان بولغان ئاشكارا مەخپىيەتلىك. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك نازارەت ئاپپاراتلىرىنىڭ باشقا ساھەلەرگە كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنىڭمۇ ئىپادىسى. مېنىڭچە بۇ ھەممىگە مەلۇم بولغان ئاشكارا مەخپىيەتلىكنىڭ قايتا دەلىللىنىشىدۇر. »
«ئەنشۈن شىركىتى» نىڭ خاككېرلىق ھۆججەتلىرىدىن بۇ شىركەتنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى يەرلىك دائىرىلەر بىلەن تۈزگەن، لېكىن تېخى ئىمزا قويۇلمىغان بىر توختامىمۇ ئاشكارىلانغان. بۇ توختامدا «ئەنشۈن شىركىتى» ئۆزلىرىنىڭ بايىنغولىن ساقچى دائىرىلىرىنى پاكىستان، ئافغانىستان، مالايسىيا، تايلاند، موڭغۇلىيە ھۆكۈمەتلىرىدىن ئوغرىلىغان ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى» سانلىق مەلۇماتلار بىلەن، بولۇپمۇ بۇ دۆلەتلەردىكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنىڭ پائالىيىتى» گە ئائىت سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خاككېرلىق ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «ئەنشۈن ئۇچۇر شىركىتى» پاكىستان تېررورلۇق مەركىزى، ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى، مالايسىيانىڭ ئىچكى ئىشلار، تاشقى ئىشلار ۋە ھەربىي ساھەلىرى، شۇنداقلا تايلاند سودا ھەم مالىيە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتى، موڭغۇلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ساقچى ئىدارىسى، قازاقىستاننىڭ ئاستانا ھاۋا يوللىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خاككېرلىغان ئىكەن. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ 27-فېۋرال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق دەلىللىمەكتە ئىكەن. ئىلشات ھەسەن بۇ ھۆججەتلەر يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھېنرىك شەجېۋىسكىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ھۆججەتلەردىكى ئەڭ چوڭ نۇقتىلارنىڭ بىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا بىخەتەرلىكنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ شىركەتلەر پۇل تاپىدىغان ساھەگە ئايلاندۇرۇلۇشى ئىكەن. ھېنرىك شەجېۋىسكى مۇنداق دېدى: «مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ نۇقتىلارنىڭ بىرى، بىخەتەرلىكىنىڭ خۇسۇسىيلاشتۇرۇلۇشىدۇر. بۇ جەھەتتە ھۆكۈمەت خۇسۇسى شىركەتلەرگە نۇرغۇن توختاملارنى سۇندى. بۇ يەردە سىز ھۆكۈمەت بىلەن خۇسۇسى شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ھەمكارلاشقانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇشنىڭ پۇل تاپىدىغان ساھە بولۇپ قېلىشىدۇر. شۇڭا، سىز نۇرغۇن خۇسۇسى شىركەتلەرنىڭ بۇ ئىشقا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى كۆرۈۋاتىسىز. »
ھېنرىك شەجېۋىسكىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ئەھۋال خاككېرلىق مەسىلىسىدىلا ئەمەس، لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشىدىمۇ كۆرۈلگەن ئىكەن.
«ئەنشۈن شىركىتى» نىڭ ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شىركەت ئۇيغۇر دىيارى دائىرىلىرىنىڭ 2021-يىلى 7-ئايدا تارقاتقان ئېلانىدا، ئاقسۇ ج خ ئىدارىسىنىڭ تور مۇداپىئە سىستېمىسىنى قۇرۇشقا تاللانغان ئۈچ شىركەتنىڭ بىرى بولغان ئىكەن. خەۋەرلەردە، «ئەنشۈن ئۇچۇر شىركىتى» نىڭ خاككېرلىرىنىڭ شەخسى ئېلخەت، شەخسى تېلېفونلارغا كىرىش ۋە چەت ئەلدىكىلەرنى تەقىب قىلىشتا، خىتاي دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ، تېلېفون شىركەتلىرىنىڭ، ھاۋا يولى شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا تايانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.