ئىسرائىلىيەلىك ئايالدىن چىققان سادا: «ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›!»

مۇخبىرىمىز شەھرىزات
2020.09.03
lager-yepiq-terbiyelesh-oginish.jpg ئەتراپى سىم تور ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن قورشالغان «تەربىيەلەش لاگېرى».
Social Media

‎مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملىرىغا قارىتا ئاۋاز چىقارماستىن، ئەكسىچە ئىزچىل سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىشى ياكى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قوللىشى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى. مۇشۇنداق بۇنداق بىر ئەھۋالدا، ئىسرائىلىيەلىك بىر خرىستىيان ئايالنىڭ تىۋېتتېردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتايغا قارشى سادا چىقىرىشى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئىجتىمائىي تاراتقۇ پائالىيەتچىسى ئەن دەستېنىي بىلەن زىيارەت ئېلىپ باردۇق. ئەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق بىلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلانىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە پاجىئەلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكادا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئە «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى. يېقىندا ئامېرىكانىڭ كېلەر قېتىملىق پرېزىدېنتىلىق ئورنى ئۈچۈن سايلام پائالىيىتى قىلىۋاتقان جو بايدىننىڭ سايلام ئەترىتىنىڭ باياناتچىسى ئاخباراتلارنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان. ترامپ ھۆكۈمىتى بولسا خىتاينىڭ قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇ پائالىيەتچىلىرى 2019-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ زىيانكەشلىكلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىدى.

ئەن دەستېنىي بىر يەھۇدىي ئەر بىلەن توي قىلغان ئىسرائىلىيەلىك خرىستىيان ئايال بولۇپ، ئۇيغۇر دېگەن بۇ ئىسىمنى 20 يىل بۇرۇن بىلىدىغانلىقىنى، خىتاي دائىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش قىلمىشلىرىدىن 3 يىل بۇرۇن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 2017-يىلى ياۋروپا ساياھىتىدە بىر ئۇيغۇر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەن ھېكايىسىدىن ئۇيغۇرلار كۆرۈۋاتقان كۈلپەتلەرنى بىلگەن ۋە بۇنىڭدىن بەكمۇ چۆچۈپ كەتكەن. ئەن ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق كۆپ ئۇچۇر تاپالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن تىۋېتتېردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش، لاگېرلارغا سولاشتەك سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ ئۇچۇر تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ ئەگەشگۈچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان.

‎بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ ھەيئەتلەر كېڭىشى بىلەن ئەنگلىيە مەملىكەتلىك ئىماملار مەسلىھەت كېڭىشى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇلارغا قانداق ياردەم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ ھەيئەتلەر كېڭىشى يەنە يەھۇدىي جامائىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى چاقىرىق قىلغان. بىز ئەن دەستېنىيدىن بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ چاقىرىقنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«مەن ئەنگلىيەدىكى نۇرغۇن يەھۇدىي گۇرۇپپىلىرى ۋە شەخسلىرىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا ئۇيغۇرلانى قوللاپ ھەرىكەتكە ئۆتكۈنىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئورنىدىن تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ بۇنىڭدىن ئىلھاملاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئاۋاز قوشۇۋاتقان ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تارقاتقان ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلاشقا ۋە تارقىتىشقا باشلىدىم. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەن ئۇ يەردىكى بەزى كىشىلەر بىلەن تېزلا ئالاقە ئورناتتىم. ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىيلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن ياخشى بىرلىك باغلانغانىكەن. ئۇلار بىرلىكتە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن. مەن شۇڭا يەھۇدىي جامائىتى ھەيئەتلەر كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چاقىرىق قىلىشى ناھايىتى خۇشاللىنارلىق تەرەققىيات دەپ قارايمەن. مەنچە، بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەر خېلى بۇرۇنلا قىلىنىشى كېرەك ئىدى. ئىسرائىلىيەدىمۇ ھازىر ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش كۆپىيىۋاتىدۇ.»

ئەننىڭ بىلدۇرىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ھەر جۈمە كۈنىدە ئىسرائىلىيەنىڭ تېل-ئاۋىۋ شەھىرىدىكى خىتاي كونسولخانىسىنىڭ ئالدىدا، شۇ جايدىكى كىشىلەر خىتاي ھاكېمىيىتگە قارشى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈپ كېلىۋېتىپتۇ. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەدىكى بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە دەرس بېرىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقلار ھەققىدىمۇ دەرس بېرىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

خىتاي ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى ۋە چەتئەل مەبلىغى مەنبەسى ئىكەن. ئىسرائىلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىلەن تەڭ ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. بۇ خىل ئەھۋالدا ئىسرائىلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر كىرىزىسىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئىنكاس بىلدۈرمەسلىك بولۇپ كەلگەن. بىز ئەندىن بۇ توغرىسىدىكى قارىشىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە قارىتا ئىنكاس بىلدۈرمىگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىرغا قەدەر ئىسرائىلىيە ئۇيغۇر كرىزىسى توغرىسىدا ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ياكى خىتايلانى ئەيىبلەيدىغان رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى. ئەمما مەن بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەيلى شەخسىي ۋە ياكى ئاساسىي قاتلامدىكىلەر بولسۇن، بۇ ئۆزگىرىشكە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ يەردە دىنىي سوتقا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر يەھۇدىي كېڭىشى بار بولۇپ، فالۇنگۇڭچىلار مەسىلىسى بۇ كېڭەشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاقىتتىمۇ، بۇ كېڭەش بىردەك ھالدا فالۇنگۇڭ ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىكنى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى. بۇ دىنىي كېڭەش ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىتىگە قارشى سادا چىقىرالمىسىمۇ ياكى تۈزۈكرەك بىر ھەرىكەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولالمىسىمۇ، ئەمما يەھۇدىيلارنىڭ بۇ ۋەھشىيلىكنى ئېنىق تونۇۋېلىشى ۋە ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

ئەننىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ھېچ بولمىغاندا بۇلتۇر ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى توغرۇلۇق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان 23 دۆلەتكە قوشۇلۇپ، كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىلىكلىرى توغرىسىدىكى باياناتقا ئىمزا قويۇشى كېرەك ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماشتىن ئىبارەت چەكتىن ئاشقان ئېتنىك باستۇرۇشى ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇماتلار يورۇقلۇققا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇمنى كۆپلىگەن يەھۇدىيلار 40-يىللاردىكى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى قىرغىنچىلىق سېلىشتۇرۇلسا، يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دەرىجىسى چۈشۈپ كېتىدۇ ياكى يېنىك كۆرۈنۈپ قالىدۇ، دەيداغان قاراشتىكى يەھۇدىيلارمۇ مەۋجۇت. ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇر كرىزىسى توغرىسىدىكى سادالار، ئۆتمۈشنىڭ قايتىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بىز ئەن دەستېنىيدىن يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنى «21-ئەسىردىكى چوڭ قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدۇق.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتا نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بار، ئەڭ روشەن تەرىپى ئۇلارنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن خورلاش، لاگېرلارنىڭ شارائىتى ناچار بولۇش قاتارلىقلار. مەن ئەمەلىيەتتە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارغا قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەشكەن ئىدىم. يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى بۇ دۆلەتتە بەك سەزگۈر مەسىلە بولغاچقا، شۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشنىڭ يەنە قايتا يۈز بېرىۋاتقىنىنى كۆرگەندە ھەقىقەتەن چۆچۈيدۇ.»

‏‎ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «يەھۇدىيلار ئارىسىدا چوڭ قىرغىنچىلىقى دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ پىكرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ئېرىم بۇ سۆزنى ئىشلىتىشتە سەزگۈر. ئەمما مېنىڭچە، ئۇيغۇرلار ۋە يەھۇدىيلار مەسىلىسىنى چوقۇم سېلىشتۇرۇشىمىز كېرەك، چۈنكى ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بايقىشىمچە، يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارنى يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا باشلىدى، گەرچە چوڭ قىرغىنچىلىق دېگەن نامنى ئەينەن قوللانمىغان بولسىمۇ. چۈنكى بۇ نام ئۇلار ئۈچۈن بىر بەلگە بولۇپ قالغان، يەنى 40-يىللاردا قىرىلىپ كەتكەن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرسىتىدىغان بىر بەلگە بولۇپ قالغان. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئاللىقاچان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ جەزىملەشتۈرۈلۈپ بولدى. يەھۇدىلار ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئەلۋەتتە خالىمايدۇ، شۇڭا ئۇلار بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى.»

رادىيومىز زىيارىتى دەۋامىدا بىز ئەندىن دۇنيادىكى رەھبەرلەرنىڭ نېمىشقا ئۇيغۇر كرىزىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشنى خالىمايدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە تۇغۇت چەكلەش ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىشلارنىڭ پاش بولۇشىغا ئەگىشىپ ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان. ھەمدە ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بەلگىلەش نىزامناملىرىگە ئۇيغۇن كۈلىدىكەن. ئەننىڭ قارىشىچە، دۇنيادىكى رەھبەرلەرنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ پاجىئەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇرلىشىمىز لازىم ئىكەن. ئۇ يەنە بىر مىللەت ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاكىمىيەت بىلەن نورمال ئالاقىدە بولماسلىقنى تەكىتلىدى. ئەن يەنە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئاللىبۇرۇن ئېتىراپ قىلىنىپ بولغانلىقىنى ۋە شۇنداق تەشۋىق قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەننىڭ ئۆزىمۇ 2018-يىللىرىدىن باشلاپ شۇنداق دەپ ئاتاپ كىلىۋاتىقان بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۈپىلاردا ئۇچۇر تارقاتقاندا ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان بەلگىلەرنىڭ بىرى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىشىلەر بۇنىڭغا قاراپلا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدىكەن.

يېقىنقى مەزگىلدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى يەھۇدىيلارمۇ ئاۋاز قوشۇشقا باشلىغان. ئامېرىكادا ئوقۇۋاتقان ياش يەھۇدىي ئوقۇغۇچى يازغان بىر پارچە ماقالىسىدە يەھۇدىيلار جەمئىيىتىنى، بولۇپمۇ يەھۇدىي ياشلىرىنى ئۇيغۇر كرىزىسىغا قارىتا سۆز قىلىشقا چاقىرغان. بىز ئەندىن يەھۇدىي ياشلىرى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ خىتاينڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ يەھۇدىي ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە بەزى يەھۇدىي ياشلىرىنىڭ ئۆز ئەۋلادىمۇ ئۇيغۇرلاغا ئوخشاش قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ياشلار پەقەت ئۆزىنىڭ دائىرىسىدە، ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىن. مەن نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم. ئۇلار مەكتەپلىرىدىكى ئاساسىي قاتلاملاردا ئۆزگىرىش ئېلىپ بارالىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۈچىنچى ئەۋلاد يەھۇدىيلارنىڭ بوۋا-مومىلىرىنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقتا ھايات قالغانلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانلارنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىغاندا چوقۇم ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئۇ ئاخىرىدا مۇنۇ سۆزلەر بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى: «مەن شۇنى كۆرۈشنى، يەنى گەرچە يەھۇدىي ياشلىرى چوڭ قىرغىنچىلىق بىلەن ھېچقانداق نەرسىنى سېلىشتۇرۇشنى خالىمىسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقلار ئاللىقاچان شۇ دەرىجىگە يەتكەچ، ئۇلارنى چوڭ قىرغىنچىلىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن ‹قايتا يۈز بەرمەسلىكى كېرەك› دەپ توۋلىشىنى ھەمدە بۇنداق ئىشلارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىقىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.