ئىستانبۇلدىن يولغا چىققان ئۇيغۇر ئانىلار ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى
2021.03.18
يىللاردىن بۇيان خىتايدا قالغان بالىلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئانىلار 8-مارت ئاياللار بايرىمى كۈنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىققانىدى.
ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە پىيادە مېڭىش ئارقىلىق تۈركىيەگە ۋە دۇنياغا ئاۋازىنى ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر ئانىلار 8-مارت كۈنى گەبزىگە كەلگىنىدە، تۈركىيە خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ ئىستانبۇلغا قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.
پائالىيەتچىلەر 9-مارت كۈنى يەنە يولغا چىققان بولۇپ، 10-مارت كۈنى ئىزمىت رايونىغا كەلگىنىدە، خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تەكرار ئىستانبۇلغا ئاپىرىۋېتىلگەن.
پائالىيەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 3-قېتىملىق ئەنقەرە سەپىرىدە خەۋپسىزلىك خادىملىرى پائالىيەتچىلەرنى پەندىكتىكى ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ بارغان. خەۋپسىزلىك خادىملىرى پائالىيەت ئۈچۈن رۇخسەت ئالمىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، پائالىيەتچىلەرنى تەكرار ماڭماسلىق توغرىسىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.
قەلبىنۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالدى.
يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تۈزۈلمىسى سەۋەبلىك بالىلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئالالمايۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلار پائالىيەت جەريانىدا قايتا-قايتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ۋە قايتۇرۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەنقەرەگە مېڭىشتىن ۋاز كەچمىگەن.
8-مارت كۈنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ يولغا چىققان ئۇيغۇر ئانىلار پائالىيىتىنىڭ قايتا-قايتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىغا قارىماي 18-مارت كۈنى ئەنقەرەگە يىتىپ كەلگەن.
يىللاردىن بۇيان پەرزەنتىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان ۋە پەرزەنتى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان ئامىنە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پائالىيەتنىڭ جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قېلىپ بېرىشىنى ۋە ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئەنقەرەگە مېڭىپ كەلگەن ئانىلار بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئانىلىق مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. سىلەرمۇ ئىنسانلىق مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىڭلار! بۇ نارەسىدە بالىلىرىمىز پۈتۈن دۇنيادىن ۋە ئىنسانىيەتتىنى ياردەم تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بالىلىرىمىز قاچان ئانىلىرىمىز بىلەن جەم بولىمىز دەپ سوراۋاتىدۇ.»
خىتاي ھۆكمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە لاگېر تۈزۈلمىسى تۈپەيلى ئائىلە ئەزالىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا كېلىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەدىكى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرى ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ۋە ئۇلارغا ئېنىق جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.