ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر «ئانا تىل سۆيگۈسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل، مىللىي مەدەنىيەت ۋە دىنى ئېتىقادىنى ئۆگىتىش، شۇنداقلا ئۇلارغا ئۇيغۇرلۇق روھىنى سىڭدۈرۈش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇغا جايلاشقان «مائارىپ يەسلىسى» دىكى ئۇيغۇر بالىلار «ئانا تىل سۆيگۈسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە. 2024-يىلى 21-فېۋرال، تۈركىيە. RFA/Arslan

مۇھاجىرەتتىكى باشقا بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل، مىللىي مەدەنىيەت ۋە دىنى ئېتىقادىنى ئۆگىتىش، شۇنداقلا ئۇلارغا ئۇيغۇرلۇق روھىنى سىڭدۈرۈش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىلى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇغا جايلاشقان «مائارىپ يەسلىسى» دىكى ئۇيغۇر بالىلار «ئانا تىل سۆيگۈسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئۇلار گۇرۇپپىلارغا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، سەھنىدە ھەر خىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى.

ئانا تىلىم مېنىڭ گۈلۈم-مېنىڭ بايرىقىم،

مېنىڭ تەختىم، مېنىڭ بەختىم، مېنىڭ بايلىقىم.

ئۇيغۇر يەسلى بالىلىرى ۋە ئۆسمۈرلىرى شۇ كۈنى ئانا تىلىغا بولغان سۆيگۈسى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى يۇقىرىقى مىسرالار بىلەن ئىپادە قىلدى.

پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. ئاندىن شەرقىي تۈركىستان «مائارىپ يەسلىسى» نىڭ مۇدىرى خۇرشىدە ئارتىش خانىم، «دۇنيا ئانا تىلى كۈنى» نى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇيغۇرلار ئانا ۋەتىنىمىزدىكى زۇلۇم سەۋەبىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشكە ۋە ئانا تۇپراقلىرىمىزدىن ئايرىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ كەلدۇق. بىزلەر ھازىر ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، بىز ئوقۇتقۇچىلار بالىلىرىمىزغا ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئانا تىلىنى ئۆگىتىشنى، مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ھەممىدىن مۇھىم، دەپ قارايمىز».

مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇغا جايلاشقان «مائارىپ يەسلىسى» دىكى ئۇيغۇر بالىلار «ئانا تىل سۆيگۈسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكتە. 2024-يىلى 21-فېۋرال، تۈركىيە.
RFA/Arslan

خۇرشىدە خانىم «مائارىپ يەسلىسى» دە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۆز تارىخىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېس-تويغۇسى، زېھنى قۇۋۋىتى ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆگىتىش، بىزنىڭ نىشانىمىزدۇر. شۇڭا بىز كەلگۈسىمىز بولغان ئۆسمۈرلەرگە ئانا تىلىمىزنى ئۆگىتىش ئارقىلىق، ئۇلاردا ساغلام مىللىي كىملىك ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يېتىلدۈرۈشكە شارائىت تەييارلاپ بېرىۋاتىمىز. ئانا تىلىمىزدا درامما ۋە تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئاساس قىلغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى ھەمدە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى تەربىيەلەۋاتىمىز. بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا شېئىر، قوشاق ۋە ناخشا ئاڭلاش، شۇنداقلا سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيەسى بىلەن تەڭ قەدەمدە يېتىشتۈرۈپ كېلىۋاتىمىز. ھەر يىلى مەكتەپ يېشىغا كەلگەن بالىلارغا ئېلىپبەنى تونۇش ۋە ئوقۇشنى ئۆگىتىۋاتىمىز، ئانا تىل دەرس پروگراممىسى شەكىللەندۈرۈۋاتىمىز، مۇشۇنداق ياخشى ئوقۇش شارائىتى تەييارلاپ بەرگەن بۈيۈكلىرىمىزدىن مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمدىن ئاللاھ رازى بولسۇن، رەببىم ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن!»

ئۆسمۈرلەر بۇ پائالىيەت جەريانىدا «ئانا تىلىم»، «ئويغان»، «كۆك بايرىقىم» قاتارلىق شېئىرلارنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئەي ئانا تىلىم ئۇيغۇرنىڭ تىلى،

سەن بىلەن مەشھۇر مەخمۇد قەشقەرى

ئانا تىلىم جان تىلىم، ھاياتىمدا قال تىلىم

ئانا تىلىم بولغاچقا ئۇيغۇر دەيمەن ئۆزۈمنى.

ھارۇن ئىسىملىك ئۆسمۈرمۇ «كۆك بايرىقىم» دېگەن شېئىرنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلدى:

بايرىقىم، كۆك بايرىقىم،

تاجى تەخىتىم، بايلىقىم

تالاي شېھىت جان بەرگەن

ئاي-يۇزلۇق كۆك بايرىقىم

ھۆر ۋەتىنىم ئاسمىنى

نۇر چاقنايدۇ يۇلتۇزى

ھىلال ئايدۇر ھەمراھى

لەپىلدەر كۆك بايرىقىم،

ئۇيغۇرۇمغا پاسىبان

ساڭا بولسۇن پىدا جان

بۇ زۇلمەتنى يۇرۇتقان

يۇلتۇزۇمسەن بايرىقىم.

ھاياتىمنىڭ مەناسى

سەن ئۈچۈندۇر بايرىقىم،

ئەجداد روھىي مىراسى،

غۇرۇرۇمسەن بايرىقىم.

پائالىيەت ئاخىرىدا نومۇر كۆرسەتكەن پۈتۈن ئۆسمۈرلەر تەقدىرلەندى، ئۇلار ھەر خىل ئويۇنچۇقلار ۋە ماددىي بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى.

ئۆتكەن ھەپتە «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىلى كومىتېتى، تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى ۋە سەرخىللەر مائارىپى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ پائالىيەتتە سۆز قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلەشكەن ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org