ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش چاقىرىق قىلىندى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئادۋوكاتلار ئارقىلىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئىلتىماس سۇنغان بولۇپ، نەتىجىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىن خىتاينىڭ ھەقسىز تۇتقۇن قىلغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا قارار چىققان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 12-مارت كۈنى ئىستانبۇلدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىدىن ئادۋوكات گۈلدەن سۈنمەز، فارۇق كەلەشتىمۇر قاتارلىقلار قاتناشتى.

ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-كۈنى 12-مارت، ئىستانبۇل
ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-كۈنى 12-مارت، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

يىغىنغا قاتناشقان ئادۋوكات گۈلدەن سۈنمەزخانىم مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۇلارنىڭ لاگېرلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسىمىزغا ئىنتايىن مۇھىم ئۇچۇرلار، ھۆججەتلەر، دوكلات ۋە ئىسپاتلار كىرگۈزۈلدى. چىقىرىلغان قارارلار نەتىجىسىدە، تۇنجى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كىشىلەر ھەققىدە جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولدى. تۈركىيە پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئارخىپلىرى بىز سۇنغان ئىلتىماسلارغا ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ قارارىغا كىرگۈزۈلدى. خالمەمەت ئىلياس، ئابدۇراخمان قۇربانجان، مەۋلۇدە ھىلال، پەرىدە ياسىن قاتارلىق ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ‹ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى› (UNHRC) ۋە ‹خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى› (WGAD) تەرىپىدىن 2023\77-نومۇرلۇق قارار، خىتاي دۆلىتىنىڭ سىستېمىلىق ۋە ئېغىر ھالدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلدى» .

ئىنىسى خالمەمەت ئىلياس ۋە ھەدىسىنىڭ يولدىشى ئابدۇراخمان قۇربانجاننىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلاردا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى مىرزائەخمەت ئىلياس، ھەر ئىككىسىنىڭ 2017-يىلى مارتتا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقىنى ۋە ھەر ئىككىسىدىن ھازىرغىچە ھېچ قانداق خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۈگۈنكى كۈنگىچە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىش، ئادالەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىمىز. مەن بۇ يەردىن خىتايغا شۇنى خىتاب قىلىمەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى قېرىنداشلىرىمىزنى بۇنداق تۇتقۇن قىلىپ بىزنى ھەرگىز باش ئەگدۈرەلمەيدۇ، بىز ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز، بۇ دەۋانى خەلق ئاممىسىغا ئاڭلىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇندۇق، بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىمىز» .

يىغىندا سۆز قىلغان مەدىنە نازىمى، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگىرىغا قامالغان سىڭلىسى مەۋلۇدە ھىلالنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىڭلىم مەۋلۇدە تۈركىيە پۇقراسى، سىڭلىم ھېچقاچان قوش دۆلەت پۇقراسى ھېسابلانمايدۇ، بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ سىڭلىمنى دەرھال قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەرنى بېسىپ، ئۇنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىمەن» .

يىغىندا سۆز قىلغان گۇلئايىشە خانىم ئۈچ قېرىندىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرغا قامالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئاكام كۇرشات ئورالباي ئۈچۈن ب د ت دىن گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە دائىر دەلىللەر ۋە قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى قارارى چىققان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋاب بەرمىدى. 3 قېرىندىشىم 6 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ» .

ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-كۈنى 12-مارت، ئىستانبۇل
ب د ت نىڭ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش قارارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2024-كۈنى 12-مارت، ئىستانبۇل (RFA/Arslan)

يىغىندا سۆز قىلغان نۇرمۇھەممەد، ئائىلىسىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن 2023-يىلى ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىسىدا قارار بەرگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە قويۇپ بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دادامنىڭ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغانلىقى ۋە 6 ئايدىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق، ھازىر 70 ياشلىق ئانام لاگېردا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2023-يىلى 6-ئايدا ئۇلارنىڭ ناھەق تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا قارار چىقارغان ھەمدە خىتايغا قايتا-قايتا خەت يازغان بولسىمۇ، خىتاي جاۋاب بەرمىدى» .

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى مىرزائەخمەت ئىلياس بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مىرزائەخمەت ئىلياسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۇلار ئادۋوكات ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا ئەرز سۇنۇپ، خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 16-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ جىنايىتى بولسا دەلىل كۆرسىتىشنى، بولمىسا دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يازغان. بىراق خىتاي تەرەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمەستىن، «ئۇلار جازاسىنى تارتىۋاتىدۇ» دەپلا جاۋاب بەرگەن.

مىرزائەخمەت ئىلياسنىڭ دېيىشىچە، ب د ت غا سۇنغان ئىلتىماستا 7 ئۇيغۇرنىڭ ئارخىپلىرى ئايرىم-ئايرىم كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناھەق تۇتۇلغانلىقى توغرىسىدا دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ تولۇق ئىكەن. بۇنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى قويۇپ بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا قارار چىقارغان.

بۇ قاراردا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا تۆلەم بېرىش، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېرىغا قامىغان خىتاي كادىرلىرىنى جازاغا تارتىش، بۇ قارار ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن ب د ت غا بۇ ھەقتە دوكلات بېرىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.