5-فېۋرال «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش ئېلىپ باردى
2024.02.05
5-فېۋرال «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 4-فېۋرال، ئىستانبۇل
5-فېۋرال «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا 4-فېۋرال كۈنى نامايىش ئېلىپ باردى.
مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا نامايىشچىلار، «ھەق-ھوقۇق ئادالەت ئۇيغۇرلارغا ھۆرىيەت»، «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان»، «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى. نامايىشقا 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
نامايىشقا دېمورورەن خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئانادولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ، نامايىش جەريانىدا بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى. خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، غۇلجا قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ جەريانى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن 1997-يىلى 5-فېۋرال شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. بۇ قىرغىنچىلىق خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى، خەلقنىڭ ئادالەت، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەلىپى بىلەن باشلانغان تىنچ نامايىشنىڭ قانلىق باستۇرۇلۇشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، غۇلجا شەھىرىدىكى بىر گۇرۇپپا ئاياللار رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى بىر يەرگە يىغىلىپ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلماقچى بولغاندا، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، 5-فېۋرال كۈنى باشلانغان تىنچ نامايىش خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن باستۇرۇلدى ۋە يۈزلىگەن كىشى ئېتىشىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى» .
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە مۇنداق دېدى: «گەرچە، غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىپ ئارىدىن 27 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، قايغۇ ئەلەم ھازىرمۇ قەلبىمىزنى ئازابلايدۇ، بۇ ئازابلىق قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلغۇچى خىتاي دۆلىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا سوتلانمىغۇچە بىزنىڭ قەلبىمىز پەسكويغا چۈشمەيدۇ. 5-فېۋرالدىكى قىرغىنچىلىق شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن نەچچە ئونلىغان قىرغىنچىلىقتىن پەقەت بىر مىسال، خىتاي 5-فېۋرالدىن كىيىن شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ باردى. ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ناتسىستلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەسلىتىدىغان جازا لاگېرلىرى قۇرۇپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالدى ۋە ئۇلارنى مېڭە يۇيۇش، جىسمانىي قىيناش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان ھەرىكەتلەر بىلەن قىينىدى. ئىشغالچى خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا ھەر خىل جىسمانىي جەھەتتىن قىيناش، ئورگانلارنى ئوغرىلاش، باسقۇنچىلىق، ھاقارەتلەش، چەتكە قېقىش، ئىرقچىلىق، قانۇنسىز قولغا ئېلىش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش، مۇسادىرە قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە» .
نامايىش جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت سۆز قىلىپ 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا توختالدى.
ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىدا غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش ئېغىر كۈلپەتلەر يۈز بېرىۋاتقان بولسىمۇ دۇنيا جامائىتىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى ۋە مۇنداق دېدى: «بۇ قىرغىنچىلىق دۇنيادا ناھايىتى ئاز دەرىجىدە دىققەتكە ئېرىشتى، بولۇپمۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مۇسۇلمان ۋە تۈرك قېرىنداشلىرىمىز بۇ ھادىسىلەرگە ئانچە كۆپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەتمىدى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى جازاسىز قالغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي تېخىمۇ جاسارەتلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە قەتلىئامدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يۈزلىنىپ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا ئورۇنۇۋاتىدۇ، خۇسۇسەن 2017-يىلىدىن بۇيان نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاپ قويۇپ ئۇلارغا ناتسىستلار لاگېرلىرىدىكىدىن ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇم، قىيىن-قىستاق، ئىسكەنجە ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە سىياسەتلەر يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، مانا مۇشۇنداق ئەھۋاللارغىمۇ مۇسۇلمان ۋە ئىسلام دۇنياسى پەرۋا قىلماي جىم تۇرۇۋالغان بولسىمۇ غەرب ئەللىرى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بولسىمۇ بىر قانچە نۇقتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتتى ۋە 2021-يىلى لوندوندا ئېچىلغان ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزمەكتە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم چىقاردى» .
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ب د ت، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسىگە قول قويغان دۆلەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن تۈزۈم ۋە ئەھدىنامە ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا چاقىرىمىز. بىز ھەر قايسى دۆلەتلەرنى شەرقىي تۈركىستان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە زۇلۇمغا قارشى ئېنىق ۋە كۈچلۈك پوزىتسىيەدە بولۇشقا، خىتاينى جازالاشقا ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاشقا چاقىرىمىز. بىز ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ۋە ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلغان دۆلەتلەرنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلىقنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىرىمىز. بىز قانداش ۋە دىنداش تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ۋە تۈركى جۇمھۇرىيەتلىرىنى، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى قانۇنىي ۋە ئەخلاق قىممىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە خىتايغا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن بېسىم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمىز» .
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنىلا ئەمەس بەلكى 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن بۇيان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ «خىتاي بىزلەرنى ئۇ زېمىندىن يوقىتىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۇ ۋەتەننى ئەبەدىي ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ» ، دېدى.
پائالىيەتتە يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ژۇرنالىست ئادەم ئۆزكۈسە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەڭ بۈيۈك كۈرەش مىللىي كىملىكىمىزنى قوغداش كۈرىشىدۇر، مىللىي كىملىكىنى قوغدىيالىغان ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىر كۆك بايراقتۇر، ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز مۇستەقىللىق ساداسىدۇر».









