ئىستانبۇلدا سەنئەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان خىتاي نارازىلىق نامايىشقا دۇچ كەلدى
2024.06.03

2-ئىيۇن، يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسولى ۋېي شياۋدوڭنىڭ باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «خىتاي خەلق ناخشا مۇزىكا سەنئىتى» نامى ئاستىدا ئىستانبۇلنىڭ شىشلى جەمال رەشىت رەي كونسېر سالونى(Cemal Reşit Rey Konser Salonu) تىياتىرخانىسىدا ئۈرۈمچىدىن كەلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدا ناخشا-ئۇسسۇل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بىراق خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ زالنىڭ سىرتىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار نارازىلىق ۋە غەزەپ نەپرەتلىرىنى بىلدۈرۈپ نامايىش ئېلىپ باردى. نامايىشچىلار نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ، «تېررورچى خىتاي قىرغىنچىلىقنى توختات» ، «تېررورچى خىتاي يالغانچىلىقنى توختات» ، «قاتىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىدى.
تۈركىيەنىڭ يېڭى رىفا پارتىيەسى كۈچۈكچەكمەجە شۆبىسى، ئالپەرەن ئىستانبۇل شۆبىسى، ئانادولو نەفەرلىرى جەمئىيىتى، كۆكتۈرك بودۇن جەمئىيىتى قاتارلىق تۈرك جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئەزالىرىمۇ نامايىش مەيدانىغا كېلىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى ھەم خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر ۋە خىتاي خادىملار ئولتۇرغان ئاپتوبۇس زالغا يېقىنلاپ كەلگەندە نامايىشچىلار ئاپتوبۇسنىڭ ئالدىنى توسۇشقا ئۇرۇندى، بىراق تۈرك ساقچىلار ئۇلارنى توسۇپ ئالدىغا ئۆتكۈزمىدى. بۇ ئەسنادا نامايىشچىلار «تېررورچى خىتاي يالغانچىلىقنى توختات» ، «تېررورچى خىتاي قىرغىنچىلىقنى توختات» ! دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.
زالنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىن سىرتقا چىققان بىر قانچە خىتاي كىشى ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى رەسىمگە تارتتى، نامايىشچىلارمۇ ئۇلارنى رەسىمگە تارتىۋاتقاندا ئۇلار زالنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.
نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئانادولۇ نەفەرلىرى جەمئىيىتى رەئىسى كۇبىلاي كەرەم بۇراق باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ئۇ نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «زالىم خىتاي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتى دەپ تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ، يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى يېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇر سەنئەتلىرىنى خىتاي خەلق ئۇسۇلى، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى خىتاي خەلق مۇزىكىسى دەپ تونۇشتۇرۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتى دەپ كۆرسەتمەكتە، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دېگەن سەپسەتىسىنى ئىنسانلارنىڭ زېھنىگە سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، خىتاي بۇ يەردە بۇ رەسۋاچىلىق پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان پەيتلەردە، شەرقىي تۈركىستاندا قوشماق تۇغقان نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتاي جاسۇسلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تۇتقۇن قىلىنىپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتىدۇ ۋە قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىلىرىدە كېسەللىك بار، ئۇلارنىڭ مېڭىلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن بۇ لاگېرلارنى ئاچتۇق دەپ ئاتىغان خىتاي باش كونسۇلى قانداق بولۇپ بۇ يەردە بۇ رەسۋا پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇلارغا رۇخسەت بېرىدۇ؟ بۇ رەسۋاچىلىق پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشنى قوللىغان ۋە زالىم خىتاينىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇنىڭغا قېتىلغان پۈتۈن ئەمەلدارلار نومۇس قىلسۇن! ئۇلارنى ئەيىبلەيمىز! » .
نامايىشتا سۆز قىلغان كۆكتۈرك بودۇن جەمئىيىتى رەئىسى كۆكبۆرە ئەپەندى خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىستاندا زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ، تۈركىستاندا ئەرلەرنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتاي ئەرلىرىنى كەلتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، قاچانغىچە سۈكۈت قىلىمىز، نامى تۈرك بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى، بىزنىڭ ئالدىمىزغا تۈرك ساقچىلىرىنى قويۇپ يولىمىزنى توسۇۋاتىدۇ، بىز بۇ يەردە قاتىل خىتاينى توختىتىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەك، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىزنىڭ ئالدىمىزغا ساقچى قويۇشنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ زۇلۇمىنى توختىتىش كېرەك! » .
نامايىش جەريانىدا سۆز قىلغان «خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرى قۇربانلىرى مۇنبىرى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن مىرزەخمەت ئىلياس ئەپەندى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە خىتاينى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۇنياسىنىڭ پايتەختى دەپ سۈپەتلىنىۋاتقان تۈركىيەدە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا رۇخسەت بېرىلمەسلىكى كېرەك ئىدى، مەجبۇرىي ھالدا بۇ يەرگە كەلتۈرۈلگەن بىزنىڭ سەنئەتچىلىرىمىزگە سالام يوللايمىز، ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئەمما قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقى ئۈچۈن مەجبۇرىي كەلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنىڭ قانداق ھېس تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىمىز، مېنىڭ ئىنىم ۋە باشقا تۇغقانلىرىم، تۈركىيەدە ماگىستىرلىق ئۈچۈن ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن دوستلىرىم ھازىرمۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ، شۇ تىياتىرخانىدا خىتاينىڭ قايسى ئەمەلدارى بولسا ۋە ئازراق ۋىجدانى بولسا كەلسۇن بىز بىلەن يۈزلەشسۇن، بىزنى توختىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە قايسى تۈرك ئەمەلدار توساق قۇردۇرغان بولسا، ئەسلىدە بۇ توساقنى بىزگە ئەمەس شۇ زالنىڭ ئىچىدىكى زالىم، قىرغىنچى خىتايغا قۇرۇپ توختىتىش كېرەك، چۈنكى خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قېرىنداشلىرىمىز قاماپ قويدى. خىتاي ئالدى بىلەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقىسۇن، لاگېردىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئەركىن قويۇپ بەرسۇن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتسۇن، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەردە كۆرگەزمە ئېچىشقا رۇخسەت بېرىڭلار، بىراق بىز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز بىلەن ئالاقە قىلالماي يۈرىكىمىز ئېچىشىۋاتسا، ئۇ يەردە ئاتا-ئانىلىرىمىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز يىغىۋېلىش لاگېرلارغا قالغان تۇرسا خىتايلارنىڭ بۇ يەردە پائالىيەت قىلىشىغا رۇخسەت بەرمەسلىكى كېرەك» .
پائالىيەت جەريانىدا ئىستانبۇلدىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ۋە مەسئۇللىرىمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش خىتاي خەلق ناخشا مۇزىكا سەنئىتى نامىدىكى پائالىيەتلىرىنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
خىتاينىڭ بۇ پائالىيىتىگە قارشى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارمۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.
بىز، خىتاي كونسۇلخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ناخشا-مۇزىكا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان زالغا كىرىش ئۈچۈن زالنىڭ ئىشىكىگە بارغان بولساقمۇ، لېكىن ئىشىكنى توسقانلار تەرىپىدىن كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىدۇق.
خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلى ۋېي شياۋدوڭنىڭ ئۆز نامىدا تارقاتقان تەكلىپنامىسىدە يېزىلىشىچە، ۋېي شياۋدوڭ ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە مەخسۇس تەكلىپنامە ئەۋەتكەن بولۇپ، تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى زالغا كىرىشتە بۇنى كۆرسىتىپ كىرىشى كېرەكلىكى، تەكلىپنامىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەردىن قاتنىشىشىنى خالايدىغانلارنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن تېلېفون ياكى ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.