ئۇيغۇرلار خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 71-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى
2020.10.01
1-ئۆكتەبىر كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 71-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا زور كۆلەملىك نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ، نەچچە يۈزلىگەن كىشى قاتناشتى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار كۆتۈرگەن ھالدا بەيازىت مەيدانىغا جەم بولدى. نامايىشچىلار خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ: «ئىشغالچى قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەت!» دېگەندەك ھەر خىل شوئارلار توۋلىدى.
بەزى نامايىشچىلار قوللىرىدا خىتاي لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرگەن بولۇپ، سۈرەتلەرنىڭ ئاستىغا «ئانام قەيەردە، دادام قەيەردە؟» دېگەندەك سوئاللار يېزىلغان ئىدى.
نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان باياناتىنى ئوقۇدى.
ئۇ باياناتتا ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 71 يىل ئىلگىرى، يەنى 1949-يىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى زالىم خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى. بۇ كۈن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىۋالغان قارا ماتەم كۈنىدۇر. بۇنىڭدىن 71 يىل ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، بۇ تۇپراقنىڭ كوممۇنىست خىتايغا باغلانغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. 1955-يىلى شەرقىي تۈركسىتاننىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ، ئاتالمىش ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلاردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ يالغۇز مۇستەقىللىقىنى تارتىۋېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەركىن ياشاش ھەق-ھوقۇقلىرىنى، تىل، دىن، مەدەنىيەت ۋە يەر-مۈلۈك جەھەتتىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنىمۇ مەجبۇرى تارتىۋالدى ۋە ئۇلارنى خىتاينىڭ بىر پارچىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى.»
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. بۇ جەھەتتە دۆلەت ئەمەلدارلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلار ۋە ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈش، پىكىرلىىشىش ۋە نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇش، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا چىقىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش قاتارلىق پۇقرالار دىپلوماتىيىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ۋە بارلىق قانۇنىي ھوقۇقىمىزدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەستايىدىل قەدەم تاشلايدىغانلىقىمىزنى بىلىشنى خالايمىز. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تېررورلۇقنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.»
كېيىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزۈۋاتقان يوق قىلىش سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 71 يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم قىلىش قانۇنغا ئايلاندى. بۇ 71 يىل جەريانىدا زۇلۇم چېكىدىن ئېشىپ خەلقئارا ئۇقۇم بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. بۇ 71 يىل جەريانىدا يۈز مىڭلىغان ئىنسان يوق قىلىندى. يۈز مىڭلارچە ھامىلە ئاياللىرىمىزنىڭ باللىرى چۈشۈرۈۋېتىلدى. ئۆسمۈرلىرىمىزمۇ ئۆز قىممەت قاراشلىرى ۋە ئېتىقادىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن لاگېرلارغا قامالدى. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۈگۈنكى كۈنلەردە يالغۇز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ زۇلۇم سالىدىغان زالىم بىر ھاكىمىيەتكە ئايلاندى.»
دوكتور ئۆمەر تۈركىيەنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ھازىرقى ھالىتى پەقەتلا شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى باشتا تۈرك دۇنياسى ۋە تۈركىيە قاتارلىق پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈن بىر تەھدىت ھالىغا كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەستىن كۆزىمىزنى ئاچايلى. ۋەزىيەتنى ياخشى ئانالىز قىلايلى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈشىمىز كېرەك.»
نامايىش جەريانىدا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابىي ئابدۇلقادىر ياپچان خىتاي ئىشغالىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇملىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.