ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ: «مەن ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولسام خىتاينىڭ ۋەھشىي سىياسىتىنى ئىزچىل ھالدا كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرىمەن»
ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانسام، قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىمىزنىڭ قاتارىدا ئورۇن بېرىمەن.
-
ئەنقەرەدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تەييارلىدى
2024-03-25 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ يېڭى باشلىقى سايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى نامزاتى، پارلامېنت ئەزاسى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «ئەگەر بۇ قېتىملىق سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ دۇنياغا داڭلىق تارىخىي شەھەر ئىستانبۇلنىڭ باشلىقى بولالىسام، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىي سىياسىتىنى داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپكە تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىمەن» دېدى.
3-ئاينىڭ 31-كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا شەھەر، رايون، ناھىيە، كەنت ۋە يېزا باشلىقلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. بۇ سايلام نۆۋەتتە تۈركىيەدە كۈچلۈك ئىنكاسلار قوزغىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان، تۈركىيەنىڭ جۈملىدىن دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ئىستانبۇلنىڭ باشلىقلىقىغا كىمنىڭ سايلىنىدىغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىماقتا. بىز تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئۆكتىچى پارتىيەسى بولغان قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان «ئىيى» يەنى «ياخشى» پارتىيەسى نامزاتى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بوۋىلىرى تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كېلىپ جايلاشقان بىر ئائىلىنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن سايلامدا ئۇتۇپ چىقىپ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى بولسا، خەلقئارالىق چوڭ شەھەرنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانسام، قانىغان يارىمىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىمىزنىڭ قاتارىدا ئورۇن بېرىمەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى، ئۇ، يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملەرنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرىمەن. بۇ مەسىلىنى خەلقئارا سورۇنلاردا، داۋاملىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويىمەن. چۈنكى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقلىقى ناھايىتى مۇھىم، كۈچلۈك ھوقۇق. خەلقئارادىمۇ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ يۇرتىنى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ خەلقى، مېنىڭ قېرىنداشلىرىم بولغان ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملەرنى، بۇرۇن جامائەتچىلىككە قانداق ئاڭلاتقان بولسام، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولغان ۋاقتىمدا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئاڭلىتىمەن ۋە كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرىمەن. »
تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مۇھىم ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا نۇرسىمان ئابدۇرېشىت خانىمنى «جازا لاگېرلىرى» نى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئاتا-ئانىسى ھەمدە قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغۇزغانىدى.
مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيەمىزنىڭ ئىستانبۇل مەسئۇلى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىللەردە، تۈركىيە پارلامېنتىدا نۇرسىمان خانىمغا گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنىدىم. ئۇ، قىزىمىز پارلامېنتىمىزنىڭ سەھنىسىدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتقانىدى. مەن شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانسام شەھەرلىك ھۆكۈمەت پارلامېنتىدىمۇ داۋاملىق ھالدا بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىمەن. »
ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ھەتتا تۈرك دۆلەتلەرگە تەشكىلاتىغا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلىق تىراگېدىيەسى مەۋجۇت. بىز بۇ مەسىلىگە كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىئىنەزىرىدىن قارايمىز. بىز بۇ مەسىلىنىڭ سىياسىي بىر مەسىلە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. تۈركىيەدە قايسى پارتىيە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشى توغرا ئەمەس. تۈركىيە دۆلىتى، ھەتتا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ توغرىلىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. شۇڭا مەن ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانسام بۇ ھەقتىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. »
ئىستانبۇل ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، 70 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بۇغرا قاۋۇنجۇ ئەپەندى ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانسا، ئۇيغۇرلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولسام تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان كۈلتۈر رىشتىمىزنى كۈچەيتىشكە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىمەن. ئەگەر سايلىنالماي قالساممۇ پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ھەقتە خىزمەت قىلىشنى داۋام قىلىمەن. ئەگەر مەن31-مارتتىكى سايلامدا ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانسام، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئىمكانىمنىڭ يېتىشىچە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقىمغا ۋەدە بېرىمەن.»
سالتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ، چوڭ دادىسى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۆزبېك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى پېشقەدەم سىياسەتچى ئورخان قاۋۇنجۇ ياشلىق يىللىرىدىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسى بىلەن شۇغۇللانغان. 1990-يىللاردا تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىللەردە پارلامېنتتا كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئوغلى ساتۇق بۇغرا قاۋۇنجۇ 1973-يىلى ئەنقەرەدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 2018-يىلىدىن تارتىپ ئىيى پارتىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئۇ، 2023-يىلى 14-ماي كۈنىدىكى سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئاكتىپ كۆڭۈل بۆلمەكتە.
بۇ قېتىملىق سايلامدا ئىستانبۇلدا بېلەت تاشلايدىغان كىشىلەرنىڭ سانى 11 مىليوندىن 315 مىڭ بولۇپ، بۇلار ئىستانبۇلنى 5 يىل باشقۇرىدىغان باشلىقلارنى سايلايدۇ.