يالۇۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئىستانبۇلدا نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.05.01
istanbul-namayish-06

ئىستانبۇلنىڭ ئۈسكۈدار مەيدانىدا يالوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 30-ئاپرېل، ئىستانبۇل ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى: ئارسلان

istanbul-namayish-01

istanbul-namayish-02

istanbul-namayish-03

istanbul-namayish-04

istanbul-namayish-05

30-ئاپرېل كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ ئاۋات رايونلىرىدىن بىرى بولغان ئۈسكۈدار مەيدانىدا بىر گۇرۇپپا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

بۇ پائالىيەتنى يالوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىلىم فاكولتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەمىر باتىن قارادۇمان ۋە خەدىچە ئاھىر قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر گۇرۇپپا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشنى ھەر ساھەدىكى خەلق ئاممىسى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا، «زالىملار چوقۇم ھېساب بېرىدۇ!»، «مۇسۇلمان ئۇخلىما، قېرىندىشىڭغا ئىگە چىق!»، «ھەق-ھوقۇق، ئادالەت، ئۇيغۇرلارغا ھۆررىيەت!»، «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

نامايىشچى ياشلار نامايىش مەيدانىدا «نەدە كۆك بۆرە» دېگەن ئۇيغۇرچە ناخشىنى ياڭراتقۇدا ئاڭلاتتى ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان شېئىرلارنى ئوقۇدى.

نامايىش جەريانىدا خەدىچە ئاھىر ئىسىملىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تۇپراقلىرى بىزگە ئۇزاق بولسىمۇ، ئەمما كۆڭلىمىز يېقىن بولغان ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ. تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىشى، خىتايغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ سۈكۈتتىن جاسارەتلىنىپ تۈركلەرگە بولغان دۈشمەنلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقتا. كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋېلىپ، خىتاي كۆچمەنلەرگە بەرمەكتە. قىزىل خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنبەت زېمىنلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلماقتا، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئولتۇراقلاشتۇرماقتا. ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتلىرىدا چەتكە قېقىپ، ئايرىمچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە. بىز بىر تۈرك ئەۋلادلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر غېرىچ زېمىنىمۇ ئەسلا خىتاينىڭ بىر پارچىسى ئەمەس! شەرقىي تۈركىستان ھېچ قاچان خىتاينىڭ زېمىنى بولغان ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز بولمايدۇ. خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى دەيدىغان بىر نەرسە يوق، خىتاي 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىۋالغان».

خەدىچە ئاھىر، پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردىكى زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىققا بىر تۈرك، بىر مۇسۇلمان قانداقمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرالىسۇن؟ ئەگەر ئىسلام دۇنياسى مۇسۇلمان ئىزدەيدىغان بولسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇسۇلماندۇر؛ ئەگەر تۈرك دۇنياسى تۈرك ئىزدەيدىغان بولسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈركتۇر؛ ئەگەر ئىنسانىيەت ئىنسان ئىزدەيدىغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاندا قىرغىن قىلىنىۋاتقانلارمۇ ئىنساندۇر!»

خەدىچە ئاھىر خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېدى: «بىزلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بولۇشنى، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشنى، بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى ئاكتىپ ئىشلىتىشنى، بۇ سۈكۈتنى بۇزۇشنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەممە يەردە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى قىرغىنچىلىقتىن قوغداش، ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىزدۇر».

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يالوۋا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىلىم فاكولتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمىر باتىن قارادۇمان مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز، شەرقىي تۈركىستاننى پەلەستىنگە ئوخشاش كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. ھەممىمىزگە مەلۇم، شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى ماۋ رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىست خىتايلار بېسىۋالغاندىن باشلاپ، ئەر-ئايال، قېرى-ياش ۋە كىچىك بالىلارنى ئايرىماستىن ھەممىسىگە ئېغىر زۇلۇم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا بىز ئاۋازىمىزنى يېتەرلىك دەرىجىدە چىقارمايۋاتىمىز. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇنىڭغا دۇنيامۇ سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ، بۇ بەك ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەت. خۇدايىم بۇيرۇسا، بىز بۇ خىل پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ تۈردە ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيادا ۋە تۈركىيەدە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلارنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمىز».

ئەمىر باتىن قارادۇمان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا سالام يوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمغا شۇنى دەيمەنكى، دۇنيادا 300 مىليون تۈرك بار. ئاللاھتىن ئۈمىد ئۈزمەيمىز، ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى بولىدۇ، پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتەيلى، ئەركىنلىككە چىقىدىغان كۈنلەرمۇ كېلىدۇ».

بىز بۇ نامايىشنى قوللاش يۈزىسىدىن قاتناشقان زافەر پارتىيەسى گەبزە شۆبىسىنىڭ رەئىسى فۇندا ئۆزقارا خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا بۇنداق پائالىيەتلەر تېخىمۇ كەڭ تۈردە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەك. بىز زافەر پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە جىددىي قارايمىز، بۇ خىل پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ تۈردە ئۇيۇشتۇرۇشقا ۋەدە بېرىمەن».

بۇ نامايىشقا قاتناشقان ئەمىرخان كۈچۈك ئىسىملىك تۈرك ياش مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق، ئۇلارنى ھەر ۋاقىت قوللايمىز، ئۇ يەردە زۇلۇم تۈگىگىچە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرىمىز».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.