ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
2023.03.08
7-مارت كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپىسى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىستانبۇلنىڭ سەلىمپاشا رايونىدا ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سېتىۋېلىنغان زېمىندا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىستانبۇلنىڭ سەلىمپاشا رايونىغا دەسلەپكى قەدەمدە 64 ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلە قورۇسى سېلىنىدىغان بولۇپ، كېيىنكى پىلاندا تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت يارىتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئېچىلىشى مۇراسىمىغا ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
ئېچىلىش مۇراسىمى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇغېنى قۇتبى سۆز قىلىپ، 2015-يىلى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇش مەقسىتىدە ئىزدىنىپ سەلىمپاشا رايونىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە يېقىن ۋە مۇناسىپ رايون ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپ، بۇ جايدا مەھەللە قۇرۇشقا كىرىشكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلاندا بۇ مەھەللىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن شەرت-شارائىت يارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنى، تىلى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا ساقلىنىپ قېلىشى ۋە دەۋانىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن بىر يەرگە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن سەلىمپاشادا ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى سۆز قىلىپ، سەلىمپاشادا ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە كەلگۈسىدە ئاسسىملياتسىيە بولۇپ كەتمەي ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇراسىمدا يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر سەھنىگە چىقىپ شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ۋە ئازادلىققا ئېرىشىشى ئىپادىلەنگەن ناخشىنى ئوقۇپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئىلىم مەرىپەت ۋەخپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۇنداقلا سەلىمپاشادىكى ئۇيغۇر ئوقۇ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ھەبىبۇللا كۈسەنى بۇ مەكتەپنى ئېچىش ۋە ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىسىنىڭ سەلىمپاشا رايونىدا 2015-يىلى بەش مىڭ كۋادرات مېتىرلىق بىر زېمىن سېتىۋېلىپ بىر مەكتەپ ۋە 40 يۈرۈش ئۆي سېلىشقا باشلىغانلىقىنى، مەكتەپ ۋە ئۆينىڭ 2017-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەنلىكىنى، مەكتەپنىڭ ھەم سىنىپ ھەم ياتاق بولۇپ 800 ئوقۇغۇچى يېتىپ ئوقۇيالايدىغان سىغىمچانلىقى بارلىقى، ھازىر مەكتەپتە 200 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئائىلە قورۇسىنى كېڭەيتىپ ئىككى بىنا سېلىنغان بولۇپ سەلىمپاشادىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ھازىر جەمئىي 100 ئۇيغۇر ئائىلە ئولتۇراقلاشقانىكەن.
ھەبىبۇللا كۈسەنى ئەپەندى، بۇ قېتىم رايوننى تېخىمۇ كېڭەيتىپ مەلۇم بىر جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىشىپ 6000 كۋادرات مېتىرلىق زېمىن سېتىۋالغانلىقىنى ۋە بۇ زېمىنغا دەسلەپكى قەدەمدە 94 ئۆينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلە قورۇسى سېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ۋە ئۇل سېلىش ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى.