ئىستانبۇلدا 3 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەم بولۇپ روزا ھېيتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2019.06.06
istanbulda-heyt-1.jpg

3 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 6-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbulda-heyt-2.jpg

3 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 6-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbulda-heyt-3.jpg

3 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 6-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbulda-heyt-4.jpg

3 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 6-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbulda-heyt-5.jpg

3 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 6-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

istanbulda-heyt-6.jpg

3 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەم بولۇپ ئۆتكۈزگەن روزا ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2019-يىلى 6-ئىيۇن، ئىستانبۇل. RFA/Arslan

5-ئاينىڭ 6-كۈنى، يەنى روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن 3 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېڭىز بويىدىكى چىملىق مەيدانغا جەم بولۇپ، روزا ھېيتلىق ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىملىق ھېيتلىشىش پائالىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، يۇرت مۆتىۋەرلىرى، دىنىي ئالىملار ۋە ئەر-ئايال، بالىلار بولۇپ، 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى ۋە جەم بولۇپ بىرلىكتە ھېيتلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەقسىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ يەرگە يىغىلىشىمىزنىڭ مەقسىتى بىر كۈن بولسىمۇ مۇھاجىرەت ۋە غۇربەتتىكى بۇ ھاياتىمىزنى كۆڭۈللەردىن سۇ ئىچىدىغان نۇقتىغا كەلتۈرۈشتۇر. ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش، سۆھبەتلىشىش ۋە تونۇشۇش بۈگۈنكى بۇ بايرامنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن مانا بۈگۈن جەم بولۇپ بىرلىكتە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بىز دوستلۇق-قېرىنداشلىقىمىزنى، ئاچا-سىڭىل ۋە ئاكا-ئۇكىلىق رىشتىمىزنى، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىق كارۋانىمىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. بىزنىڭ بۇ بىرلىكىمىز مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىپلا قالماستىن، بەلكى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قەلبىگە زەربە بېرىدۇ. بىزنىڭ چوڭلىرىمىز ۋە ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق جەم بولۇپ مەشرەپلەرنى شەكىللەندۈرگەن. شۇڭا بۇ مەدەنىيىتىمىز دۈشمەنلىرىمىزنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر بولۇپ سانجىلغاندەك قورقۇنۇچنى ھېس قىلدۇرغان.»

كېيىن جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان سۆز قىلىپ، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى ۋە بىرلىك-باراۋەرلىككە چاقىرىق قىلدى.

يىغىندا يەنە دىنى ئالىم نىياز داموللام سۆز قىلىپ، روزا ھېيتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە مۇھاجىرەتتىكى مۇساپىرلىق ھاياتىدا بۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ بىرلىكتە ھېيت ئۆتكۈزگەنلىكىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار سۆز قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك-باراۋەرلىكىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. پائالىيەتتە يەنە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇراخمان قەشقەرىي ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشنىڭ بىردىن بىر يولىنىڭ ھېسسىياتقا بېرىلمەستىن ئەقىل-تەپەككۇر بىلەن پىلان تۈزۈپ، ئەمەلىي خىزمەتكە ئاتلىنىپ، تىرىشچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پائالىيەت جەريانىدا ئۆسمۈرلەر «ئانا تىلىم» دېگەندەك ھەر خىل تېمىلاردا شېئىرلار ئوقۇدى. ئاخىرىدا چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى چېلىشىش مۇسابىقىسىنى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە كۆردى.

ئىگىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرلىك-باراۋەرلىك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە مۇشۇ خىلدىكى ھەر خىل يىغىلىش پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۆتكەن يىلىدىكى روزا ھېيتتىمۇ مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىستانبۇلدا جەم بولۇپ بىرلىكتە ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.