ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 42-نۆۋەتلىك «كىتاب ۋە مەدەنىيەت يەرمەنكىسى» دىن ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ ئورۇن ئالدى
2025.03.11
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ۋەخپىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، تۈركىيە نەشرىياتچىلار ۋە يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ جامىسى ھويلىسىدا ئېچىلغان 42-نۆۋەتلىك «كىتاب ۋە مەدەنىيەت يەرمەنكىسى» دە، ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ سېتىشقا چىقىرىلدى.
7-مارت كۈنى تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور، دوكتور ئالى ئەرباشنىڭ ئېچىلىش سۆزى ۋە لېنتا كېسىشى بىلەن باشلانغان 42-نۆۋەتلىك كىتاب ۋە مەدەنىيەت يەرمەنكىسى، 30-مارت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
پىروفېسسور، دوكتور ئالى ئەرباش ئېچىلىش سۆزىدە: «بىلىم، كىتاب ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاچقان بۇ كىتاب ۋە مەدەنىيەت يەرمەنكىسىنىڭ پايدىلىق بولۇشىنى، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن گۈزەللىك ئېلىپ كېلىشىنى جانابى ئاللاھتىن تىلەيمىز» دېدى.
ئوقۇرمەنلەر بىلەن يازغۇچىلارنى ئۇچراشتۇرىدىغان بۇ كىتاب يەرمەنكىسىدە مەركىزى ئىستانبۇلدىكى «ئەۋلاد» نەشرىياتى تەرىپىدىن كۆرگەزمە ئېچىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئائىت تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە كىتابلار سېتىشقا چىقىرىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىتاب يەرمەنكىسىگە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ، ئۆزلىرى ۋە باللىرى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە كىتابلارنى سېتىۋالغان.
بىز نەق مەيدانغا بېرىپ كىتاب يەرمەنكىسىنى زىيارەت قىلدۇق. «ئەۋلاد» نەشرىياتى تەرىپىدىن ئېچىلغان كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى كۆرۈۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھەر يىلى بۇ كىتاب يەرمەنكىسىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ قېتىممۇ «ئەۋلاد» نەشرىياتىنىڭ كۆرگەزمە ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئايالى ۋە باللىرى بىلەن بىللە كەلگەنلىكىنى، باللىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى چەت ئەلدە ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت سۈپەتلىك ماتېرىياللارنى تېپىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى، بىراق «ئەۋلاد» نەشرىياتى تەرىپىدىن مەخسۇس ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن نەشر قىلىنىۋاتقان ژۇرناللار، دىنىي-ئەخلاقىي تېمىلاردىكى كىتابلارنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى بۇ يەرمەنكىگە «ئەۋلاد» نەشرىياتىنىڭ تۇنجى بولۇپ قېتىلغانلىقىنى، بۇنداق كۆرگەزمىلەردە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۆرگەزمە قىلىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە «ئەۋلاد» نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللاھ قاراقاش ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەرمەنكە 42 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم ئىستانبۇلدا ئېچىلىپ كېلىۋاتقان كىتاب يەرمەنكىسى بولۇپ، بىز ئۇنىڭدا ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭمۇ بولۇشىنى ۋە زىيارەتچىلەر تەرىپىدىن كۆرۈلۈشىنى ئارزۇ قىلىپ، ئىلتىماس قىلدۇق. ئىلتىماسىمىز قوبۇل بولۇپ قاتناشتۇق».
ئابدۇللاھ قاراقاش ئەپەندى، «ئەۋلاد» نەشرىياتىنىڭ 2011-يىلىدىن بۇيان «ئەۋلاد» گۇرۇپپىسى نامدا ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھازىرغىچە 400 قىسىمدىن ئارتۇق فىلىمغا ئاۋاز بېرىپ تارقاتقانلىقىنى، 2017-يىلىدىن باشلاپ «سىيرەت» ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلىنى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە «سىيرەت» ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى جەمئىي 28 سان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلى توختىغانلىقىنى، 2019-يىلى «فارابى» جەمئىيىتى قارمىقىدا «ئەۋلاد» نەشرىياتىنىڭ رەسمىي نەشرىيات بۆلۈمى قۇرۇلغانلىقىنى، ھازىرغىچە 130 پارچە كىتاب نەشر قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئابدۇللاھ قاراقاش ئەپەندى «ئەۋلاد» نەشرىياتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىز بىلگەندەك، خىتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن بىرلىكتە تارىخ سەھنىسىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاشقان ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىز ھەم دىنى ساھەدە خىزمەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشنى كۆزلەپ تىرىشىۋاتىمىز. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
بىز يەرمەنكىدە «ئەۋلاد» نەشرىياتىدىن ئۆسمۈرلەرگە ئائىت كىتاب-ژۇرنال سېتىۋالغان 12 ياشلىق ئايشە ۋە 6 ياشلىق ئايسىما ئىسىملىك ئۇيغۇر بالىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئۇلار، «ئەۋلاد» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «تۆت قۇلاق» نامدىكى ژۇرنالنى سېتىۋالغانلىقىنى، بۇ ژۇرناللارنىڭ ئىلگىرىكى سانلىرىنىمۇ ئوقۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ساۋادىنى چىقارغانلىقىنى، «تۆت قۇلاق» ژۇرنىلىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا ئايشە ئۆزى سېتىۋالغان بالىلار ئوقۇشلۇقى كىتابىدىن بىزگە ئارىيە ئوقۇپ بەردى.