ئىستانبۇلدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!» ناملىق خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتۇرانت ئابدۇسالام تەكلىماكان: «دۇنيا جامائىتى بىردەك ‹ئىسلام دۈشمەنلىكى› (Islamophobia) گە، ئىرقچىلىققا ۋە ئۆچمەنلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئىرقچى، ئىسلامغا ئەڭ قارشى بىر مۇستەبىت كۈچ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك،» دېدى.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى 31-ئىيۇل ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختات»، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئويغان» دېگەن ناملاردىكى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېيتتى.

خەلقئار شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركسىتان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە نامايىش ھەم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام تەكىلىماكان ئالدى بىلەن بۇ نامايىشنى ئويۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت توغرىلىق توختىلىپ ئۆتتى: «دۇنيانىڭ بىر قانچە دۆلەت ۋە شەھەرلىرىدە 100 دىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە ئىلمىي ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ‹ئىرقىي قىرغىنچلىقنى توختات! › ناملىق خەلقئارالىق ھەرىكەتكە ماسلىشىپ، بىز بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىغا قارشى نامايىش قىلىش، ئادالەت ۋە ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان پۈتۈن ئىنسانلارنى بىزگە قېتىلىشقا چاقرىق قىلىش مەقستىدە بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز».

ئابدۇسالام تەكىلىماكان سۆزىدە يەنە مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى قاماش ئۈچۈن مىڭلىغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ياسالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختات»، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئويغان» دېگەن ناملاردىكى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 31-ئىيۇل، تۈركىيە.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىشى چەكلەندى، يەرلىرى ۋە مال-مۈلكلىرى مۇسادىرە قىلىنىپ خىتاي كۆچمەنلەرگە ئىئانە قىلىندى، ئۆسمۈر بالىلار ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىپ خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن بېقىۋېلىندى ياكى «پەرىشتىلەر ئۇۋىسى» دەپ ئاتالغان بالىلار لاگېرلىرىغا قامالدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى 15 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت چېقىۋىتىلدى ياكى كېچىلىك كۇلۇبقا ئايلاندۇرۇلدى. ئىسلام ياكى مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسە تېرورلۇقنىڭ بەلگىسى دەپ بىكىتىلىپ يوقىتىلدى. خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشىچە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نوپۇسى ئازايتىلدى. بۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى مۇتلەق قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھېسابلىنىدۇ.»

يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركسىتان ۋەخپىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىر مۇسۇلمانلىق، تۈركلۈك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك بىر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقرىق قىلدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختات»، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئويغان» ناملاردىكى نامايىشتا ئىشلىتىلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانغا بويالغان بايرىقى. 2022-يىلى 31-ئىيۇل، تۈركىيە.
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختات»، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئويغان» ناملاردىكى نامايىشتا ئىشلىتىلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانغا بويالغان بايرىقى. 2022-يىلى 31-ئىيۇل، تۈركىيە. (RFA/Arslan)

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي بۈگۈنكى كۈندە بانكا، پۇل-مۇئامىلە ۋە قانۇن سىستېمىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانن ئېغىر دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى مەۋجۇت. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىشى، خىتاينىڭ تاشقىي ئېكىسپورتىنىڭ توختاپ كېتىشى تۈركىيەگە ئەڭ كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى. يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ دۇنياغا مەھسۇلات ئېكىسپورت قىلالماسلىقى ۋە دۇنيانىڭ خىتاينىڭ ئورنىغا باشقا بىر تىجارەت شېرىكى ئىزدەۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ تاشقىي سودىدىكى مەھسۇلات ئېكىسپورتى ئېشىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي بايقۇت قىلىش، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىق يالغۇز شەرقىي تۈركسىتانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە قىلغان بىر ياخشىلىق ھېسابلىنىۇ. بۇ ئەھۋال تۈركىيەدە ئىشسىزلىقنى ئازايتىدۇ، تۈركىيەنىڭ مەھسۇلات ئېكىسپورتىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ خۇۋاېي ماركىلىق قول تېلېفونلىرىنى ۋە كومپىيۇتېر قاتارلىق پەن-تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەيلى، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا ئىشىلىتىۋاتقان Hikvision كۆزىتىش كامېرالىرىنى بۇ يەرلەردە كۆرمەيلى، مېنىڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، قېرىنداشلىرىڭلار ئۈچۈن سۈكۈت قىلماڭلار، تۈركىيە ھەرىكەتكە ئۆتسۇن!»

دوكتۇرانت ئابدۇسالام تەكلىماكان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقرىق قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز خەلقئارالىق شىركەتلەرنى، زاۋاتلارنى، ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرلىرىنى ۋە مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى تارقىتىش ئورگانلىرىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى تاقاشقا چاقىرىمىز. خەلقئارا ئورگانلاردىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلاردىن ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلدۇرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى مەيدانىنى جاكارلاپ، خەلقئارا سەۋىيەدە ئۇچۇق پوزىستىيە بىلدۈرۈشنى، يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. دۇنيا جامائىتىنى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى مىليونلىغان ئىنسانلارنى قوتۇلدۇرۇشقا ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىر قوللىنىشقا چاقرىق قىلىمىز.»

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختات»، «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئويغان» دېگەن ناملاردىكى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 31-ئىيۇل، تۈركىيە.

نامايىش جەرىيانىدا قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركسىتان بايرىقىنى كۆتۈرىۋالغان نامايىشچىلار بىردەك، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «ئائىلىمىزگە ئەركىنلىك»، «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەت!» دېگەندەك شۇئارلار توۋلىدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەخسۇس باياناتنىڭ ئەرەبچە ۋە ئىنگىلىزچە تەرجىمە نۇسخلىرىمۇ ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

تۈرك ژۇرنالىست خالىس ئۆزدېمىر ئەپەندى، «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ۋە قىرغىنچىلىققا تۈركىيەدىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈرك-ئىسلام جامائىتىنىڭ، جەمئىيەتلەرنىڭ سۈكۈت قىلىشى خىتاينى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرىۋاتىدۇ،» دېدى. ئۇ يەنە: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يالغۇز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغىلا تاشلاپ قويىدىغان بىر دەۋا ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز ۋە خىتاينى بۇ رەزىل جىنايەتلەردىن توسۇشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركسىتاندىكى زۇلۇم تۈگىمەي تۇرۇپ دۇنيا تىنچلىقى ھەرگىزمۇ بەرپا بولمايدۇ،» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات» نامىدىكى نامايىش پائالىيىتى 31-ئىيۇل كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا لوندون، مانچېستىر، ئېدىنبۇرگ، ۋاشىنگتون، تورونتو، ئىستانبۇل، سېدنى، مېلبورۇن ۋە بېرىسبان قاتارلىق شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلغان.