ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتىدىكى نامزاتىغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2021.11.23
ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتىدىكى نامزاتىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتىدىكى نامزاتىغا قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى. 2021-يىلى 23-نويابىر. ئىستانبۇل، تۈركىيە. RFA/Arslan

ئىنتېرپولنىڭ 89-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 23-نويابىر. ئىستانبۇل، تۈركىيە. Social Media

23-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتىدىكى رەئىسلىك نامزاتىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

نامايىشقا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. نامايىش خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىنتېرپولنىڭ 89-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشقا كەلگەن خىتاي نامزاتى خۇ بىنچېڭ قاتارلىق ئەمەلدارلار تۇرۇۋاتقان ئىستانبۇلنىڭ بەشىكتاش رايونىغا جايلاشقان سىۋىس مېھمانخانىسىغا يېقىن جايدىكى بارباروس باغچىسى مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىنتېرپولنىڭ 89-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 23-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، خىتاي تەرەپتىن خۇ بىنچېڭ ئىسىملىك بىرى ئىنتېرپولنىڭ 13 كىشىلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە نامزات كۆرسىتىلگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي نامزاتى ئىنتېرپولغا رەئىس بولۇپ سايلانسا بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان.

نامايىشقا ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. نامايىشچىلار «زالىم خىتاي ھېساب بەرسۇن»، دېگەندەك خىتايغا قارشى ھەر خىل شوئارلار توۋلىدى.

نامايىشقا كۆپ ساندا تۈرك ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارمۇ كەلگەن بولۇپ، نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېلىپ بېرىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى سۆز قىلدى.

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي نامزاتىنىڭ ئىنتېرپول ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىنتېرپولنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئېتىبارى ۋە ئىشەنچىسىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئىنتېرپولنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۈچۈن بىر خىتاينىڭ نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى خەلقئارادا جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە باشقا مۇخالىپەتلەر شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئىنتېرپول خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا رەئىس بولۇشىغا قارشى تۇرىمىز، نارازىلىق بىلدۈرىمىز ۋە ئەيىبلەيمىز. ئۇنداق بىر كىشىنىڭ ئىنتېرپولغا رەئىسلىك نامزات بولۇشى، ئىنتېرپولنىڭ ئېتىبارىنى ۋە ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن ئىشەنچىنى يوق قىلىش دېمەكتۇر. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ تۈردە بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان، خوڭكاڭ ۋە تىبەتتە ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر دۆلەت تەرىپىدىن نامزات كۆرسىتىلگەن ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ باشقۇرۇش ئاستىدا ئىشلەيدىغان بىر كىشىنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپولغا رەئىس بولۇشى ھەم شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن ھەم دۇنيا ئۈچۈن چوڭ بىر تەھدىت بولىدۇ».

نۇرىددىن ئىزباسار، سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئىنتېرپولغا ئەرز قىلىشى بىلەن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇنى تەكىتلەيمىز، تۈركىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە نۇرغۇن ئۇيغۇر خىتاينىڭ ئىنتېرپولغا ئەرز قىلىشى بىلەن بىگۇناھ تۇتۇلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئىدرىس ھەسەن ئىسىملىك بىر شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىندىشىمىز تۈركىيەدىن ماراكەشكە بارغاندا، خىتاينىڭ ئىنتېرپولغا ئەرز قىلىشى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى ۋە قولغا ئېلىنىپ ھازىرمۇ تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكلىرىگە ئوخشاش دۆلەتلەردىمۇ، خىتاينىڭ ئىنتېرپولغا بەرگەن قارارى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇرلار مەۋجۇت».

نۇرىددىن ئىزباسار سۆزىدە يەنە دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىتاي نامزاتىنىڭ ئىنتېرپولغا رەئىس بولۇپ سايلانماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى سۆزىدە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپولغا خىتاب قىلىپ، ماراكەشتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرىس ھەسەننىڭ ئەركىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئىنتېرپولنىڭ ماراكەش ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالىي زەينۇرەخانىم ئىنگلىز تىلىدا سۆز قىلىپ، يولدىشىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يولدىشىم ئىدرىس ھەسەن ھازىرمۇ ماراكەش تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئىنتېرپول خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى، خىتاينىڭ يولدىشىمنى تۇتۇش تەلىپىنى بىكار قىلدى. ماراكەش ھۆكۈمىتى يولدىشىمنى قويۇپ بېرىشى كېرەك. ئىنتېرپول-خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى، مېنىڭ يولدىشىمنىڭ مەسىلىسىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى، يولدىشىمنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك».

23-نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا يەنە بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئىنتېرپول-خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلتاي يىغىنى ئېچىلىۋاتقان خالىچ گونگىرى مەركىزىگە يېقىنلاپ بارغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ۋە ساقچىلار ئۇلارنى قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇق قىلغان، بىراق ئۇلار دەسلەپتە قايتىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چىڭ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار بىلەن ئۇزۇن تارتىشىشتىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۇ يەرنى تەرك ئېتىپ قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئىنتېرپولنىڭ 89-نۆۋەتلىك يىغىنىغا 160 دۆلەتتىن 470 ساقچى باشلىقى ۋە مىنىستىرلار قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا بىخەتەرلىك مەسىلىسى، تەھدىتلەر ۋە جىنايى ئىشلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ يىغىننىڭ 3-كۈنى سايلام ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئاخباراتلاردا بۇ ھەقتە تارقىتىلغان خەۋەرلەردە، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلىنىڭ سۆز قىلغانلىقىدىن باشقا تەپسىلىي مەلۇماتلار ئېلان قىلىنمىغان.

بىز، بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن خىتاينىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى بىكار قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىغا نۇرغۇن پۇل خەجلەش ۋە ھەر قايسى ئورگانلىرىغا ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىگە قارشى بولغان سىياسىي كۈچلەرنى داۋاملىق باستۇرۇش ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۇنيادىكى ھەر قايسى خەلقئارالىق ئورگانلىرىغا سىڭىپ كىرىش ئۈچۈن، پۇل چىقىم قىلىۋاتقانلىقىنى، لوبىيچىلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق دۇنيانى كونترول ئاستىغا ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدا، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرپولغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، 15-نويابىر كۈنى 20 دەك دۆلەتتىكى 40-50 تەك پارلامېنت ئەزاسى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى-ئىنتېرپولغا خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتىدىكى نامزاتى خۇ بىنچېنغا قارشى چىققان. ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر خۇ بىنچېن ئىنتېرپولنىڭ 23-نويابىردىن 25-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 89-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئىنتېرپولنىڭ 13 كىشىلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانسا، بۇ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلەر، تەيۋەنلىكلەر ۋە خىتاي پائالىيەتچىلىرىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.