ئىتالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ پەمىدۇر قىيامى ماگناتى «شىنجاڭ پەمىدۇر» نى چەكلەشكە چاقىرغان

0:00 / 0:00

«شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» نىڭ كونتروللۇقىدىكى ئەرزان باھالىق «شىنجاڭ پەمىدۇر قىياملىرى» نىڭ ياۋروپا بازىرىغا، بولۇپمۇ دۇنيادىكى 3-چوڭ پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولغان ئىتالىيەگە ئېقىپ كىرىپ، ئۇنىڭ يەرلىك پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىغا خىرىس قىلىشى، ئىتالىيەدىكى پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىدا «شىنجاڭ پەمىدۇرى» نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىدىكى «ئادالەتسىز سودا رىقابىتى» ۋە «ئەخلاق ئۆلچەملىرى» سوئال پەيدا قىلماقتا ھەم «شىنجاڭ پەمىدۇرى» نى چەكلەش چۇقانلىرى كۈچەيتمەكتە.

ئىتالىيەدىكى «مۇتى» ناملىق پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ چوڭ شىركەت، يەنى پەمىدۇر قىيامى ماگناتى يېقىندا ئىتالىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «شىنجاڭ پەمىدۇرلىرى» نى چەكلىشىنى ياكى ئۇنىڭغا يۇقىرى مىقداردا باج ۋە تاموژنا بېجى قويۇش ئارقىلىق، ئىتالىيەنىڭ پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنى قوغداشنى چاقىرىق قىلغان.

125 يىللىق تارىخىي بولغان بۇ چوڭ شىركەتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى فرانشېسكو مۇتى (Francesco Mutti) ئۆتكەن ھەپتە «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىگە سۆز قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «دېھقانلارنى خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئەرزان باھالىق پەمىدۇر قىياملىرىنىڭ ‹ئادالەتسىز› رىقابىتىدىن قوغداشنى، ئىتالىيە پەمىدۇرلىرىنىڭ ‹شان-شۆھرىتى› نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى» نى تەلەپ قىلغان.

فرانشېسكو مۇتىنىڭ سۆزى «شىنجاڭ پەمىدۇرلىرى» نى چەكلەش تالاش-تارتىشى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە بىڭتۈەننىڭ كونتروللۇقىدىكى «شىنجاڭ پەمىدۇرى» ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى قۇللار ئەمگىكى مەسىلىسىنى قايتا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. ئىتالىيەدە «شىنجاڭ پەمىدۇرى» نى چەكلەش ھەققىدىكى نارازىلىقلار بۇ يىل 5-ئايدا بىر قېتىم ئەۋجىگە چىققان. شۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدىن يولغا سېلىنغان 82 كانتېنىر شىنجاڭ پەمىدۇر قىيامى «بىر بەلباغ، بىر يول» نىڭ ئوتتۇرا يول لىنىيەسى بىلەن قازاقىستان، كاسپىي دېڭىزى رايونى، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيەدىن قارا دېڭىز ئارقىلىق، تۆمۈريول ۋە پاراخوتتا ئىتالىيەنىڭ سالېرنو پورتىغا يېتىپ كېلىشى، ئىتالىيەدىكى ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بولغان «كولدىرېتى» نىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ سالېرنو پورتىدا «شىنجاڭ پەمىدۇرى» غا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىتالىيەدىكى StraLi يەنى «ئىستراتېگىيەلىك ئەرزىيەت» ناملىق قانۇن مۇلازىمەت ئورنى، ئىتالىيە سوت مەھكىمىسىگە «سالېرنو پورتىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىنجاڭ پەمىدۇر قىياملىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغانىدى.

ئىتالىيە سوتى شۇ قېتىملىق ئەرزنى كۆرۈپ چىقىشنى رەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەرزگە ھازىرغا قەدەر تېخى ھۆكۈم چىقارمىغان بىر پەيتتە، بۇ قېتىم ئىتالىيەدىكى ئەڭ چوڭ پەمىدۇر قىيامى ماگناتى، «شىنجاڭ پەمىدۇرى» نىڭ چەكلىنىشى ياكى ئۇنىڭغا يۇقىرى مىقداردا باج قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئىتالىيە «ئىستراتېگىيەلىك ئەرزىيەت قانۇن مۇلازىمەت ئورنى» دىكى «شىنجاڭ پەمىدۇرى» دەۋاسىنىڭ باش ئادۋوكاتى لوئىدې كامبىسانىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ «شىنجاڭ پەمىدۇرى» ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزى، ئىتالىيە سوتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن ئەرزان باھالىق «شىنجاڭ پەمىدۇرى» نىڭ «ئادىل رىقابەت» كە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، نۆۋەتتە ياۋروپا ۋە ئىتالىيە پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭمۇ قارشىلىقىغا ئۇچرىماقتىكەن. لوئىدې كامبىسانو مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردىكى رىقابەتتە بىر مەسىلە بار. چۈنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا بازىرىدىكى خىتاي پەمىدۇر قىيامىنىڭ باھاسى ئىتالىيە پەمىدۇر قىياملىرىدىن كۆپ ئەرزان. بۇ بازاردىكى ئادىل رىقابەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. بەزى (خىتاي) شىركەتلىرى باھادىكى بۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلانماقتا. ھالبۇكى، خىتاي پەمىدۇر قىياملىرىنىڭ باھاسىدىكى بۇ ئەۋزەللىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلمەكتە.»

لوئىدې كانبىسانو خانىم يەنە بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىلا ئىتالىيە قانۇنى نۇقتىسىدىن «شىنجاڭ پەمىدۇرلىرى» نى تەكشۈرۈش زۆرۈرىيىتى پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. لوئىدې كونبىسانو مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، بۇ ۋەزىيەت ئىتالىيە قانۇنى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش زۆرۈرىيىتىنى شەكىللەندۈرمەكتە. ھالبۇكى، بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئادالەتسىز بازار رىقابەت مۇھىتى ياراتقانلىقى ئېنىق. چۈنكى، بۇ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىشى، ئۇنىڭ تەننەرخىنى چۈشۈرۈپ، رىقابەتتە ئەۋزەللىككە ئېرىشتۈرگەن. ھالبۇكى، ئىتالىيە ئاۋام قانۇنى بولسا بۇ خىل ئادالەتسىز رىقابەتنى چەكلىمەكتە.»

بىر ئىشچى پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 3-ئاۋغۇست، باش ئەگىم شەھىرى
بىر ئىشچى پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 3-ئاۋغۇست، باش ئەگىم شەھىرى (www.btwmw.net)

خىتاي دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ پەمىدۇر ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلىتى بولۇپ، دۇنيا پەمىدۇر مەھسۇلاتىنىڭ 37 پىرسەنتى دېگۈدەك خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان يىللىق پەمىدۇر مەھسۇلاتىنىڭ ئاز دېگەندە 80 پىرسەنتى ئۇيغۇر ئېلىگە مەركەزلەشكەن. ھالبۇكى، پەمىدۇر مەھسۇلاتى ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە پاختا، پولىسىلىكون، كۈنتاختا، ئاليۇمىن قاتارلىق مەھسۇلاتلار قاتارىدا ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلەنگەن بولسىمۇ، ياۋروپا بازىرى، بولۇپمۇ ئىتالىيە ئۇنىڭ مۇھىم ئېكسپورت نىشانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن.

لېكىن ئەنگلىيەدىكى نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «كىشىلىك ھەقلەر لاباراتورىيەسى» نىڭ يەر شارى قائىدە-تۈزۈملەر ۋە ئەمگەك ئېكسپلاتاتسىيە مەسىلىلىرى بويىچە ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئوئانا بۇركۇ، ئىتالىيەلىك پەمىدۇر ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ «ئادىل رىقابەت» ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىشكە بولسىمۇ، ئەمما «شىنجاڭ پەمىدۇرى» غا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەر بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئوئانا بۇركۇ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، ئىتالىيە پەمىدۇر ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان ‹ئادالەتسىز رىقابەت› توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. لېكىن كۆپچىلىك تىڭشىغۇچىلارغا مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي يىللاردىن بېرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ نۇرغۇن كۆپ خىل ساھەلىرىدە، جۈملىدىن پەمىدۇر تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.»

ئوئانا بۇركۇ يەنە خىتاينىڭ پەمىدۇر تەمىنلەش زەنجىرىدە مۇھىت مەسىلىسى، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت جىددىي ئەندىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم، بۇ، ئىتالىيەدەك بولمىغان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولماسلىقى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە مۇھىت، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش، شۇنداقلا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت جىددىي ئەندىشىلەر مەۋجۇت. ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا قوشۇمچە تۆۋەن مائاش، مەجبۇرىي ئەمگەك، جۈملىدىن خىتاي ‹كەسپىي تېخنىكا ئۆگىنىش مەركەزلىرى› دەپ تەرىپلەۋاتقان ئورۇنلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشىغا سېلىنىشى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا يېتىپ كېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەندىشىلەر بار. »

ھالبۇكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يىل مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى، خىتاينىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئېكسپورت قىلىشى جىددىي ئارتقانلىقى، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدىكى ئېكسپورتىنىڭ 200 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىتالىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىگىلىك تەشكىلاتى- «كولدېرىتې» نىڭ خەلقئارا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى لۇئىگى پىئو سكورداماگلىيا، «رىقابەتنىڭ ئىنتايىن ئادالەتسىز بولۇۋاتقانلىقى، چۈنكى 90 پىرسەنت خىتاي پەمىدۇرىنىڭ شىنجاڭ رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەمگەك تەننەرخىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكى» نى ئېيتقان. لۇئىگى پىئو سكورداماگلىيا يەنە «بۇنىڭ ئەخلاقى ئۆلچەم نۇقتىسىدىن، شۇنداقلا رىقابەت نۇقتىسىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ھالبۇكى، ئەنگلىيە نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «كىشىلىك ھەقلەر لابوراتورىيەسى» دىكى ئوئانا بۇركۇ، نۆۋەتتە ئىتالىيە «شىنجاڭ پەمىدۇرى» نىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئوئانا بۇركۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئاساسلىق پەمىدۇر مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچىسى. پەمىدۇر شىنجاڭنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى. بەزى سانلىق مەلۇماتلاردا، خىتاينىڭ دۇنيا پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ 90 پىرسەنتىنى كونترول قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. مانا بۇ نۇقتا ئىتالىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي ئامېرىكا بىلەن ئىتالىيەنى قوشقاندىنمۇ كۆپ پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئادەتتە، ئۇنىڭ مەھسۇلاتنىڭ كۆپ قىسمى سىرتقا سېتىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر قىسمى ئىتالىيەدە قايتا قاچىلىنىپ، باشقا دۆلەتلەرگە يوللانماقتا. »

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كونكرېت كۆلىمى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تېخىمۇ كۆلەملىشىۋاتقانلىقى، سىستېمىلىشىۋاتقانلىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىكلىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىنماقتا. ئىتالىيە «ئىستراتېگىيەلىك ئەرزىيەت قانۇن مۇلازىمىتى ئورنى» دىكى ئادۋوكات لوئىدې كامباسانو خانىم، «شىنجاڭ پەمىدۇرى» نى ئىشلەپچىقارغۇچى ھەم ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەرنىڭ ئىتالىيە ئاۋام قانۇنىغىلا ئەمەس، بەلكى ئىستېمالچىلار قانۇنىغىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىقى، شۇڭا بۇ شىركەتلەرنى ئىستېمالچىلار سوتىغا ئەرز قىلىشنىڭ يولى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. لوئىدې كامباسانو مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا، بۇ مەسىلە ئالدى بىلەن ئاۋام سوتىنىڭ مەسىلىسى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىستېمالچىلارنىڭ سوتىنىڭ مەسىلىسى. بۇ يەردە ئىشنى ئاۋام سوتىغا ئەرز قىلىپلا قالماي، قوشۇمچە ئىتالىيەدە AGCM، دەپ ئاتالغان بازار باشقۇرۇش سوتىغىمۇ ئەرز قىلىشنىڭ يولى بار. بۇ سوت ئادىل رىقابەت قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان شىركەتلەرنى جازالايدۇ. »

«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك، ئېكسپورت ئاساسىدىكى پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇ ئىستراتېگىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خەۋپسىزلىك مەسىلىسى، دەپ ھېسابلاپ، 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن كەڭ كۆلەملىك لاگېر ھەم تۈرمىلەرگە قامىشىدىكى ھالقىلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولغانلىقىنى قەيت قىلماقتا. نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتى «كىشىلىك ھەقلەر لابوراتورىيەسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى» 6-دىۋىزىيەسىگە قاراشلىق، «شىنجاڭ جوڭجى ساغلاملىق كەسپىي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «جوڭلياڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» (COFCO) قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق پەمىدۇر ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ئىكەن. ھالبۇكى، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 2023-يىلى 12-ئايدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك COFCO نىڭ قارمىقىدىكى «جوڭلياڭ قەنچىلىك شىركىتى» نى قارار تىزىملىككە كىرگۈزگەن.