ئۇيغۇر ئېلىدا مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە بەزى ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشى، تۈركىيەدىكى بەزى سىياسىي پارتىيەلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. بۇ پارتىيلەردىن بىرى تۈركىيە پارلامېنتىدا 36 پارلامېنت ئەزاسى بار بولغان «ئىيى» پارتىيەسىدىدۇر.
«ئيى» پارتىيەسى پارلامېنتقا كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. مەزكۇر پارتىيە 14 دېكابىر كۈنى «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ناملىق دوكلاتىنىڭ يورۇقلۇققا چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە ناھايىتى چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزدى. يىغىنغا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى، چەت ئەل تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلىرىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، شۇنداقلا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن لاگېر شاھىتلىرى گۇۋاھلىق بەرگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىنىڭ تەسىرلىك جايلىرى كىرىشتۈرۈلۈپ تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن يىغىن رىياسەتچىسى ئېچىلىش نۇتۇقى ئۈچۈن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.
مەرال ئاقشەنەر خانىم مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات لاگېر شاھىتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرلىرى ئاساسىدا، ئىلمىي ۋە ئوبېيكتىپ ھالدا يېزىپ چىقىلدى. بۇ دوكلات تۈركچە، ئىنگىلىزچە، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە جەمئىي تۆت تىلدا تەييارلاندى. دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدۇق.»
ئارقىدىن «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ناملىق دوكلاتنى تەييارلىغان ھۈسەيىن راشىت ئەپەندى، مەزكۇر دوكلاتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا 2016-يىلىدىن تارتىپ خەلقئارا ئاخباراتلاردا ۋە تۈركىيەدە كۆپلىگەن خەۋەر ۋە ماقالىلەر يېزىلدى. ئەمما مەن 2018-يىلى تۇنجى قېتىم جازا لاگېرىنىڭ شاھىتى بولغان گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمنىڭ ئاغزىدىن بۇ تراگېدىيەنى ئاڭلىغان ئىدىم. مەن بۇنى ئاڭلاپ بەك تەسىرلەندىم. شۇڭا بىز لاگېر شاھىتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، شۇ ئاساستا بۇ دوكلاتنى تەييارلىدۇق. بىز بۇ دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن 12 دۆلەتتىكى 53 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق. بۇ 53 نەپەر كىشىنىڭ 42 نەپىرى ئۇيغۇر، 19 نەپىرى ئايال، 6 نەپىرى بولسا جازا لاگېرى شاھىتىدۇر. 40 كىشى بولسا جازا لاگېرىغا تاشلانغان كىشىلەرنىڭ ئۇقۇق-تۇغقانلىرىدۇر. بۇلارنىڭ ئاڭلاتقانلىرىغا ئاساسلانغاندا، شۇنداقلا ب د ت دا 1948-يىلى قوبۇل قىلىنغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى› دە كۆرسىتىلگەنلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىرى دەل ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئۆزىدۇر.»
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ دوكلات تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە تۈركىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيە بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «دېموكراتىك سول» پارتىيەنىڭ رەئىسى، «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باشقا ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىغىنغا تۈركىيەدىكى كۆپ قىسىم سىياسىي پارتىيەلەر مەسئۇللىرىنىڭ قاتناشقانلىقى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈرك خەلقىنىڭمۇ دەۋاسىغا ئايلانغانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى، دېدى.
«خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ناملىق بۇ كۆپ تىللاردا تەييارلانغان. بۇ دوكلاتنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى بەزى چەت ئەل تېلېۋىزىيەلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ خەۋەر قىلىىندى. مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر دوكلاتنىڭ تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر سىياسىي پارتىيە تەرىپىدىن تەييارلانغان تۇنجى تەپسىلىي دوكلات ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.