«ئىز كارۋىنى» -ئابدۇرەھىم ئۆتكۈردىن ئۆتكۈر ئابدۇرەھىمغىچە

0:00 / 0:00

ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،

ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.

. . . . . .

توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئۇرۇق،

تاپقۇسى ھېچ بولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز، يا ئەۋرىمىز.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىدىن پارچە


خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى يوقىتىش ئۈچۈن تىنىمسىز يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرمەكتە. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يېقىندا تۈركىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدا قويۇلغان ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش ئۈچۈن بېسىلغان يەنە بىر مۇھىم قەدەم بولدى، دەپ قارىماقتا.

ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور ھۈليا قاسساپئوغلى چەنگەل خانىم تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئاۋازى قانىلىدا ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنى تونۇشتۇرۇپ ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى جىددىي بىر مەسىلە. تۈركىيەدە تېخىچە ئۇيغۇرلار تۈركمۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى تۈركچەمۇ؟ دەپ سورايدىغانلار ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ فىلىم ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇردى.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ھەققىدە فىلىم ئىشلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، كۈلتۈرى، مۇستەقىللىق ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ جەريانىدا چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى، كەلگۈسىگە بولغان قايغۇلىرىنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنى تونۇشتۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش دېگەنلىك بولىدۇ.»

ھۈليا خانىم ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنى بىلىش كېرەكلىكىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلدى: «مەندىن ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلانىڭ تىلىنى، كۈلتۈرىنى، تارىخىنى، قەدىمدىن تاكى ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى يىغىنچاق ۋە قىسقا قىلىپ چۈشەندۈرۈپ باققىن دېسە، مەن بۇ سوئالنى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ ھاياتى ئارقىلىق چۈشەندۈرىمەن. ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ شەخسىي ھاياتى، كەچۈرمىشلىرى ۋە كۈرەشلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.»

بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ سىنارىيەسىنى يازغان ياقۇپ ئۆمەر ئوغلى بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ فىلىم بەك ياقتۇرۇپ كۆرۈلدى. فىلىمنىڭ كۆرۈرمەنلىرىنى ئىككىگە ئايرىش مۇمكىن. بىرى، تۈرك تارىخى، كۈلتۈرى، ئۇيغۇر تارىخى، تىلى ۋە كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىدىغان تۈركولوگلار، جەمئىيەتشۇناسلار، تارىخشۇناسلاردۇر، بۇلار فىلىمنى بەك ياقتۇردى. ئۇلار ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتىنى، ئەسەرلىرىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ فىلىمنى كۆرۈشنى ئۇزۇندىن بۇيان تەقەززالىق بىلەن ساقلىغان ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ فىلىمنى ياقتۇرۇشى مۇقەررەر ئىدى. بىزنى خۇشال يەنە بىر نۇقتا شۇكى، بۇ خىل تېمىلارغا بەكمۇ دىققەت قىلمايدىغان ئىنژېنېر ۋە باشقا كەسىپتىكىلەرنىڭ بۇ فىلىمنى ياقتۇرۇپ كۆرگەنلىكىدۇر. ئۇلار: ‹بۇلار بىز بەك دىققەت قىلمايدىغان تېمىلار ئىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇشۇنداق بىر بۈيۈك شائىرى ۋە يازغۇچىسىنى تونۇغانلىقىمىزدىن بەكمۇ مەمنۇن بولدۇق، › دېيىشتى.»

ھۈليا خانىم ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى مۇشۇنداق ئىلمىي يوللار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىسنىڭ ئەڭ مۇھىم يوللىرىنىڭ بىرى مۇشۇنداق ئىلمىي يوللاردۇر. ئەگەردە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىققا ۋە ھۆرلۈككە ئېرىشىشىگە ياردەم قىلماقچى بولساق، بۇنىڭغا قۇرۇق شوئارلار بىلەن ياردەم قىلغىلى بولمايدۇ. ھېچ بولمىسا بىز تەتقىقاتچىلار تېخىمۇ كۆپ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىمىز بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخىنى تونۇتۇش ئارقىلىق ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز ناھايىتى كۆپ.»

ئۇيغۇر يازغۇچى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى ئەپەندى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىدا ئىپادىلىگەن تىراگېدىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «‹ئىز› شېئىرىنىڭ يېتەكلەش رولى ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرىدىكى چوڭقۇر ئىدىيە بولسا ‹ھاياتلىق ئۈچۈن ئېلىشىش كېرەك، ئۆلۈمدىن ھالقىش كېرەك، › دېگەنلەرنى يادرو قىلىدۇ.»

ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھازىر شىۋىتسىيەدە تۇرۇشلۇق نەۋرە قىزى زۇلھايات خانىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا بۇ قەدەر يېقىن بولۇشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلانىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆككەنلىكىدىن بولغان دەپ قارايدۇ. ئۇ دادىسى بىلەن قۇمۇلغا قىلغان بىر قېتىملىق سەپىرىنى ئەسلەپ، مۇنداق دەيدۇ: «دادام تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى دائىم زىيارەت قىلاتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان كىچىك خاتىرە دەپتىرىگە ھەممىنى خاتىرىلەپ ماڭاتتى. . .»

تەتقىقاتچى ئابلەت سەمەت مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۆتكۈر ئەپەندى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلاردا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان، لېكىن ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئەمەس، بەلكى خەلقىنىڭ ھاياتى، كەچۈرمىشلىرى ھەم ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.»

ھۈليا خانىم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «يۇرتۇم قالدى» شېئىرىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا كەڭسۇغا ئېلىپ مېڭىلغان خوتەنلىك قىزنىڭ ئاغزىدىن يېزىلغان بۇ شېئىر ھازىرقى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ.»

ھۈليا خانىم زىيارىتىمىز ئەسناسىدا يىغا ئارىلاش بۇ شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

غازى ئۇنىۋېرسىتېتى قەدىمكى تۈرك تىلى بۆلۈمىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى مەخمۇتجان ياسىن مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى. ئۇ 2015-يىلى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 20-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئاساسلىق ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «‹ئىز› شېئىرىدا ئېيتىلغان نەۋرىلەر مۇشۇ دەۋرىمىز ياشلىرىدۇر. ياشلار مىللىي مۇستەقىللىق يولىدا ئۆزىمىزنىڭ زىممىمىزگە چۈشكەن ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا يادلاتقۇزىدىغان ئەڭ مۇھىم شېئىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ھەتتا بۇ شېئىرنى ھۆسنخەت بىلەن يېزىپ ئۆيلىرىگە ئېسىپ قويىدىكەن.

نورۋېگىيەدە تۇرۇشلۇق گۈلنار ئىمام خانىم تۇنجى ئوغلىغا «ئۆتكۈر» دەپ ئىسىم قويغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، يولدىشىنىڭ ئىسمى ئابدۇرەھىم بولۇپ، «ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر» ئەپەندىنىڭ ئىزىدىن مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئوغلىغا «ئۆتكۈر» دەپ ئىسىم قويغان ئىكەن.

بىز ئۆتكۈر ئابدۇرەھىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندى ھەققىدە پاراڭلاشتۇق. بۇ يىل 10 ياشقا كىرگەن كىچىك ئۆتكۈر راستىنلا بەك ئەقىللىق، زېرەك چوڭ بولۇپتۇ. ئۇ بىزگە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنى شۇنداق جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. ھەتتا ئۇ «ئابدۇرەھىم دادام يازغان نەۋرە-ئەۋرىلەر دەل بۈگۈنكى بىز بالىلارمىز،» دېدى.

ئاخىرىدا بىز زىيارەتچىلىرىمىزدىن ئوخشاش بىر سوئال سورىدۇق: «ئەگەر ھازىر ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ھايات بولۇپ، ئۇدۇلىڭىزدا ئولتۇرغان بولسا، سىز ئۇنىڭغا نېمىلەرنى دەيتتىڭىز؟»

ئۇلار ھاياجانلاندى، كۆز يېشى قىلدى. جىمىپ كەتتى. . .

ياقۇپ ئۆمەر ئوغلى ئۇزۇن جىمجىتلىقتىن كىيىن مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭغا بولغان ھەيرانلىقىمنى، رەھمىتىمنى بىلدۈرەتتىم. ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئېلىپ بارغان ئىجادىيەت ھاياتى ئۇلۇغ بىر ھايات. يەنە شۇنى دەيتتىم: ‹ئەنسىرىمەڭ، ئەۋلادلار بۇ ئىزنى بويلاپ ماڭىدۇ. سىز ماڭغان ئىزنى بويلاپ ماڭىدىغان ئەۋلادلار چوقۇم يېتىشىپ چىقىدۇ›. ئۇ ئۆز خەلقىگە ئىشەنگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا يەنە: ‹ئىشەنچىڭىزنى يوقاتماڭ، بۇ مىللەت بۇ ئىزنى يوقىتىپ قويمايدۇ، › دەيتتىم.»

مەمتىمىن ئەلا، ئابلەت سەمەت، مەھمۇتجان ياسىن ۋە كىچىك ئۆتكۈرلەر ياقۇپ ئۆمەر ئوغلى ئېيتقاندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىزنى يوقىتىپ قويمايدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

ھۈليا خانىم دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە يازغان بولۇپ، ئۇ ئۆز دەۋرىدە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر بىلەن مەكتۇبلاشقان ئىكەن. ئۇ بۇ سوئالنى ئاڭلاپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۆتكۈر ئەپەندى ياشىغان بولسا، ئۇنى كۆرسەم، ئۇنى دادامنى قۇچاقلىغاندەك چىڭ قۇچاقلايتتىم. مەن دادامدىن بەك جىق نەرسە ئۆگەندىم. مەن ئىنسانلارنى ياخشى كۆرۈشنى، كۈلۈشنى ئۆگەندىم، ئەگەر ئائىلەمدىن ئالغان بۇ ھاياجاننى داۋام قىلىشقا كىم ياردەم قىلدى دېيىلسە، مەن ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندى دەيمەن. مەن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ھاياتقا، كۈرەشكە بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ ئاشتى. ئۇ مېنىڭ تەتقىقاتىمغا، مەنىۋى ھاياتىمغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى قاتتى. ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن.»