رۇسىيەلىك سىياسەتچىنىڭ يەر توغرىلىق پىكرى ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا جاڭجال چىقاردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.12.15
رۇسىيەلىك سىياسەتچىنىڭ يەر توغرىلىق پىكرى ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا جاڭجال چىقاردى ئىشتىراكچىلار مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلەش يىغىلىشىدا مۇستەقىللىق ئابىدىسى يېنىدا دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرگەن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 16-دېكابىر، ئالمۇتا، قازاقىستان.
REUTERS

يېقىندىن بۇيان قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا رۇسىيەلىك دۆلەت ۋە سىياسەت ئەربابى، تارىخچى ۋە سىياسەتشۇناس، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت دۇماسىنىڭ ئەزاسى ۋياچېسلاۋ نىكونوفنىڭ «قازاقىستان تېررىتورىيەسى رۇسىيە تەرىپىدىن قىلىنغان چوڭ سوۋغا» دېگەن پىكرى ئەتراپىدا بەس-مۇنازىرە كۈچەيدى.

قازاقىستاننىڭ «سپۇتنىك»، «365 ئىنفو كز»، «مەركىزي ئاسىيا»، «تېنگرىنيۇس»، «ئاباي كز»، «زاكون كز» قاتارلىق رۇس ۋە قازاق تىللىق ئاگېنتلىقلىرىدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت دۇماسىنىڭ بىلىم ۋە ئىلىم بويىچە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋياچېسلاۋ نىكونوفنىڭ رۇسىيە بىرىنچى قانىلىدا چىققان «چوڭ ئويۇن» پروگراممىسىدا سۆزگە چىققان. ئۇنىڭ قازاقىستان تېررىتورىيەسىگە ئائىت قىلغان پىكىرلىرى بىر قاتار رۇسىيەلىك، قازاقىستانلىق دۆلەت ئەربابلىرى ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ، زىيالىيلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىغان.

«تېنگرىنيۇس» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قۇلمۇھەممەتلەر نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ. قازاقىستاندا رۇسىيەلىك ئەزا نىكونوفنىڭ سۆزلىرىدىن ۋاڭ-چۇڭ چىقماقتا» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ۋياچېسلاۋ نىكونوف ئىلگىرى «ئىلگىرى قازاقىستان بولمىغان. شىمالىي قازاقىستاندا قازاقلار ئولتۇراقلاشمىغان. ئۇلار خېلى تۆۋەندە ياشىغان. قازاقىستان تېررىتورىيەسى رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قىلىنغان چوڭ سوۋغات،» دېگەن سۆزلەرنى قىلغانىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى مارات سىدىقوف بۇ سۆزلەرگە ھاڭ-تاڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ۋاقىتلىق ئىشەنچلىك ۋەكىلى ئالېكساندىر كوماروفقا نوتا تاپشۇرغاندى. ئۇ بەزى رۇسىيەلىك سىياسەتچىلەرنىڭ قازاقىستانغا قارىتا قىلىۋاتقان مۇنداق ئىغۋالىرىنىڭ ئىككى مەملىكەت مۇناسىۋەتلىرىگە چوڭ زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. قازاقىستان سېناتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، مۇداپىيە ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇختار قۇلمۇھەممەتمۇ نىكونوفنىڭ سۆزلىرىگە ئۆزىنىڭ قەتىئىي قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن.

«سپۇتنىك» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن «رۇسىيەلىك سىياسەتچى قازاقىستان تېررىتورىيەسى ھەققىدە سۆزلىرىنى چۈشەندۈردى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، جاڭجال چىققاندىن كېيىن ۋياچېسلاۋ نىكونوف ئۆزىنىڭ «تېلېگرام» قانىلىدا ئىلگىرى ئېيتقان سۆزلىرىگە چۈشەندۈرۈش بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاشقا تىرىشقانكەن.

رۇسىيەلىك سىياسەتچى نىكونوفنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا ئېلان قىلىنغان ماقالىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ جاۋابكار خادىملىرىنىڭ بىرى ۋىكتور ۋودولادسكىي رۇسىيەنىڭ قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ھەم ئۇنىڭ ھازىرقى چېگرالىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن دوستانە مەملىكەت بولۇپ، ئۆز ئارا كۆپلىگەن شەرتنامىلەرنىڭ، كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيەدە تونۇلغان تارىخچى، پروفېسسور ۋىكتور كوزودوي، سىياسەتشۇناس ئاركادىي دۇبنوف، شۇنداقلا قازاقىستانلىق تىلشۇناس ئالىم يېردېن قاجىبېك، تارىخچى زىيابېك كابۇلدىنوف ۋە باشقىلار نىكونوفنىڭ سۆزلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

قازاق تىللىق تورلارنىڭ بىرى «ئاباي كز» تا ئېلان قىلىنغان ئەبىل-سېرىك ئەلىئاكبارنىڭ «سايلامغا چۈشىدىغان پارتىيەلەر نىكونوفقا نېمە دەيدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە تونۇلغان قازاق سىياسەتشۇناسى ئايدوس سارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «قازاقلارغا ھېچ كىم، ھېچ قاچان بىر غېرىچ يېرىنى سوغا قىلغان ئەمەس. مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قازاقىستاننىڭ بۈگۈنكى تېررىتورىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە يەر-ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قانچىلىغان ئەسىرلەر مابەينىدە قېنى ۋە تەرىنى تۆكۈپ ساھىبلىق قىلىۋاتقان مۇقەددەس تۇپرىقىدۇر. . .»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس ئاندرېي چېبوتاريوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «نىكونوف قازاقىستانغا ۋە بىزنىڭ تېررىتورىيەلىك پۈتۈنلىكىمىزگە قارىتا مۇنداق دۈشمەنلىك پىكىرلەرنى قىلىۋاتقان بىرىنچى ئادەم ئەمەس. جىرىنوۋسكىي، مەرھۇم ئېدۇئارد لىمونوف، ۋلادىمىر سولوۋيوف ۋە باشقىمۇ رۇسىيەلىك ژورنالىستلار، جەمئىيەت ئەرباپلىرى ئەنە شۇنداق مەزمۇندا بىلدۈرۈشلەرنى قىلىپ كەلگەندى. بىزنىڭ كەڭ جامائەتچىلىك ئارىسىدىمۇ ئۇكرائىنا، دونباس، قىرىملاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك سەلبىي كۆزقاراشلار بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستان جامائەتچىلىكىنىڭ بەلگىلىك بىر قىسمىدا ئەنە شۇ يەرلەردە بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ قازاقىستاندا، شۇ جۈملىدىن رۇس ئاھالىسى جيلاشقان رايونلاردا تەكرارلىنىشىدىن ئەنسىرەشلەرمۇ بار. ئەمدى نىكونوفنىڭ پىكىرلىرى ئىككى مۇھىم ۋەقەگە توغرا كېلىپ قالغان. بىرىنچىسى، قازاقىستان ئەتە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشانلايدۇ. كېيىنكى يىلى بولسا، 30 يىللىقىنى نىشانلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نىكونوفنىڭ سۆزلىرى پەقەت جامائەتچىلىكنىڭلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئىككىنچىدىن، بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ياۋروئاسىيا ئالىي ئىقتىسادىي كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىكى مەجلىسى بولۇپ ئۆتۈپ، 2021-يىلى ئۇنىڭغا رەئىسلىك قىلىش ھوقۇقى قازاقىستانغا بېرىلگەندى. قازاقىستان ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق مۇھىم ۋەقەلەر ئالدىدا نىكونوفنىڭ قىلغان بۇ پىكىرلىرى كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.»

ئاندرېي چېبوتاريوف نىكونوف ئوخشاش ئادەملەرنىڭ قىلغان بىلدۈرۈشلىرىنىڭ ھېچ بىر مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بارلىقىنىڭ سۈنئىي كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ رەسمىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇنداق ئىغۋالارغا ئەگەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىياسەتشۇناس دوس كۆشىم ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، مۇنداق ئىغۋالارغا دائىم قازاقىستاننىڭ رەسمىي ۋەكىللىرىنىڭ ۋاقتىدا جاۋاب بېرىشى بەك مۇھىمكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزدە تېخىلا مۇشۇ يوق. راست، بىزنىڭ سىياسەتشۇناسلار، جەمئىيەت ئەرباپلىرى ئۆزلىرىنىڭ رەنجىشلىرىنى ئېيتىدۇ. ئەمما دۆلەت تەرىپىدىن مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئېنىق بىر قەتئىيلىكنى كۆرمىدىم. پەقەت نوتا تاپشۇرۇش بار. جىرىنوۋسكىي، نىكونوف ئېيتقاندىن باشلاپ ئۇلارنى توختىتىدىغان ھېچ كىم يوق. ئىككىنچىدىن، رۇسىيە بۇنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. سەۋەبى پۇتىن ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان ئۇلاردا ئىمپېرىيەلىك كېڭەيمىچىلىك پەيدا بولدى. بۇ ۋەقە ئەنە شۇنىڭ يارقىن بىر كۆرۈنۈشى. بۇ رۇسىيەنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىتى. ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ قول ئاستىدا مۇستەملىكە بولغان قوشنىلىرىنىڭ يەرلىرىگە كۆز تاشلىشى. ئۇكرائىنادىكى، پرېدنېستروۋىئېدىكى، گرۇزىيەدىكى ئەھۋالنى ئېسىمىزغا ئالساق، ئېنىق بىر ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىشقا كىرىشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستانمۇ بۇنىڭدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ. بۇ چوڭ خەۋپ.»

دوس كۆشىم ھازىر دۆلەت ئۈستىدە تۇرغان رەھبەرلەرنىڭ تېخىلا رۇسىيە تەسىرىدىن چىقالمايۋاتقانلىقىنى، ئەينى چاغلاردا رۇسىيەنىڭ باشقا خەلقلەرنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىنى ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ ھازىر ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.