6-ئىيۇلدىن باشلاپ ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم «قىزىق نۇقتا» بولۇۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى مالىيە مىنىستىرى جەنېت يېللېن (Janet L. Yellen) نىڭ بېيجىڭ زىيارىتى بولدى. بولۇپمۇ 2021-يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش ئالدىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا جەنېت خانىم خىتاي ھەققىدە تولىمۇ كەسكىن ئاھاڭدا سۆز قىلغان ھەمدە ئېنىق قىلىپ «ھازىرقى كۈندە خىتاي بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتچى بولۇپ قالدى. بىز ئۇلارنىڭ تەڭسىز ۋە قانۇنسىز خاراكتېردىكى قىلمىشلىرىنى، شۇنىڭدەك بۇلارنىڭ ئامېرىكا خەلقى ۋە ئامېرىكا ئىشچىلىرىغا ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرىنى كۆرمەكتىمىز» دېگەن ئىدى.
«دۈشمەن بىلەن دوستلۇق ئورناتقىلى بولمايدۇ! »
6-ئىيۇل كۈنى جەنېت يېللېن بېيجىڭغا يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭلا خىتاي ھەققىدە شۇنچە قاتتىق مەيدانىنى ئىپادىلىگەن بۇ شەخسنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ نېمىلەرنى كۆزلىگەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرمۇ ھەرقايسى ئاخباراتلاردىن يەر ئېلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مۇھاكىمە ۋە مۇزاكىرىگە دەۋەت قىلىشنى باش ۋەزىپە قىلغانلىقى كۆپلەپ ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم جەنېت خانىم ئىقتىسادىي ساھەدە ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ھەمدە دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئەڭ ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە يوللىرىنىڭ ئېچىلىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى نىشان قىلغان. بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندىنىڭ خىتاي زىيارىتىگە ئۇلىشىپلا ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. چۈنكى نۆۋەتتە نۇرغۇن كىشىلەر بىلىنكېننىڭ خىتاي سەپىرىنى نۆل نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتى، دەپ قاراۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مەسىلە سۆھبىتى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆزنىڭ بولمىغانلىقى بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب بولۇپ قالغان. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا دەل مۇشۇ خىلدىكى ھەربىي سۆھبەت ئەمەلگە ئاشمىغانلىقتىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغان. بۇ مەسىلە ھەققىدە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا خەلقىگە قارىتا دۈشمەنلىك كۆزىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقاندا ئۇلار بىلەن دوستانە ئالاقە ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ تولىمۇ ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىق بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا ھالدا ‹ئامېرىكىغا قارشى خەلق ئۇرۇشى› قىلىش ھەققىدە جار سېلىۋاتىدۇ. گەرچە ئامېرىكىلىقلار ھازىر خىتايلار تىلغا ئېلىۋاتقان بىزگە ئائىت بۇ خىل سۆزلەرگە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولساقمۇ، بۇ سۆزلەر خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن بەكمۇ زور مەنىلەرگە ئىگە. چۈنكى بۇنىڭ مەنىسى ئۆز-ئۆزىدىن چىقىپ تۇرىدۇ. دېمەك، ئۇلار ھازىر بىزنى ئاشكارا ھالدا ‹دۈشمەن› دەپ جاكارلاۋاتىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن بىز قانداق قىلىپ بىزنى ‹دۈشمەن› دەپ ئاتاۋاتقان ھەمدە بىزنى يوقاتماقچى بولۇۋاتقان بىر ھاكىمىيەت بىلەن دوستلۇق رىشتىسى ئورنىتالايمىز؟ بۇ ئەمەلىيەتتە شۇنچە ئاددىي بىر مەسىلە. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىستراتېگىيە ۋە ئەخلاق جەھەتتىنمۇ خاتا. چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىر ‹ئاز سانلىق مىللەت› دەپ ئاتىلىۋاتقان خەلقلەرگە قارىتا قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار تاجسىمان ۋىرۇسىنى قەستەن خىتاي چېگراسىنىڭ سىرتىغا تارقىتىپ يەتتە مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بۇلاردىن بىر مىليون يۈز مىڭ كىشى ئامېرىكا پۇقرالىرىدۇر. بىزنىڭ خەلقىمىزنى ئۆلتۈرگەن بىر ھاكىمىيەت بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى قۇرىمەن، دېيىش شۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ زور بىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.»
«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 6-ئىيۇلدىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جەنېت يېللېننىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى خىتاي ھۆكۈمىتى 2023-يىلى 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش» نامىدا گالىلېي (gallium) ۋە گېرمانىي (germanium) رۇدىسىغا قارىتىلغان ئېكسپورت چەكلىمىسىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھال «قوش خەنجەر ھۇجۇمى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇنى بەس-بەستە «ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ ئەجەللىك يېرىگە ئۇرۇلغان زەربە» دەپ كۆككە كۆتۈرگەن. ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىدە خىتاينىڭ دۇنيا گالىلېي رۇدىسىنىڭ 94 پىرسەنتىنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك (chip) ۋە باشقا يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق ماتېرىيال مەنبەسى بولغان بۇ رۇدىلار بىلەن تەمىنلىمەسلىك ئامېرىكا ئۈچۈن ئېغىر زىيان بولىدىغانلىقى ئاساس قىلىنغان. ئەمما ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى «رۇدا خام ئەشياسىنى سىياسىي قورال قىلىۋېلىش ئۇرۇنۇشى» ماھىيەتتە دۇنياغا ئۆزىنى كۆرسىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ھال جەنېت يېللېننى قورقۇتقۇدەك ئەھۋالمۇ ئەمەس. چۈنكى خىتاي 2010-يىلى سېنكاكو ئارىلى مەسىلىسىدە ياپونىيە بىلەن غىژىلدىشىپ قالغاندا بۇ خىلدىكى «مىنېرال ماددىلار قارتى» نى بىر قېتىم ئوينىغان.نەتىجىدە غەرب دۇنياسى تېخىمۇ كۆپ «كەم تېپىلىدىغان مىنېرال ماددىلار» نى قېزىپ چىقىپ، بۇ خىلدىكى رۇدىلاردا خىتايغا تايىنىپ قېلىشقا خاتىمە بەرگەن. شۇنداق بولغانلىقتىن نۆۋەتتىكى «مىنېرال ماددىلار قەرتى» دىمۇ ئوخشاش نەتىجىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇقەررەر.
ئاستىن-ئۈستۈن بولۇۋاتقان پايدا-زىيان مەسىلىسى
«نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، جەنېت خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىنىڭ مەقسىتى ھېلىھەم قاراڭغۇ. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى ئىزچىل بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان ئالاقە يوللىرى ئۈچۈن «ئىجابىي ساقچى» رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق قارىشىچە ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايدىن ئاجرىلىپ چىقىش يولىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇش ئامېرىكا ئۈچۈن بىر ئاپەت، دەپ قارىلىدۇ. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس (William Burns) مۇ «خىتايدىن ئاجرىلىپ چىقىش بىز ئۈچۈن بىر ئەخمىقانە تاللاش بولىدۇ» دېگەن. ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى «ئايرىلىپ چىقىش» تا دەرۋەقە ئامېرىكا ئۈچۈن بىر قاتار ئىقتىسادىي زىيانلار بەش قولدەك كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭدا ھەممىدىنمۇ بەكرەك زىياننىڭ چوڭىنى تارتىدىغىنى يەنىلا خىتاي بولىدۇ. ناۋادا بۇ ھال ئەمەلگە ئاشسا شۈبھىسىزكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تاجسىمان ۋىرۇسى مەزگىلىدىكى سەۋىيەدىنمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. چۈنكى خىتايغا ھازىر ئەڭ زۆرۈر بولۇۋاتقىنى چەتئەل مەبلىغى ۋە غەربنىڭ پەن-تېخنىكىسىدۇر. تېخىمۇ مۇھىمى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن ئارىلىدا خىتاينىڭ بولغۇسى تاجاۋۇزىغا قارشى تەييارلىق ئىشلىرىدا بولۇشىمۇ (گەرچە بۇ تولىمۇ ئاستا سۈرئەتتە ۋە كۆلەمدە بولۇۋاتسىمۇ) خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ كۆرۈشنى خالىمايدىغان مەنزىرىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا گوردون چاڭ مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە جەنېت يېللېننىڭ بېيجىڭغا بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتتە بولۇشقا ئىنتىلىشىنى بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. (ئاۋاز)
«بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەت يولىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىدا بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن قىياپەتتە ئىش كۆرۈپ، بۇ سۆھبەت يولىنى كېسىپ تاشلىماقچى ھەمدە شۇ ئارقىلىق بايدىن ھۆكۈمىتىنى قورقۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بايدىن بولسا مۇشۇنداق بىر ھۆل خىشقا دەسسەپ خىتاي بىلەن بولىدىغان ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بىز ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. شۇ سەۋەبتىن ھازىر بەزىلەر بۇ ئۇسۇلنى قايتا قوللىنىشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، بىز دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدىكىدىن مۇتلەق پەرقلىق بولغان بىر ھالەتتە تۇرماقتا. شۇڭا بايدىن ھۆكۈمىتى تېخى 20 كۈننىڭ ئالدىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننى بېيجىڭغا ئەۋەتىپ بۇ مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولدى. ئەمما ئۇ مەغلۇبىيەت بىلەن قايتىپ كەلدى. ھازىر جەنېت يېللېننى ئەۋەتىپ بۇ مەسىلىنى ئوڭشىماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر جەنېت بۇ قېتىم مەغلۇپ بولسا ئامېرىكا بەلكىم سودا مىنىستىرى جىنا رايموندو (Gina Raimondo) نى ئەۋەتىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئۇسۇل زادىلا ئاقمايدۇ. چۈنكى خىتاي ئاللىقاچان ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا قارشى بولغان دۈشمەنلىك غەرىزىدىكى خەتەرلىك پائالىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار ئالدى بىلەن بىزگە ۋەكىل ئەۋەتىپ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئوڭشاشقا تىرىشىشى لازىم ئىدى. ئەپسۇسكى ھازىر بىز بېيجىڭغا ۋەكىل ئەۋەتىپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئوڭشاشقا تىرىشىۋاتىمىز. خىتاي شۈبھىسىزكى بۇ ھالنى ‹ئامېرىكا ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا بېقىندى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىۋاتىدۇ› دەپ چۈشىنىۋالىدۇ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، بۇ پەقەتلا ئاقمايدىغان بىر چارە.»
«ۋال سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان بىر نۇقتا شۇ بولغانكى، ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئومۇمىي رېئاللىقنى نەزەرگە ئالغان ھالدا خىتاي بىلەن سۆزلىشىشكە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئەمما بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنچە پايپاسلاپ سۆھبەتكە ئالدىراپ كېتىشىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. چۈنكى ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا جوۋ بايدىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ رەسمىي يوسۇندا ئۇچرىشىشى يېقىن كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن. يەنە كېلىپ بايدىن ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان خىتاينىڭ 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋارلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇش چارىسىنى «يۇمشىتىپ باققان» بولسىمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىستىمالچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش قىلمىشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى توختاتمىغۇچە ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېتىبار بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
قاراڭغۇ كەلگۈسىدىكى جىددىيلىك
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئاسىيا جەمئىيىتى سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋېندى كاتلېر (Wendy Cutler) بۇ مەسىلە ھەققىدە ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «جەنېت يېللېننىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدىن بىرەر نەتىجە كۈتۈشكە تېخى كۆپ بالدۇرلۇق قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇزۇلغان مۇناسىۋەتنى ئوڭشىيالىغۇدەك دەرىجىدىكى شەخس ئەمەس» دەيدۇ. خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرىدىن كېن روگوف (Ken Rogoff) بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جوۋ بايدىننى «سەلبىي ساقچى» غا، جەنېت يېللېننى «ئىجابىي ساقچى» غا ئوخشىتىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇ قېتىم جەنېت خانىم بېيجىڭغا بېرىپ «توختاڭلار، بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا سۆزلەشكىلى بولىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. ئاۋۋال شۇنىڭغا قارايلى» دېيىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما بۇنىڭلىق بىلەنلا جەنېت خانىمنى خىتايغا قارىتا بىراقلا «يۇمشاپ كېتىدۇ» دەپ قاراشنىڭمۇ ئورنى يوق ئىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى نۆۋەتتە كېيىنكى نۆۋەتلىك ئامېرىكا سايلىمى يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقتىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى تۈگىتىش ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ. ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېرىك خارۋىت (Eric Harwit) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئەگەر 2024-يىلىدا جوۋ بايدىن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنى تەشكىللىسە ئۇ ھالدا ترامپ دەۋرىدىكى سودا ئۇرۇشى تەدبىرلىرى كۆپلەپ ئەمەلدىن قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر دونالد ترامپ ئاق سارايغا كىرسە بۇ ھالدا پۈتۈنلەي باشقىچە مەنزىرە بارلىققا كېلىدۇ» دەيدۇ.
دەرۋەقە جەنېت خانىمنىڭ بېيجىڭ سەپىرىدە تېزدىن پەرەز قىلىنغان نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىققانلىقى مەلۇم. 7-ئىيۇل كۈنى ئۇ خىتايدا سودا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئامېرىكا سودا گىگانتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە «مەن خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايدا دۇچ كېلىۋاتقان جازا خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى، شۇنىڭدەك خىتاي بازىرىنى ئۇلارغا چەكلەپ قويۇش ھادىسىسىنى تىلغا ئالدىم» دېدى. جەنېت خانىمنىڭ بۇ خىلدىكى تەڭسىز مۇئامىلىنى كەسكىن تەنقىدلىشى تېزدىن خىتاي مىقياسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى. ئەمما ئۇنىڭ خۇلاسە ئورنىدا ئېيتقان «دۇنيادىكى ئىككى زور ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ بىر-بىرىدىن ئاجرىلىشى شۈبھىسىزكى دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ھازىرقى ئەھۋالدا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزلىرى نۆۋەتتىكى سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
