ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئىشلىگەن «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق بەدىئىي ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىشكە باشلىدى
2019.04.30

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈننىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلىك ئاساسىدا يازغان ۋە ئۆزى سېنارىيەلەشتۈرۈپ، ئىشلەنگەن «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق بەدىئىي ھۆججەتلىك فىلىم 2019-يىلى 26-ئاپرېل كۈنى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا «كۈنتەرتىپتىكى ۋەقەلەر: ئۇيغۇرلارنى قوللاش كۈنى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا كۆرسىتىلدى. بۇ، مەزكۇر فىلىم روياپقا چىققاندىن كېيىن رەسمىي قويۇلۇشى بولۇپ، مەزكۇر فىلىم لوندوندىكى چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى فىلىم فېستىۋاللىرىدا ۋە كىنوخانىلاردا قويۇلىدىكەن.
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا 2019 يىلى 26-ئاپرېل كۈنى، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلارنىڭ قاتنىشىشىدا «ئۇيغۇرلارنى قوللاش» نامىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىن يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقان ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بولۇش، بولۇپمۇ لاگېرلارغا قامالغان مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، جۈملىدىن تۇتقۇن قىلىنغان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىنى ھىمايە قىلىش، دۇنيا جامائىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رايوندىكى لاگېرلارنى دەرھال تاقاشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىش مەقسەتلىرىدە ئېچىلغان. بۇ يىغىن ئوخشاش بىر كۈندە دۇنيادىكى ئون نەچچە نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تەڭ ئۆتكۈزۈلگەن.
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنى قوللاش كۈنى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناس ئالىملار ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلاتلار بەرگەندىن سىرت، يىغىن كۈن تەرتىپىدىكى يارقىن نۇقتىنىڭ يەنە بىرى «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ناملىق بەدىئىي ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىشىدۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلارنى قۇرۇپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى بۇ جازا لاگېرلىرىغا قاماشقا باشلىغان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان بارلىق تېلېفون ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ، ھازىرغا قەدەر ئۇلار چوڭقۇر ھىجران ئازابى ۋە زور ئەندىشىلەر ئىچىدە ياشىماقتا.
مەزكۇر فىلىم، دەل خىتاينىڭ مۇشۇ خىل سىياسەتلىرى سەۋەبلىك ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈۋېتىلگەن، لوندوندا 20 يىلدىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئۆز كەچمىشلىرى، راست ۋەقەلىكلەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن بەدىئىي ھۆججەتلىك فىلىم بولۇپ، مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىشى قاتارلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىۋاتقان قىلمىشلىرى ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار چېكىۋاتقان تۈرلۈك روھىي بېسىم ۋە ئازابلىرى بۈگۈنكى ئۇيغۇر تراگېدىيەسىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا جانلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.
فىلىمدا بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيادا بىر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىۋاتقان چەكتىن ئاشقان سىياسەتلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان روھىي ئازابلىرى ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم بىر يېزىدا ياشايدىغان ياشانغان ئانىسى بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلىشىش جەريانلىرى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە بىلدۈرۈلىدۇ.
فىلىمدىكى ئانا ئوبرازى، ياشانغاندا باققۇچىسى يوق، يېڭىدىن مۇسىبەتلىك بولغان يالغۇز ئانا، ئۇ ساقچىلارنىڭ تەھدىتى بىلەن لوندوندىكى ئوغلىدىن كەلگەن تېلېفوننى جاۋابسىز قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. فىلىمدا بۇ ئانا، ئازابلىرى، كۆزلىرىدىن ئاققان ئىسسىق ياشلىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئۇيغۇرلارغا ئىنسانلىق مېھرى-مۇھەببىتى كۆرسىتىشكە چاقىرىدۇ ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ.
فىلىمدا يەنە، باش پېرسوناژ ئەزىز ئەپەندىنىڭ لوندوندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىككى قىزى مەكتەپتە «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن زېمىننى، قىسقىسى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، مىللىي ۋە دۆلەت كىملىكىنى ساۋاقداشلىرى ۋە ئۇستازلىرىغا چۈشەندۈرۈشتە يولۇققان ئەنسىرەشلىرى بايان قىلىنىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ زېمىننىڭ ھېچ بىر زامان شۇ ۋەتەننىڭ پەرزەنتلىرى تەرىپىدىن ئۇنتۇلمايدىغانلىقى، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئاشۇ ۋەتەننى قۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھازىر ئىكەنلىكىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەكتە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا بولغان قەتئىي ئۈمىدى، جاسارىتى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى ئوبرازلىق ئىپادىلىنىدۇ.
مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ سىنارىستى، فىلىم ئىشلىگۈچىسى ۋە باش رول ئالغۇچىسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فىلىمدا ۋەتىنىدىكى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىلىرى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلىشىدىن ئىبارەت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئومۇميۈزلۈك دۇچ كەلگەن رېئاللىق ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىش ئارقىلىق، ۋەتىنىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇساپىرلىق ھاياتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى بىلەن غەرب خەلقلىرىنىڭ ئەركىن ھاياتى ئېكران سەنئىتىدە بەدىئىي ئۇسۇل بىلەن روشەن سېلىشتۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەزىز ئەپەندى: ئۆزىنىڭ كەچمىشى ۋە ئىچكى ھېسسىياتلىرى فىلىملاشتۇرۇلغان بۇ ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرى، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەنكى يېرىم ئەسىرلىك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كەچمىشلىرى فىلىمنىڭ باش رولىنى ئالغان ئانىنىڭ ھايات ھېكايىسى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىدە» دەيدۇ.
20 نەچچە يىلدىن بۇيان لوندوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەخمەت ئەپەندى، فىلىمدا ئىپادىلەنگەنلەرنىڭ گەرچە ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ ھېكايىسى بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى يورۇتۇپ بېرىلگەن بولغاچقا، بۇ ۋەقەلىكنى خۇددى ئۆزىنىڭ ھېكايىسىدەك ھېس قىلغانلىقىنى، فىلىمنىڭ تەسىرلىك بولۇش بىلەن تەڭ ئىنتايىن سۈپەتلىك ئىشلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنى قوللاش» نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» فىلىمنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر ستۇدېنت فىلىمنىڭ ئۆزىگە بەكمۇ چوڭقۇر تەسىر قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن فىلىمنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن بەكمۇ تەسىرلەندىم، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەرنى ھەر خىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كۆپ كۆرۈۋاتقان بولساممۇ بۇ فىلىمدەك چوڭقۇر تەسىر قىلمىغان ئىدى. چۈنكى، ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ كۆرۈش ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىش ئىمكانىيىتى يوق بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، بۇ فىلىمدا بىر شەخسنىڭ سەرگۈزەشتى ۋە ئىچكى ھېسسىياتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ بەكمۇ ئوبرازلىق ۋە جانلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن بولغاچقا، مەزكۇر فىلىم ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە ئازابلىرىنى باشقىلارغا ئاسان ھېس قىلدۇرالايدىكەن. بۇ فىلىمنى بولۇپمۇ خىتايلارنىڭمۇ كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن».
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنى قوللاش» نامىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دوكلات بەرگەن تەتقىقاتچىلاردىن لوندون كىڭىس ئىنستىتۇتىدىكى قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق پروفېسسورى ئىۋا پىلس خانىم، ئۆزىنىڭ «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» بەدىئىي ھۆججەتلىك فىلىمدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: «بىر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللاش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇشۇمغا، مەڭگۈلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ۋە بەرگەن قۇربانلىرىدىن تەسىرلەنگىنىم سەۋەب بولغان ئىدى. ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتە تۇرغان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ماڭا ئوخشاش تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇرچى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسەتلىرى ۋە ۋەزىيەت ھەققىدە كىشىلەرنى ئېزىقتۇرىدىغان تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئەزىز ئەيسا ئەپەندىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىشلەنگەن مۇشۇنداق فىلىملار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە يولۇقۇۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقىنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن يورۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ، باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكىنى تونۇشىغا زور ياردىمى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن».
ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «مەن 2016-يىلى نويابىردا ئاتامنىڭ سەكراتتا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم، شۇنىڭ بىلەن لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ۋىزىسى بېرىشنى تەلەپ قىلدىم، بىراق مېنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىم رەت قىلىندى. مەن بۇ راست بولغان ھېكايىنى 2017-يىلى 4-ئاۋغۇست يېزىپ، ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى دوستلىرىم ئارقىلىق قەدىردان ئاتامنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. مەن بۇ كىچىككىنە ئائىلىنىڭ يالغۇز پەرزەنتى بولغىنىم ئۈچۈن، بۇ كۈتۈلمىگەن مۇسىبەت ماڭا تاشتىن قاتتىق كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىن بۈگۈنگىچە ياشىنىپ قالغان، يېنىدا ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق يالغۇز ئاپامنىڭ ھايات ياكى تىرىك ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، 2018-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئالدىدىن پەرەز قىلىش مۈشكۈل بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي ۋەزىيەت تېخىمۇ يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. خەۋەرلەردىن ئاشكارا بولدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان يېڭىچە تۈرمە-ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىغا قامالدى. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئالاقىلىرى ئۈزۈۋېتىلدى. ‹قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدىكى ناچار شارائىت، قىيناش ۋە روھى ئازابلار سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ ئىنسانلار ئۆلۈپ كەتتى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ لاگېرلارغا بېرىپ ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئىگىلىشى چەكلەندى. ئەپسۇس، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارتا ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ جىنايەتلەرگە دۇنيا سۈكۈتتە تۇردى. بۈگۈن ئۇيغۇرلار ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا ھەر دەقىقىدە ئىنسانلىق مۇھەببىتىگە ئىنتىلىۋاتقان مىليونلىغان جانلارنىڭ كۆزىدىن ياش قان بولۇپ ئاقماقتا ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيادىن ئىنسانلىق تەلەپ قىلىدۇ».
ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يازغان «جاۋابسىز قالغان تېلېفون» ھېكايىسى يىگىرمە نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغاندىن باشقا بۇ ھەقتىكى مەزكۇر 20 مىنۇتلۇق بەدىئىي ھۆججەتلىك فىلىم دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە تارقىتىلغان بولۇپ، تۈركچە ۋە خىتايچە تەرجىمە نۇسخىلىرى ئاۋاز بېرىش باسقۇچىدا ئىكەن. شۇنداقلا پات ئارىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى فىلىم فېستىۋالىدا ۋە كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلايدىكەن.