جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى «ياۋروپادا ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش» يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019.04.18
iriqchiliqqa-qarshi.jpg پارىژدا چاقىرىلغان «ياۋروپادا ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش» يىغىنىغا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشەندۈرمەكتە. 2019-يىلى 17-ئاپرېل.
RFA/Ekrem

فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا چاقىرىلغان «ياۋروپادا ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش» يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان.

17-ئاپرېل باشلانغان، 19-ئاپرېل ئاخىرلىشىدىغان «ياۋروپادا ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش» يىغىنى فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى ئىستىراھەت (خولىدەي ئىن) مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. مەزكۇر يىغىننى «ياۋروپادا ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى تەشكىلاتى» تەشكىللىگەن. يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ئىرقچىلىققا قارشى ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 20 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلار قاتارىدا د ئۇ ق مۇ تەكلىپ قىلىنغان.

بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى---ياۋروپادا باش كۆتۈرۈۋاتقان مىللەتچىلىك ۋە ئىرقچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇش، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىرقچىلىق ۋە مىللەتچىلىكنى چەكلەش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، كۆچمەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت بولغان.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىشىۋاتقان جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تەپسىلىي ئاڭلاتقان. دولقۇن ئەيسا يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىرقچىلىق ۋە مىللەتچىلىك سىياسەتلىرى نەتىجىسىدە نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى پاش قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ دوكلاتىدىن كېيىن يىغىن ئەھلى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، جۈملىدىن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە «ياۋروپادا ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى بېنجامىن ئەپەندى بۇ يىل 2-ئايدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن بولغان 380 نەپەر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىمزاسىنى ئېلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى خەلقئارالىق سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قوزغىغان ئىكەن.

د ئۇ ق رەئىسى بۇ قېتىم يىغىن جەريانىدا ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن تونۇشۇش، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئىچكىرىلەپ چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىگە ئىزچىل ھالدا سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەسىنى تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت بولۇپ، فىرانسىيەدىكى ھەر ساھە تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.