گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە مىللىي كىرىزىس» يىغىنىدا جازا لاگېرلىرى ئاڭلىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2019-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە مىللىي كرىزىس» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2019-يىلى 21-ماي، گېرمانىيە.
«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە مىللىي كرىزىس» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2019-يىلى 21-ماي، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە مىللىي كىرىزىس» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

19-مايدىن 21-مايغىچە گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە مىللىي كىرىزىس» ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى تەكلىپكە بىنائەن قۇرۇلتايغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ يىغىننى «پۈتۈن دۇنيا خىتاي ۋە ئاسىيانىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى قوللاش مۇنبىرى» ناملىق تەشكىلات باشچىلىقىدا «خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى»، «تەيۋەن دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى»، «دېموكراتىك خىتاي فرونتى»، «خىتاي جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى» قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

يىغىنغا يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان تەشكىلات، پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىرى، ھەر ساھە خىتاي دېموكراتلىرى قاتناشقاندىن سىرت، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى، دالاي لامانىڭ ياۋروپادىكى ۋەكىلى، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىلى، تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان.

يىغىندا خىتايدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەت، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خىتايدىكى ئادۋوكاتلار، فالۇنگوڭچىلار، دىنىي زاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسى قاتارلىق غول تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، تىبەت ھەم جەنۇبىي موڭغۇلىيە مەسىلىمۇ نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.

كۆلن شەھىرىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولىنىپ، بارلىق مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن مەجبۇرىي مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار گېرمانىيەسىدە دەۋر سۈرگەن ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ 21-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىدە چەتئەللەردە دېموكراتىك ھەرىكەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان خىتايلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇملارغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دىلشات رېشىت يىغىندا يەنە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇشتىكى تۈپ مەقسىتى ھەققىدە توختالغاندا خىتاينىڭ ئاساسىي مۇددىئاسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى تامامەن بېسىقتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە خىتايلاشتۇرۇپ تۈگىتىش ئارقىلىق بۇ زېمىنغا ئەبەدىي ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە جازا لاگېرلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر پاجىئەلەر، لاگېر سىرتىدا قالغان خەلقنىڭ كۈچلۈك نازارەت ئاستىدا ياشاۋاتقان ئېچىنىشلىق ھاياتى توغرىسىدىمۇ ئەتراپلىق توختالغان.

دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن ئەھلى «شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلمىغۇچە، خىتايدا دېموكراتىيە بولمايدۇ. كوممۇنىستىك پارتىيە يوقالمىغۇچە، خىتاي خەلقى ئەركىن نەپەس ئالالمايدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى مەۋجۇت بولغان مۇددەت ئىچىدە نە خىتاي خەلقى، نە شەرقىي تۈركىستانلىقلار، نە تىبەتلەر، نە جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرگە ئارام بولمايدۇ» دېگەنلەردە پىكىر بىرلىكىگە كېلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى يوقىتىشنىڭ قاتتىق-يۇمشاق بارلىق چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە جىددىي ئىزدىنىشنى تەكىتلەشكەن.

ئەمما بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان جەنۇبىي موڭغۇلىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىلى بولغان تەمسىلتو ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ خىتاي دېموكراتلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى تىلغا ئېلىپ باشقىچە بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي دېموكراتلىرى ھە دېسىلا شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىگە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قارشى نەزەرىيەسىنى بازارغا سالدى. مەن بولسام ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرنىڭ قارشى تۇرىدىغىنى يالغۇز شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەمەس، بەلكى خىتاي تاجاۋۇزچى دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردۈم. خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تەلەپ قىلىۋاتقىنى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك. بىزنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنىمىز بولسا ئۆز ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى. خىتايدا ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇپ دېموكراتىك بىر قۇرۇلما بەرپا قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر بىز مۇستەقىل بولالمىساق دېموكراتىك خىتاي بىلەن كوممۇنىستىك خىتاينىڭ بىز ئۈچۈن پەرقى يوق. خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى يوقىتىش مەقسىتىدە جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىمۇ ھازىرغا قەدەر 100 مىڭدىن ئارتۇق مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى خىتاي تاجاۋۇزچى دۆلىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. مەنچە، مەيلى دېموكراتىك خىتاي بولسۇن، مەيلى كوممۇنىست خىتاي بولسۇن ۋە مەيلى مىللەتچى خىتاي بولسۇن، مۇبادا بىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىمىزگە ھۆرمەت قىلمىسا، ھەممىسى ئوخشاشلا دۈشمىنىمىزدۇر.»

يىغىنغا قاتناشقان تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى ۋە خىتاي دېموكراتىك زاتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر زۇلۇم سىياسىتىنى بىردەك ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىغىندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنسېرى مۇستەبىتلىك يولىغا قەدەم بېسىۋاتقانلىقى، خىتاينى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۆزگەرتىشتىن ئۈمىد كۈتۈشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى، زوراۋان ھاكىمىيەتنى زورلۇق كۈچكە تايىنىپ ئاغدۇرۇپ تاشلاش لازىملىقى توغرىسىدىكى پىكىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا تاشلانغان.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3 كۈن داۋاملاشقان بۇ يىغىندا مۇھاجىرەتتە سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر ھەمدە ھەر ساھە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتايغا قارشى زىچ ھەمكارلىشىپ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىشى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولغان.

يىغىندا يەنە شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ كېڭەيمىچىلىك، تاجاۋۇزچىلىقنى ماھىيەت قىلغان بىر ئىستراتېگىيەلىك پىلان بولغانلىقىنى دۇنياغا كەڭ تەشۋىق قىلىش، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى بەرپا قىلىپ مىليونلاپ ئۇيغۇرنى يوقىتىشقا، ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشىدىكى غەرەزلىرىدىن بىرىنىڭمۇ دەل بۇ پىلاننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى پاش قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشقان.

مەزكۇر يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە 1989-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى يۈز بەرگەن «تيەنئەنمىن ۋەقەسى» نىڭ 30 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەش، بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، نامايىشلار ئېلىپ بېرىش پىلانلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت