ئامېرىكا ۋە خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدىمۇ تىركەشمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.05.18
jenubiy-dengiz-rayoni.jpg خىتاي ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسى دەپ بەلگىلىۋالغان جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ ئۈستىدىن كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى 20-ماي.
AFP

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى سۈركىلىش كۈچەيگەنلىكى مەلۇم. تېخى يېقىندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، «خىتاي پۈتۈن دۇنيا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بىر پەيتنى غەنىيمەت بىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزدا زېمىن كېڭەيمىچىلىكىگە كىرىشتى» دېگەنىدى.

ئامېرىكادىكى بۇ ھەقتە چىقىۋاتقان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا مۇشۇ تەنقىدنى قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەشكە جىددىي كىرىشكەن. چۈنكى خىتاينىڭ ۋىرۇس مەزگىلىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۈنئىي ئاراللىرىنى قوراللاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ نۇرغۇن بايلىقى ۋە كۈچىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۆتكەن 10 يىل مابەينىدە رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى تېز سۈرئەت بىلەن بەرپا قىلغانىدى. بىراق، ئامېرىكا ۋە بۇ رايوندا ئىگىلىك ھوقۇق كۆرۈشى قىلىۋاتقان ۋېيتنام، فىلىپپىن، مالايسىيا، برۇنى ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرۇپ، بۇ زېمىننىڭ خەلقئاراغا ئوچۇق زېمىنلىكىنى قاتتىق تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ئۇنداقتا جەنۇبىي دېڭىز زادى نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟ رادىيومىز يېقىندا مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىلەرنى زىيارەت قىلىپ بىر ۋىدىيو تارقاتتى. ئامېرىكادىكى «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارالىق تەتقىقاتلار مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى گىرىگورىي پولىڭنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي دېڭىز دۇنيادىكى ئەڭ قايناق تىجارەت يوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋرۇپانى خىتاي، ياپونىيە ۋە ئامېرىكاغا تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۈگۈن ئىكەن. گەرچە ئۇ ئىككىنچى پارس قولتۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا مول تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە ئىكەن. بىراق بۇ بايلىقلار دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى دۆلەتلەرلا قېزىپ چىقىرالايدىغان ئورۇنلاردا ئىكەن»

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ كەلگۈسى زور دۆلەت بولۇش نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ رايوننى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا جورج مەيسون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن جاڭ كېتيەن ئىسىملىك تەتقىقاتچىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى ئىنتايىن مۈجمەل بىر ئاساسقا تايىنىدىكەن، يەنى ئۇ بۇ رايوندا 9 نۇقتىلىق بىر لىنىيەنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ بۇ يەردە ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق خىتاي ھازىرغىچە بۇ نۇقتىلىق 9 لىنىيەنىڭ زادى قەيەرلەرگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى تولۇق ئاشكارىلاپ باقمىغانىكەن. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سەپسەتىسىنىڭ باشقا 6 دۆلەت تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنىشىدىن ئېھتىيات قىلىدىكەن.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دېڭىز رايونىدىكى 8-9 جاينى ئىشغال قىلىۋالغان بولۇپ، ئۇ 2012-يىلىدىن تارتىپ بۇ ئىگىلىك ھوقۇق سەپسەتىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كېڭىيشنى پىلانلىغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى قاتتىق كۈچەيتكەن.

گىرىگورىي پولىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا بىر قانچە يىلدىن بېرى كۈچىنى ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى قىلىۋاتقان باشقا كىچىك دۆلەتلەرنى قورقۇتۇش ۋە ئۇلارنى ھاقارەتلەشكە قاراتقان. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى، بۇ كىچىك دۆلەتلەرنى قورقۇتۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۆز دەۋاسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرى بار، شۇڭا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خىتاي تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشى ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە زىيان بېرىدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى كونترول قىلىۋېلىشى ياۋروپا ۋە ئۇ ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ كەلگۈسى خەۋپسىزلىكىگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىدىكەن. شۇڭا ئۇ ئامېرىكانىڭ ھازىر بار كۈچى بىلەن جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دەرۋەقە، ئامېرىكا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان دېڭىز رايونىدىكى دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، ھاۋا ئارمىيەسى بىلەن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىنى ئۆتكۈزگەن بولسا، شۇنداقلا يەنە فىلىپپىن دېڭىزى رايونىدا سۇ ئۈستى پاراخوتلىرى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى تەڭ ئىشقا سېلىپ مانۋېر ئېلىپ بارغان.

ئامېرىكا يېقىندا، يەنى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى USS رافاەل پەرالتا ئارلەىغ-بۇركە ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتىنى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدىكى دېڭىز قىرغىقىدىن 116 دېڭىز مىلى يىراقلىققا ئورۇنلاشتۇرغان. «ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، «بۇ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە شىمالدىكى سېرىق دېڭىزدا كۆرۈلگەن ئىككىنچى ئامېرىكا قوغلىغۇچى پاراخوتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. دىققەت قوزغايدىغىنى، بۇ پاراخوتلار ئۇچۇپ ئۆتۈۋاتقان ئايروپىلانلارنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشكە تەييار قىلىپ قويۇلغان ئىكەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.